UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1953 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1953 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 5 - 9 - يانۋار، چېرچېل ئامېرىكىنى زىيارەت قىلدى، زۇڭتۇڭ ترومېن ۋە ئەمدىلا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ئېزىنخاۋېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپانىڭ موداپىئە ئىشلىرى، چاۋشيەن ئۇرۇشى ۋە ئەنگلىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى. 8 - يانۋار، ئىران باش ۋەزىرى موسادېھ پارلامېنتتىن ئۆزىگە بېرىلگەن مۇستەبىت ھوقۇقىنى بىر يىل ئۇزارتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئىران پارلامېنتى 9 - يانۋار بۇ تەلەپنى تەستىقلىدى. 10 - يانۋار، مىسىر يېڭى ھۆكۈمىتى ئۈچ يىلنى «ئۆتكۈنچى دەۋر» دەپ جاكارلىدى. «ئۆتكۈنچى دەۋر» دە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پائالىيىتى چەكلەندى ھەمدە ئىنقىلابىي يېتەكچىلىك كومېتېتى پارلامېنتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋاقىتلىق يۈرگۈزىدىغان بولدى. 14 - يانۋار، يۇگوسلاۋىيە پارلامېنتىدىكى ئىككى پالاتانىڭ بىرلەشمە يىغىنى مارشال تېتونى فېدېراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا رەسمىي تەيىنلەندى. 15 - يانۋار، داللېس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۆزىنى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقىغا تەيىنلەشنى ئويلىشىۋاتقاندا، ئىسپات كۆرسىتىپ: «چەكلەش» سىياسىتىنى پاسسىپ، ئامالسىز، «نوقۇل مۇداپىئەلىنىش» سىياسىتى دەپ، «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ تەشەببۇسكار» بولغان، «ئازاد قىلىش ئازادلىق ئۇرۇشنىڭ ئۆزى ئەمەس. ئازاد قىلىش ئۇرۇشتىن مۇستەسنا بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق يېتىش» دېمەكتۇر، دېدى. 17 - يانۋار، مىسىر ئىچكى كابىنېتى پەرمان جاكارلاپ، بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنى رەسمىي تارقىتىۋەتتى. 20 - يانۋار، تۈركىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بالقان مۇداپىئە ئىتتتىپاقىنى رەسمىي قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يۇگوسلاۋىيىنىڭ پايتەختى بېلگرادقا يىتىپ كەلدى. شۇ كۈنى، دۋىت ئېزىنخاۋېر ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا، رىچارد نىكسون مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەندى. 1953 فېۋرال 2 - فېۋرال، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئېزىنخاۋېرنىڭ دۆلەت خېتىدە تەيۋەننىڭ «بىتەرەپلىكى» نى ئەمەلدىن قالغانلىقىنى جاكارلىنىپ، جياڭ جيېشىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ چوڭ قۇرۇقلۇققا پاراكەندىچىلىك قىلىشقا ئۇرۇندى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ: «ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي بۇيرۇقلاردىكى تەيۋەن ۋە پىڭخو تاقىم ئاراللىرىنى جۇڭگو گومىنداڭنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتا بازا قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى تارماقلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن»دېدى. 10 - فېۋرال، مىسىرنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلدى. 23 - فېۋرال، ياۋروپا پولات - تۆمۈر بىرلەشمە شىركىتىگە ئەزا دۆلەتلەر قاھىرىدە يىغىن ئېچىپ، ياۋروپا مۇداپىئە گۇرۇھىنى تەستىقلاشنى بىردەك قوللىدى. 1953 مارت 3 - مارت، بىرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىرمىنىڭ شىمالىي قىسىمىدا كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، 1949 - يىلدىن بۇيان بىرمىدا يوشۇرۇنغان جياڭ جيېشى گۇرۇھىنىڭ گومىنداڭ ئارمىيىسىنى باستۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 5 - فېۋرال، ستالىن ۋاپات بولدى ھەم 9 - مارتتا لېنىن مەقبەرىسىگە دەپنە قىلىندى. 6 - فېۋرال، گىئورگى. مالېنكوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. لاۋرېنتى بېرىيە، مولوتوۋ، نىكولاي. بولگانىن ۋە لازار گاگانوۋىچ مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. مولوتوۋ قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولدى. 20 - مارت، مالېنكوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنسىتىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. نىكىتا خروششېۋ سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي سېكرىتارىيات باشقارمىسىنىڭ ئەمەلىي رەھبەرلىكىگە تەيىنلەندى. 21 - مارت، چېخوسلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى گوتۋالد 14 - مارت ۋاپات بولغانلىقتىن باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى. 31 - مارت، يۇگوسلاۋىيە زۇڭتۇڭى تېتو ئەنگلىيىدە بەش كۈنى زىيارەتتە بولدى. 1953 ئاپرېل 7 - ئاپرېل، شۋېتسىيىلىك ھاممارسكيولد بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى. 11 -ئاپرېل، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپ كېسەل ۋە يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. 12 - ئاپرېل، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى «يېڭى يەر قانۇنى»نى ئېلان قىلدى. 19 - ئاپرېل، ئەركىن لائوس (كېيىن لائوسقا ئۆزگەرتىلگەن) خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. 1953 ماي 1 - ماي، ياپونىيە خەلقى ئىچكى ساھىلدىكى بازىلارغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتتى. شىمالىقي قۇرۇقلۇق (ھازىرقى فوكۇي، ئىشكاۋا، توياما ۋە نىگا قاتارلىق ناھىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلار) دىكى تۆمۈر يول ئىشچىلر ئۇيۇشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىچكى بازىلارغا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي لازىمەتلىك ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەشنى رەت قىلدى. 20 - ماي، فرانسىيە سائار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، سائارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەردى، لېكىن سائار فرانسىيە بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالدى. 21 - ماي، فرانسىيىدە رېنې مائېر كابىنېتى ئىستېپا بەردى. يۇسوف لانېل 26 - ئىيۇن، يېڭى كابىنېت تەشكىللىدى. شۇ كۈنى، ياپونىيىدە 5 - نۆۋەتلىك ئىسدا كابىنېتى قۇرۇلدى. 28 - ماي، سوۋېت ئىتتىپاقى دېموكراتىك گېرمانىيىدىكى باشقۇرۇش كومىتېتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجلىك خاس خادىملارنى ۋەزىپىگە قويدى. % 1953 ئىيۇن 1 - ئىيۇن، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپ بىتەرەپ دۆلەتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قايتۇرۇش دائىرىسىدىكى كېلىشىمگە قول قويدى. 14 - ئىيۇن، كامبودژا شاھزادىسى نورودوم سىخانوك فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە تولۇق مۇستەقىللىك بېرىشنى، ھەم كامبودژىدىن ئايرىلىپ، تايلاندتىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. فرانسىيە ھۆكۈمىتى شاھزادە سىخانوك ھۆكۈمىتى بىلەن 15 - ئىيۇل «فرانسىيە - كامبودژا كېلىشمنامىسى»نى ئىمزالاپ، كامبوردژىنىڭ ھەربىي، ئەدىلىيە ۋە ئىقتىسادىي ئىشلار جەھەتتىكى «تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقى»غا كاپالەت قىلدى. سىخانوك 20 - ئىيۇن كامبودژىغا قايتىپ كەلدى. 18 - ئىيۇن، مىسىر يېڭى ھۆكۈمىتى مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا پادىشاھلىق سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ مەڭگۈلۈك بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. 23 - ئىيۇن، ياپونىيە خەلقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىلرىىغا قارشى تۇرۇش مىللىي كېڭىشى قۇرۇلدى. ياپونىيىنىڭ ئىچكى ساھىلىدىكى ميوئې، ئاساما قاتارلىق جايلىرىدا بازىلارغا قارشى كۆتۈرۈلگەن ھەرىكەت كەسكىنلەشتى. 29 - ئىيۇن، زۇڭتۇڭ ئېزىنخاۋېر ئىراننىڭ باش ۋەزىرى مۇسادېھقا ئەنگلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىش ھەل قىلىنىشىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ ئىراننى تەمىنلەيدىغان ياردەمنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 1953 ئىيۇل 4 - ئىيۇل، ۋېنگرىيىدە راكوس ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىمېرناگى باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى. 10 - ئىيۇل، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بېرىينى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىتىرلىك ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 23 - دېكابر يەنە بېرىيىنىڭ ۋەتەنگە خائىنلىق قىلغان جىنايىتىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. 13 - 18 - ئىيۇل، چاۋشيەن جۇڭگو (پىدائىي قىسىملىرى) قوشۇنلىرى چاۋشيەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۇرۇش سېپىدە كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، لى سىنمان قوشۇنىنىڭ تۆت دىۋىزىيىسىنى تارمار قىلدى. 27 - ئىيۇل چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى پانمۇنجۇدا ئىمزالاندى. 30 - ئىيۇل، ھىندۇنېزىيە زۇڭتۇڭى ئەخمەد سوكارنو ئەلى ساستىرو ئامىد جوجو باشچىلىقىدا يېڭى ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلىشنى جاكارلىدى. شۇ ئاي (1954 - يىلى ئاپرېلغىچە)، ئامېرىكىدا ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ئىقتساىي كرىزىس پارتلىدى. سەككىز ئاي ئىچىدە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش % 9 .9 چۈشۈپ كەتتى. 1953 ئاۋغۇست 6 - ئاۋغۇست، فرانسىيە، ئامېرىكا كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان ئاتالمىش «ناۋار پىلانى» دا، 18 ئاي ئىچىدە ۋيېتنام ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدى. 14 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى ۋودرود بومبىسىنى پارتلاتتى. 16 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالتە ئاي ئىچىدە سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى چاقىرىپ، گېرمانىيە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ كۈنى، ئىران پادىشاھىنىڭ باش ۋەزىرى مۇسادېھنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش سۇيىقەستى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، پادىشاھ ئىراققا قېچىپ بېرىپ پاناھلاندى. 19 - ئاۋغۇست ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. ئامېرىكا 5 - سېنتەبر ئىرانغا 45 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ ئايدا، ئارگېنتىنا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا ۋە تۆلەم كېلىشىمى ئىمزالىدى. 1953 سېنتەبر 3 - 7 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنسىتىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن چاقىردى. خروششېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. يىغىندا خروششېۋ «سوۋېت ئىتىتپاقىدا يېزا ئىگلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرى توغرىسىدا» دوكلات بەردى. 6 - سېنتەبر، فېدېراتىپ گېرمانىيىدە سايلام ئۆكتۈزۈلدى، سايلامدا ئادېناۋر بىرلەشمە كابىنېتى غەلبىگە ئېرىشتى. 26 - سېنتەبر، ئىسپانىيە بىلەن ئامېرىكا كېلىشم ھاسىل قىلدى، ئىسپانىيە ئامېرىكىنىڭ ئۆز زېمىنىدا دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇشىغا قوشۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردىمىنى قولغا كەلتۈردى. 1953 ئۆكتەبر 1 - ئۆكتەبر، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي چاۋشيەن لى سىنمان ھۆكۈمىتى «ئامېرىكا - خەنگو ئورتاق مۇداپىئەلىنىش شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەن «زېمىنى ئىچىدە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقى بار» دەپ بەلگىلەندى. 3 - ئۆكتەبر، برازىلىيىدە مەملىكەتلىك مەخسۇس نېفىت بىلەن شۇغۇللىنىش تەشكىلاتى - برازىلىيە نېفىت شىركىتى قۇرۇلدى. 23 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي، شىمالىي رودېزىيە بىلەن نياسالېند ئەنگلىيىنىڭ پىلانلىشى ئارقىسىدا، ئەنگلىيىگە قاراشلىق رودېزىيە ۋە نياسالېند ئىتتىپاقى بولۇپ ئۇيۇشتى. 30 - ئۆكتەبر، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە كېلىشىم ئىمزالاپ، ياپونىيە مۇھاپىزەتچىە قىسىملىرىنى تولۇقلاشنى بەلگىلدى. 1953 نويابر 2 - نويابر، پاكىستان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى پاكىستاننى ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 12 - 25 - نويابر، دۆلەت رەئىسى كىم ئېرسىن چاۋشيەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگونى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى تەرەپ 23 - نويابردا ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. 29 - نويابر، ياپونىيىنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلىرىدىن كاتاياما قاتارلىقلار ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسى قۇردى. 1953 دېكابر 2 - دېكابر، ھىندىستان ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بەش يىللىق سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى. 4 - 7 - دېكابر، باش ۋەزىر چېرچېل، زۇڭتۇڭ ئېزىنخاۋېر ۋە فرانسىيە باش مىنستىرى يۇسوف لانيېل ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيە مەسىلىسى ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاتالمىش «مۇداپىئەلىنىشى» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. 5 - دېكابر، ئىران ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سۆھبەت ئارقىلىق نېفىت ماجىراسىنى ھەل قىلىشنى جاكارلىدى. 22 - دېكابر، يۇگوسلاۋىيە، گرېتسىيە، تۈركىيە مۇداپىئە ئىتتىپاقى تۈزۈش مەسىلىسىدە پرىنسىپال كېلىشىم ھاسىل قىلدى. شۇ ئايدا، ياپونىيىدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بېرىپ، 1954 - يىلى ئاۋغۇستقىچە سوزۇلدى. توققۇز ئاي ئىچىدە، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 5 پىرسەنتكە يەتتى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە