UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1943 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1943 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 8 - يانۋار، ستالىنگراددا مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان گېرمانىيە ئارمىيىسى تەسلىم بولۇشنى رەت قىلدى. 10 يانۋار، سوۋېت ئارمىيىسى مۇھاسىرىگە ئېلىنغان گېرمانىيە قوشۇنلىرىنى يوقىتىشقا كىرىشتى. 11 - يانۋار، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە جۇڭگو جۇڭگوغا زېمىن سىرتى قويۇش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. 13 - يانۋار، گېرمانىيە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك جاكارلپ، ئارقا سەپتە قېپقالغان زاپاس ئادەم كۈچىنى قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئالدىنقى سەپ بىلەن ھەربىي سانائەتتىكى ئادەم يېتىشمەسلىكنى تولۇقلىماقچى بولدى.ئەمگەك باش تەپتىشنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، مەجبۇرىي ئەمگەك يولغا قويۇلۇپ، 3 - ئىمپېرىيىدىكى 16 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئەرلەر ۋە 17 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئاياللار يەرلىك «ئەمگەك ئىدارىسى»گە تىزىملىتىش بەلگىلەندى، يەنە ئىشغال قىلىنغان دۆلەتلەردىن ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى زورلۇق بىلەن يىغىپ (1943 - يىل يازغا كەلگەندە، گېرمانىيىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلەۋاتقان چەت ئەللىك ئىشچىلار ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرى 6 مىليون 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن) ئەمگەككە سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىچىك تىپتكى سانائەت، قول سانائەت ۋە سودا كارخانىلىرىنى تاقاپ، خام ئەشيا، يېقىلغۇ زاپىسى ۋە توك كۈچىنى قايتىدىن تەقسىم قىلىپ، ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىغا ئىشلەتتى. خام ئەشيالارنى تەقىسىم قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭشەشنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ئىقتىسادىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، قورال - ياراغ ۋە تەمىنات مىنىستىرى ئالبېرت سرېئېر ئىگىلىدى. 14 - 26 - يانۋار، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا كاسابلانكىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى (روزۋېلت بىلەن چېرچېل سۆھبەت ئۆتكۈزدى). ھەربىي پىلاننى مۇزاكىرە قىلىش ۋاقتىدا، چېرچېل بىلەن ئەنگلىيە سەنممۇبۇسى 1943 - يىل ئوتتۇرا دېڭىز جېڭىنى كېڭەيتىپ، ياۋروپانىڭ «تۆۋەنكى قورسىقى» دەپ ئاتىلىدىغان قىسىمى بالقان ياكى ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلدى. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ سەنمۇجاڭى مارشال بېرىتانىيە بوغۇزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، فرانسىيىگە بۆسۈپ كىرىشنى تەشەببۇس قىلدى. بىراق روزىۋېلىت ئكزى ئوتتۇرا دېڭىز جېڭىنى كېڭەيتىشكە مايىل ئىدى. يىغىن ئاخىرىدا، شىمالىي ئافرىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، سىتسىلىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشنى قارار قىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، سوۋېت ئارمىيىسى ۋورونېژ بىلەن كانتېمىروپكا ئارىلىقىدا، ھەمدە ۋورونېژ - كاستورنونېدا ئىككى قېتىم ھۇجۇم جېڭىنى قوزغاپ، دۈشمەننىڭ جەمئىي 26 دىۋىزىيىسىنى يوقىتىپ، ئالتە دىۋىزىيىسىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتتى. 12 - يانۋار، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لېنىنگراد يۆنىلىنىش ئارمىيىسى ۋە ۋولخوۋ يۆنىلىش ئارمىيىسى بالتىق دېڭىز قىزىل بايراق فلوتى بىلەن لادوكا كۆلى رايونىدىكى فلوتنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، لادوكا كۆلىنىڭ سەل جەنۇبىدا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى. 18 - يانۋار، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ لېنىنگرادتىكى مۇھاسىرسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، لادوكا كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا 11 - 8 كىلومېتر كەڭلىكتە كارىدور ھاسىل قىلدى، ھەم فېۋرالدا بىر تۆمۈريول قۇرۇپ، لېنىنگراد بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 21 - يانۋار، ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى گېرمانىيىنىڭ سانائەت قۇرۇلمىلىرىغا كەڭ كۆلەمدە تۇيۇقسىز ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى. 23 - يانۋار، ئەنگلىيە ئارمىيىسى لىۋىيىنىڭ پايتەختى ترىپولىغا كىردى. 26 - يانۋار كەچتە، غەرب تەرەپتىن ستالىنگرادقا بۆسۈپ كىرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دون يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ 21 - جىتۇەنجۈنى مامايېۋگى رايونىدا ستالىنگراد مۇداپىئەسىدە تۇرۇۋاتقان 62 - جىتۇەنجۈنى بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇھاسىرىگە ئېلىنغان گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ كورپۇسلىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ تاشلىدى. 1943 فېۋرال 2 - فېۋرال، ستالىنگراد جېڭى ئاخىرلاشتى. سوۋېت ئارمىيىسى گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ 22 دىۋىزىيىسىنى تولۇق يوقىتىپ، مارشال پائۇلۇس باشچىلىق قىلغان 91 مىڭ نەپەر ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالدى. ستالىنگراد جېڭى جەريانىدا گېرمانىيە فاشىستىك ئارمىيىسى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم، 3500 دىن ئارتۇق تانكا ۋە زەنجىر تاپانلىق ھارۋىغا ئورنىتىلغان زەمبىرەك، 12 مىڭدىن ئارتۇق زەمبىرەك ۋە مىناميوت، 3000 دىن ئوشۇق ئايروپىلان زىيان تارتتى. 10 - فېۋرال، ئالجىرىيە مىللىي بۇرژۇئا سىنىپىنىڭ داھىيىسى ئالجىرىيىنىڭ مۇستەملىكىلىك ئورنىدىن قۇتۇلۇش پروگراممىسى - «ئالجىرىيە خەلق خىتابنامىسى» نى تۈزدى. شۇ كۈنى، ھىندىستاندىكى ئەنگلىيە مۇستەملىگىچى دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتىگە نازازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، گەندى ئۈچ ھەپتىلىك ئاچلىق ئېلان قىلدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئالەن دۇللېس گېرمانىيە ۋەكىلى بىلەن تەنھا سۈلھ قىلىش سۆھبىتى ئېلىپ باردى؛ برازىلىيە ۋە ئامېرىكا ئىككى دۆلەت قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىللىرى رىئو - دې - ژانېيرو بىلەن رېسىفىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 1943 مارت 5 - مارت، ئافېنا گېرمانىيە فاشىستىك ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ خەلقنى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن 250 مىڭ كىشىلىك كۈچ كۆرسىتىش - نامايىش ئۆتكۈزدى. 5 - مارت، تۇرىن، مىلان ۋە ئىتالىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى ھەربىي سانائەت كارخانا كەسىپلىرى ئىش تاشلىدى، ئىش تاشلىغان ئىشچىلار ئىش ھەققىنىڭ ئۆستۈرۈشىنى ماددىي يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ فاشىستىك مۇستەبىتلىككە قارشى تۇردى. ئىش تاشلش 2 - ئاپرېلغىچە داۋاملاشتى. 9 - مارت، ياپونىيىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ھىندۇنېزىيىدە سوكارنو باشچىلىقىدىكى مىللەتچى تەشكىلات «خەلق مەنىۋى كۈچىنىڭ مەركىزى» (پوتېر) ئاشكارا قۇرۇلدى. 12 - 29 - مارت، ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئانتونى. ئىدېن ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئۆكتۈزدى. 15 - مارت، دارلاننىڭ ئورنىغا شىمالىي ئافرىقا فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ھېنرى گرائۇد جياڭجۈن 1940 - يىلدىن بۇيان فرانسىيىگە قاراشلىق بولۇپ كەلگەن شىمالىي ئافرىقىدا ماقۇللانغان قانۇنلارنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاپ، پارلامېنتلىق تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 16 - مارت، مارتنىڭ باشلىرىدا جەنۇبىي سەپتە زەربىدارلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىغان گېرمانىيە ئارمىيىسى خاركوۋ، ئوكرائىننىڭ شەرقىي شىمالى ۋە شەرقىي قىسىمىدىكى رايونلارنىڭ بىر قىسمىنى قايتىدىن بېسىۋالدى. مارتنىڭ ئاخىرى، سوۋېت ئارمىيىسى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى توختاتتى، ئىككى تەرەپ بىردەك مۇداپىئەگە يۆتكەلدى. 20 - مارت كېچىدە، مونتگومېرى قوماندانلىقىدىكى ئەنگلىيىنىڭ 8 - جۈنتۈەنى (تەخمىنەن 160 مىڭ ئادەم) تۇنىسىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە قوشۇنلىرى (تەخمىنەن 80 مىڭ ئادەم) گە ھۇجۇم قوزغىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئەنگلىيە ئارمىيىسى گېرمانىيە ئىتالىيە ئارمىيىسىنىڭ مارېت مۇداپىئەسىنى ئىگىلەپ، دۈشمەن ئارمىيىسىنى شىمالغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. ئەنگلىيىنىڭ 8 - جۈنتۇەنى بىلەن بارتون قوماندانلىقىدىكى ئامېرىكىنىڭ 2 - جۈنتۇەنى ئۇچراشتى. 1943 باھاردا گوللاندىيىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى كومىتېتى قۇرۇلدى. 1943 ئاپرېل 7 - 10 - ئاپرېل گىتلېر بىلەن مۇسسولىن سالزبۇرگ يېنىدىكى كلاسخېيمدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 8 - ئاپرېل، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت مال باھاسى ۋە ئىش ھەققىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. 15 - ئاپرېل، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى «ئىنسانپەرۋەرلىك گېزىتى» «قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىنىش توغرىسىدا ئومۇمىي كۆرسەتمە» ئېلان قىلدى. 19 - ئاپرېل (ئىيۇلنىڭ دەسلىپىگىچە)، ۋارشاۋادىكى يەھودىيلار رايونى گىتلېر فاشىستلىرىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 20 - ئاپرېل، ئەنگلىيە - ئامېرىكا - فرانسىيە ئىتتىپاقچى ئارمىيىسى 20 دىۋىزىيە ۋە تۆت برىگادا ئەسكىرىي كۈچنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تۇنىس شەھەر ئەتراپىدا قاتتىق مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان گېرمانىيە - ئىتالىيە قوشۇنلىرىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. 25 - ئاپرېل، سوۋېت ئىتتىپاقى لوندوندىكى پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. 27 - ئاپرېل، مېكسىكىدا يېڭى يەر قانۇنى يولغا قويۇلدى. 28 - ئاپرېل، پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتى بىلەن مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىللىرى، پولشا ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ھەرقايسى فاشىزمغا قارشى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك كېلىشىمىنى تۈزۈش، ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن پولشا قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلدى. 30 - ئاپرېل (5 - مايغىچە)، گوللاندىيە ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىش تاشلاش ئۆتكۈزۈپ، كونا ھەربىيلەرنى گېرمانىيىگە ئەۋەتىشكە نازارىلىق بىلدۈردى. 1943 ماي 7 - ماي، ئىتتىپاقچى ئارمىيە تۇنىس شەھىرى بىلەن بىزېرتا پورتىنى ئىشغال قىلدى. 9 - ماي، «پولشا ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقى» سوۋېت ئىتتىپاقىدا پولشىنىڭ 1 - دىۋىزىيىسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. 11 - 19 - ماي، چېرچېل بىلەن روزۋېلت ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 13 - ماي، گېرمانىيىنىڭ ئافرىقا جىتۇەنجۈنى بىلەن شىمالىي ئافرىقىدىكى ئىتالىيە قوشۇنلىرى تەسلىم بولدى. گېرمانىيە - ئىتالىيە قوشۇنلىرى پۈتكۈل ئافرىقىدىن تازىلاپ چىقىرىلدى. شۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىدا، ئامېرىكىدا 530 مىڭ كۆمۈركان ئىشچىسى ئىش تاشلىدى. 27 - ماي، فرانسىيىدە مەملىكەتلىك قارشلىق كۆرسىتىش كومىتېتى قۇرۇلدى، بۇ كومىتېتقا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ھەرقايسى تەشكىلاتلىرى، يەر ئاستى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە سىياسىي پارتىيىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. 28 - ماي، ئامېرىكىدا ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئورگىنى قۇرۇلدى. شۇ ئاينىڭ ئاخىرى، ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى 16 مىڭ نەپەر پارتىيە ئەزاسىغا ۋەكالىتەن بومبايدا 1 - قۇرۇلتىيىنى چاقىردى. 1943 3 - ئىيۇن، چارلېس دې گول باشچلىقىدىكى فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتى ئالجىرىيىدە قۇرۇلدى. ھېنرى گىرائۇدمۇ جياڭجۈن فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىغا قاتناشتى. كومىتېت ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىگە قارشى ئۇرۇش داۋامىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى قوللاشقا كاپالەتلىك قىلدى. 7 - ئىيۇن، ئارگېنتىنادا «بىرلەشمە ئوفىتسېرلار پولكى» سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، فاشىست پەرەس ئارگېنتىنا مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قۇردى. 15 - ئىيۇن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تارقالغانلىقىنى جاكارلىدى، ياش كوممۇنسىتىك ئىنتېرناتسىئونالمۇ بىرلا ۋاقىتتا تارقالدى. 25 - ئىيۇن، ئامېرىكا «ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئەمگەك ئىش ھەققى توقۇنۇشىنى تەرتىپكە سېلىش قانۇن لايىھىسى» يەنى «سىمىت - كانناللۇ ئىش تاشلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھىسىدە ئومۇمەن ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى ئىش تاشلىماقچى بولسا 30 كۈن بۇرۇن جاكارلىشى ھەمدە ئىشچىلار بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشى كېرەك؛ ئىش تاشلاش ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشتىن توختاشقا ئېلىپ بارسا، زۇڭتۇڭغا نازارەت قىلىش ھوقۇقى بېرىش؛ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكىتىدە بولغانلارغا جىنايى ئىشلار بويىچە جازا بېرىش؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئۆز ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان سەرمايىلىرى بىلەن ھەرقانداق سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى چەكلەش بەلگىلەندى. شۇ ئاينىڭ ئاخىرى، ئىتالىيىدە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى كوممۇنىستلار، سوتسىيالىستلا، خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە لېبىراللار پارتىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى مىلاندا مەخپىي يىغىن ئاچتى. يىغىندا كېڭەش ئورگىنى ۋە ئالاقىلىشىش مەركىزى سۈپىتىدە پارتىيە سىرتى كومىتېتى قۇرۇلدى. 1943 ئىيۇل 4 - ئىيۇل، پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ۋىلادۇسلاۋ سىكورىسكى جياڭجۈن ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا سىتانلاۋ مىكولايچىك باش مىنىستىر بولۇپ تەيىنلەندى. 5 - ئىيۇل، گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق فرونتى ۋە گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسى 1942 - يىل ئۆكتەبردە گرېتسىيىگە يېتىپ كەلگەن ئەنگلىيە ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كېلىشىم ئىمزالاپ، گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرق قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانلىقىغا تەۋە بولىدىغانلىقنى ئېتىراپ قىلدى. ئەنگلىيىنىڭ ئەددى - ۋودخائۇز ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى پارتىزان قىسىملارنىڭ بىرلەشمە قوماندانلىق شتابىنى قۇردى، گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق فرونتى، گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسى، گرېتسىيە مىللىي دېموكراتىك ئىتتىپاقى، مىللىي ئىجتىمائىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە ئەنگلىيە ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ قوماندانلىق شتابقا قاتناشتى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇش سېپىدە «قورغا جېڭى» نى قوزغىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى 900 مىڭ كىشىلىك قوشۇن، 10 مىڭ زەمبىرەك، 2700 تانكا، 2000 دىن ئارتۇق ئايروپىلاننى توپلاپ، كۇرىسكى رايونىدىكى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ گەۋدىلىك بازىسىغا ھۇجۇم قوزغىدى. 9 - ئىيۇل كېچىدە، ئەنگلىيە - ئامېرىكىنىڭ پاراشوتى قىسىملىرى سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چۈشتى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملىرىمۇ ئوخشاشلا قۇرۇقلۇققا چىقىشقا باشلىدى. 17 - ئاۋغۇستا كەلگەندە ئامېرىكا - ئەنگلىيە قىسىملىرى سىتسلىيە ئارىلىنى تولۇق كونترول قىلدى. ئېزىنخاۋېر قوماندانلىقىدىكى ئامېرىكا - ئەنگلىيە قوشۇنلىرى سىتسىلىيە جېڭىگە جەمئىي 13 دىۋىزىيە، ئۈچ مۇستەقىل پرىگادا ۋە بەش ئالاھىدە قۇرۇقلۇققا چىققۇچى شۆبە رازۋېت ئەترەت، 4000 كۈرەشچى ئايروپىلان، 1500 ترانسىپورت ئايروپىلانى، 3200 ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن جەڭگە كىردى. 12 - ئىيۇل، سوۋېت ئارمىيىسى كورىسكى رايونىدىكى بازىنىڭ گەۋدىلىك قىسمى بولغان 550 كىلومېترلىق ئۇرۇش لىنىيىسىدە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا % 17 كۆپىيىپ، 13 يۆنىلىش ئارمىيە بولۇپ تەشكىللەنگەنىدى. سوۋېت ئارمىيىسى كورىسكى ئۇرۇش لىنىيىسىگە ئۇرۇش قىلغۇچى خادىملارنىڭ 26 پىرسەنتىنى، زەمبىرەك ۋە مىناميوتىنىڭ 26 پىرسەنتىنى، كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ 5 . 30 پىرسەنتىنى، تانكىنىڭ 46 پىرسەنتىنى توپلىغان. 23 - ئاۋغۇستتا ئوكرائىننىڭ 2 - چوڭ شەھىرى خاركوۋ ئازاد قىلىنىش بىلەن، كورىسكى جېڭى ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى جەڭدە، گېرمانىيە ئارمىيىسى 500 مىڭدىن ئارتۇقراق ئادەم چىقىم تارتتى. شۇندىن باشلاپ، گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ستراتېگىيە جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىدىن تولۇق مەھرۇم بولۇپ، قايتا ھۇجۇم قوزغىغاندەك مادارى قالمىدى. 12 - 13 - ئىيۇل، «ئەركىن گېرمانىيە» كومىتېتىنى تەشكىللىدى. ھەم تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش مىللىي ھەرىكەت پروگراممىسىنى ئېلان قىلىپ، ھەربىي ھەرىكەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ فاشىستىك ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مىللىي دېموكراتىك تىنچ ھۆكۈمەت قۇرۇپ، گىتلېرچى ئۇنسۇرلارنى قولغا ئېلىپ سوراق قىلىشنى، گېرمانىيىدە دېموكراتىيە ئەركىنلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «ئەركىن گېرمانىيە» مىللىي كومىتېتىنىڭ ھەرىكىتى ئۇزۇنغا قالماي گېرمانىيىنىڭ ئۆز زېمىنىغا ۋە ياۋروپادىكى ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگىچە كېڭەيدى. 24 - 25 - ئىيۇل، ئىتالىيە فاشىستىك ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلدى ھەم موسسولىن قولغا ئېلىنىپ، پېترو بادوگلىئو ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، ئىتالىيىدە مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاممىۋى نامايىش پارتلىدى، نامايىشچىلار فاشىستىك تۈزۈمىنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاپ، فاشىست جىنايەتچىلەرنى جازالاشنى، دېموكراتىيە - ئەركىنلىكنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىش تاشلاش دولقۇنى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى ھەرقايسى سانائەت رايونلىرىنى قاپلاپ كەتتى. 27 - ئىيۇل، ئىتالىيىدە بادوگلىئو ھۆكۈمىتى فاشىستىك پارتىيىنى تارقىتىۋەتتى. ئارقىدىنلا يەنە فاشىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 1943 ئاۋغۇست 3 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى پارتىزان ئەترەتلىرى گىتلېر قوشۇنلىرىنىڭ قاتناش لىنىيىسى (تۆمۈر يول لىنىيىسى) گە مەركەزلىك ھالدا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. 5 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئارمىيىسى بويوك لۇكتىن قارا دېڭىز بويلىرىغىچە بولغان كەڭ ئۇرۇش لىنىيىسىدە قايتۇرما ھۇجۇمدىن ستراتېگىيىلىك ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتتى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي ھۇجۇم 1943 - يىل قىش ۋە 1944 - يىلنىڭ باشلىرىغىچە داۋام قىلدى. 14 - 24 - ئىيۇل، روزۋېلت بىلەن چېرچېل كانادانىڭ كۋېبېكدا يىغىن ئاچتى. ئىتتىپاقاچى ئارمىيىنىڭ 1944 - يىل فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش مەسىلىسى يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپى قىلىندى. مۇزاكىرە ئارقىلىق، 1944 - يىل 1 - مايدا فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىشنىڭ «زومىگەرلىك»جېكىنى باشلاش قارار قىلىندى. 19 - ئاۋغۇستتىكى يىغىندا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئاتوم قوراللىرىنى ئورتاق تەتقىق قىلىش توغرىسىدا مەخپىي كېلىشىم ئىمزالاندى، ئىككى تەرەپ بۇ خىل قورالنى قارشى تەرەپكە تاقابىل تۇرۇشتا مەڭگۈ ئىشلەتمەسلىككە، ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى بولماي تۇرۇپ ئۇنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارشى ئىشلەتمەسلىككە، ئاتوم قورالى ماتېرىياللىرىنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە بەرمەسلىككەقوشۇلدى. يىغىن يەنە سوۋېت، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىن ئېچىش مەسىلىسدە پرىنسىپال كېلىشىم ھاسىل قىلدى. يىغىن شتاب باشلىقلىرى كومىتېتى تۈزگەن غەربتىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيادا ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى تەستىقلىدى. 25 - ئاۋغۇست، لوئىش مونتباتتېن باشچىلىقىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقچى ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى قۇرۇلدى. 29 - ئاۋغۇست، بۇلغارىيە پادىشاھسى بورىس III تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى، مۇۋەققەت ھاكىمىيەت يىغىنى سىياسىي ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شۇ كۈنى دانىيىدە ئومۇمىي ئىش تاشلاش ئۆتكۈزۈلۈپ، نېمىس فاشىست تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يولغا قويغان پەۋقۇلئاددە ھەربىي ھالەت بۇيرۇقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. شۇ ئايدا، ياپونىيىلىك ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى بىرما «مۇستەقىل» لىك جاكارلىدى. 1943 سېنتەبر 1 - سېنتەبر، ئالبانىيە مىللىي ئازادلىق فرونتى ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى چاقىردى. 3 - سېنتەبر، ئىتالىيە سىتسىلىيە ئارىلىدا ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىگە ئۇرۇش توختىتىپ تەسلىم بولۇش خېتىگە قول قويدى. بۇرۇنلا ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىتالىيىنىڭ بادوگلىئو ھۆكۈمىتى پورتۇگالىيىنىڭ پايتەختى لىساببونغا مەخپىي ئەلچى ئەۋتىپ، ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئىتالىيىنىڭ تەسلىم بولۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكا - ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كۋېبېك يىغىندا ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتتى ھەم ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى ئېزىنخاۋېرغا تەسلىمنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بەردى. 3 - سېنتەبر ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 8 - سېنتەبر، ئېزىنخاۋېر ئۇرۇش توختىتىش خىتابنامىسىنىڭ تولۇق تېكىستىنى رادىئودا ئاڭلاتتى. خىتابنامىدە ئىتالىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشى، ئىتالىيە بارلىق تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ نېمىسلار ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر بىلەن قارشىلىشىشقا ئوڭايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشنى رەت قىلىشى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىتالىيىنىڭ ئايرودروم ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىلىرىدىن ئەركىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەندى. 9 - سېنتەبر، ئىتتىپاقداش ئارمىيە قوشۇنلىرى سالېدىنودىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئىتالىيىنىڭ غەربىي دېڭىز بويلىرىغا قاراپ سۈرۈلدى؛ ئىتالىيە چېگرىسى ئىچىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسى رىم، مىلان، ترىيېست، گېنويە، بولوگنا، ۋېرونا ۋە كرېمونا قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلىرىنى، ھەمدە شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلىرىنى ئىشغال قىلدى. شۇ كۈنى، ئىتالىيىدىكى فاشىزمغا قارشى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەر رىمدا مىللىي ئازادلىق كومىتېتى قۇردى. مىللىي ئازادلىق كومىتېتقا كوممۇنىستىك پارتىيە، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، ھەرىكەت پارتىيىسى، ئەمگەكچى دېموكراتلار پارتىيىسى، خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە لىبېراللار پارتىيىسى قاتناشتى؛ ئىران گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 15 - سېنتەبر، تۈرمىگە قامالغان مۇسسولىننى گېرمانىيە ئارمىيىسى قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كېيىن جۇمھۇرىيەت فاشىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەم گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ كونتراوللۇقىدىكى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلاردا ھوقۇقنى قولغا كەلتۈردى. 16 - سېنتەبر، دانىيىدە ئەركىنلىك كومىتېتى قۇرۇلدى. 23 - سېنتەبر، مۇسسولىن گېرمانىيە ئارمىيىسىنى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى رايونلارغا يېڭى فاشىستىك «سوتسىيال جۇمھۇرىيەت» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سالو شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ، «سالو جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتالدى. شۇ ئايدا، كورىسكا ئارىلىدىكى خەلق فاشىزمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، قارشىلىق كۆرستىش ھەرىكىتىدىكى قىسىملا پۈتۈن خەلقنىڭ قوللىشى ئاستىدا كورىسكا ئارىلىنى ئازاد قىلدى. 1943 ئۆكتەبر 5 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىتالىيە فلوتىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 9 - ئۆكتەبر، يۇسوف بروزتېتو قوماندانلىقىدىكى يۇگوسلاۋىيە پارتىزان ئەترەتلىرى ترىيېست رايونىدا ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىنىڭ قوشۇنلىرىغا بولغان ھۇجۇمنى قانات يايدۇردى. 13 - سېنتەبر، ئىتالىيىنىڭ بادوگلىئو ھۆكۈمىتى گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئورتاق ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى ئېتىراپ قىلدى. 14 - ئۆكتەبر، ياپونىيىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى فىلىپپىن «فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەم ياپونىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزدى. 19 - 30 - ئۆكتەبر، سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىرى موسكۋادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپادا ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانىنى ئېچىش، ئۇرۇشنىڭ نىشانى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىقنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىن «ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىنى تېزلىتىش ئەڭ مۇھىم مەقسەت» دېگەنگە بىردەك قوشۇلدى. يىغىن تۆت تۈرلۈك خىتابنامە ماقۇللىدى: «ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت، جۇڭگودىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىكى توغرىسىدا خىتابنامە» (يىغىن مەزگىلىدە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق كېڭىشىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فۇبىڭچاڭ بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن قول قويغان)، «ئاۋسترالىيە توغرىسىدا خىتابنامە»، «ئاۋستىرىيە توغرىسىدا خىتابنامە» ۋە «گىتلېرچى ئۇنسۇرلار ئۆزلىرى سادىر قىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە جاۋابكار بولۇش توغرىسىدىكى خىتابنامە» دىن ئىبارەت. يىغىن يەنە سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ياۋروپا مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى تەسىس قىلىپ، ھەربىي ھەرىكەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ياۋروپا مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدى. 21 - ئۆكتەبر، ياپونىيە دائىرىلىرى سىنگاپوردا «ئەركىن ھىندىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» قۇردى. شۇ ئايدا، ھىندۇنېزىيىدىكى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنقىلابىي تەشكىلاتى «ئالتۇن سۈپۈرگە» نىڭ پۈتكۈل ئەزالىرى ياپونىيە ئارمىيىسى بويىچە «ۋەتەننى قوغداش پىدائىيلار قوشۇنى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەربىي مەشق ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە ھەممىسى «پىدائىيلار قوشۇنى» غا قاتناشتى. ھەم «پىدائىيلار قوشۇنى»نىڭ ھەرقايسى باتالىيونلىرىدا مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇپ، كۈچ توپلاپ، ياپونغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە پۇرسەت كۈتتى؛ ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىمالىي قىسىمىدىكى تاغلىق رايونلاردا «گارىبالدنىڭ نەمۇنىلىك جەڭگۋار ئەترىتى» نى قۇرۇشقا كىرىشتى. ئىتالىيىدىكى ھەرىكەت پارتىيىسى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى ۋەلىبېرالىستلار پارتىيىسى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلىرىنى ياكى قوراللىق قىسىملىرىنى قۇردى. 1943 نويابر 1 - نويابر، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملىرى بۇگېنۋىل ئارىلىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. 6 - نويابر، سوۋېت ئارمىيىسى ئوكرائىننىڭ پايتەختى كىيېۋنى ئازاد قىلدى، شۇ يىلى ياز ۋە كۈزدە 350 مىڭ كۋادرات كىلومېتر يەرنى، نەچچە مىليون ئاھالىنى ئازاد قىلدى. دۈشمەننىڭ 118 دىۋىزىيىسىنى يوقاتتى، بۇ گېرمانىيىنىڭ سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچىنىڭ 50 پىرسەنتىگە باراۋەر كېلىدۇ. 9 - نويابر، ۋاشىنگتوندا ئىمزا قويۇلغان بىر كېلىشىمگە ئاساسەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ قېپقالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە قۇتقۇزۇش باش مەھكىمىسى قۇرۇلدى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىنىڭ قۇل قىلىشقا ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. 11 - نويابر، لىۋان پارلامېنتى لىۋان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، لىۋاندا تۇرۇشلۇق فرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ لىۋان زۇڭتۇڭىنى ھەمدە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى. 20 - نويابر، ئامېرىكا قوشۇنلىرى گىلبېرتا ئارىلىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىتى. 22 - 26 - نويابر، روزېلت، چېرچېل، جياڭ جيېشى قاھىرىدە يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ قاھىرە خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى. بۇ خىتابنامە تېھرانغا ئېلىپ بېرىلىپ ستالىننىڭ پىكرى ئېلىندى، ستالىن كۆزدىن كەچۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن 1- دېكابر دۇنياغا ئاشكارا ئېلان قىلىندى. 28 - نويابر (1 - دېكابرغىچە)، ستالىن، روزۋېلت، چېرچېل تېھراندا تۇنجى قېتىم ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى. يىغىن ياۋروپادا ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانىنى ئېچىش مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، 1944 - يىل 1 - مايدا فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۇجۇمنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، شەرقىي سەپتىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ غەربىي سەپكە يۆتكىلىشىنى توسۇش مەجبۇرىيىتىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. روزۋېىت گېرمانىيىنى بەش مۇستەقىل دۆلەتكە بۆلۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چېرچېل پروسسىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى رايونلارنى گېرمانىيىدىن بۆلۈپ چىقىپ، دوناي دەريا فېدېراتسىيىسىنى تەشكىللەش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ستالىن گېرمانىيىنى بۆلۈشكە توغرا كەلسە، ھەقىقىي بۆلۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن گېرمانىيە مەسىلىسىنى ياۋروپا مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلدى. روزۋېلىت گېرمانىيىنى بەش مۇستەقىل دۆلەتكە بۆلۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ستالىن گېرمانىيىنى بۆلۈشكە توغرا كەلسە، ھەقىقىي بۆلۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن گېرمانىيە مەسىلىسىنى ياۋروپا مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلدى. يىغىن يەنە پولشىنىڭ چېگرا مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، ئىران توغرىسىدا ختابنامە ماقۇللىدى، ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشنىڭ خەلقئارا تەشكىلىي مەسلىسى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاخىرىدا سوۋېت، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش جەريانىدا ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ھەمكارلىق جەھەتلەردە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا ختابنامە ئېلان قىلدى. 29 - نويابر، يۇگوسلاۋىيە فاشىزمغا قارشى خەلق ئازادلىق پارلامېنتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنى بوسنىيىدىكى يائىسې شەھىرىدە ئېچىلىپ، يۇگوسلاۋىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتى قۇرۇلدى. خەلق ئازادلىق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى يۇسوف بروزتېتو مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى ھەم تېتوغا مارشاللىق نامى بېرىلدى. شۇ ئايدا، پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى «بىز نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز؟» دېگەن خىتابنامىنى يەنى خەلق پولشىسى قۇرۇش پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، چوڭ سانائەتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش، ھەمدە ئۇندىن باشقا دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا دائىر بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 1943 دېكابر 1 - دېكابر، جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ «قاھىرە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، «ئۈچ دۆلەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ياپونىيىنى 1914 - يىل بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان تىنچ ئوكياندا تارتىۋالغان ياكى ئىشغال قىلىۋالغان بارلىقى ئاراللاردىن مەھرۇم قىلىش، ياپونىيە قولغا كىرگۈزۈۋالغان جۇڭگو زېمىنلىرى، مەسىلەن، مانجۇرىيە، تەيۋەن، پىڭخو تاقىم ئاراللىرىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇش»، «ياپونىيىنى زورلۇق ياكى ئاچكۆزلۈك بىلەن قولغا كىرگۈزۈۋالغان بارلىق زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقىرىش» جاكارلاندى. 4 - 6 - دېكابر چېرچېل، روزۋېلت تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئىسمېت ئىنيونۇ بىلەن قاھىرىدە كۆرۈشتى. 31 - دېكابر كېچىدە، ۋارشاۋادا پولشا خەلق ۋەكىللەر يىغىنى - مىللىي دېموكراتىك فرونتى ئالىي ئورگىنىنىڭ تۇنجى يىغىنى مەخپىي ئېچىلدى. يىغىنغا پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى، سولقانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، دېھقانلار تەشكىلى، يەر ئاستى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە باشقا دېموكراتىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. بولېسلاۋ بېيرۇت خەلق ۋەكىللەر يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. خەلق ۋەكىللەر يىغىنى پولشا خەلق ئارمىيىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى. 1943 شۇ يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. كۆمۈرنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىش مىقدارى 590 مىليون توننىغا، پولاتنىڭ ئىشلەپ چىقىرىىش مىقدارى 80 مىليون 600 مىڭ توننىغا، توكنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 267 مىليون 500 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، سانائەتنىڭ ئىشلەپ چىقىرىىش ئومۇمىي مىقدارى 1939 - يىلغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە ئاشتى. قورال - ياراغنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىش مىقدارى ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىنىڭ قورال - ياراغ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتتى. ئىشلەپ چىقىرىلغان ئايروپىلان 85 مىڭ 900 گە، تانكا 29 مىڭ 500 گە، زەمبىرەك 16 مىڭ 700 گە، ھەربىي پاراخوت ۋە سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئومۇمىي سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 21 مىليون 800 مىڭ توننىغا يەتتى؛ ئامېرىكا تۇنجى سانلىق ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىنى ياساپ چىقتى؛ ئەنگلىيە ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئەھۋالى مۇنداق بولدى: يىللىق چويۇن ئىشلەپ چىقىرىشى 7 مىليون 300 مىڭ توننىغا، پولات 13 مىليون 200 مىڭ توننىغا، كۆمۈر 20 مىليون 210 مىڭ توننىغا، توك كۈچى 38 مىليون 200 مىڭ كىلوۋات سائەتكە، تانكا 7500 گە، ئايروپىلان 26 مىڭ 300 گە، ھەربىي پاراخوت بىرقانچە يۈزگە يەتتى. قوراللىق قىسىملىرىنىڭ سانى 4 مىليون 332 مىڭ كىشىگە يەتتى. ئۇرۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، دۆلەت ئاساسلىق ئىقتىسادىي تارماقلىرىنىڭ نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش بۇيۇملىرىنىڭ 75 پىرسەنتىنى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىدارە قىلدى؛ گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، 25 مىڭ ئايروپىلان، 19 مىڭ 800 تانكا ئىشلەپ چىقاردى؛ برازىلىيە، بولىۋىيە، ئىراق، ئىران ۋە كولۇمبىېيىلەر فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاققا قاتناشىتى؛ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇچلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ئەڭ قىيىن يىللارنى (1941 - ۋە 1942 - يىلنى) بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئازاد رايونلار ۋە 8 -، يېڭى 4 - ئارمىيە قايتىدىن كېڭەيتىلدى. ئازاد رايونلىرىنىڭ ئاھالىسى 50 مىليوندىن 80 مىليونغا، 8 - ۋە يېڭى 4 - ئارمىيىسىنىڭ سانى 100 مىڭدىن 600 مىڭغا (1949 - يىل باھارنىڭ دەسلىپىگە بارغاندا) يەتتى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە