UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1925 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1925 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 1 - يانۋار، دەمەشق بىلەن ھەلەب سۈرىيە دۆلىتى بولۇپ بىرلەشتى. سۈرىيە مىللىي بۇرژۇئازىيىنىڭ «خەلق پارتىيىسى» 9 - فېۋرال رەسمىي قۇرۇلۇپ، سۈرىيىدىكى ھەرقايسى شتاتلاردىن بىرلىك ۋە مۇستەقىللىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 20 - يانۋار، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە شەرتنامە ئىمزالاپ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئورناتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1905 - يىلىدىكى «پورتسىمۇس شەرتنامىسى»نى ئېتىراپ قىلىپ، 1907 - يىلدىكى بېلىقچىلىق كېلىشىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. ياپونىيە شىمالىي ساخارىن ئارىلىدىن نېفىت ئېلىش ۋە كۆمۈر قېزىش ئىجارە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىمالىي ساخارىندىن ئارمىيە چېكىندۈرۈشكە قوشۇلدى. 1925 فېۋرال 9 - فېۋرال، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى «رېيىن ئۆز ئارا كاپالەت بېرىش ئەھدىنامىسى» تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى، ھەم ئەنگلىيىنىڭ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈردى. فرانسىيىمۇ 1925 - يىلى ئاپرېلدا بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلدى. بىراق گېرمانىيىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتنىشىشنى شەرت قىلدى. 14 - فېۋارال، تايلاند بىلەن فرانسىيە شەرتنامە تۈزدى، فرانسىيە تايلاندىكى بارلىق ئىمتىيازلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، ھەم 1926 - يىلى 25 - ئاۋغۇستتا فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىچىنى چېگرىسىدا ھەربىيىدىن خالىي رايون قۇردى. ئەنگلىيە بىلەن تايلاندمۇ 1926 - يىل 14 - ئىيۇلدا شەرتنامە ئىمزالىدى. ئەنگلىيە تايلاندتىكى ئىمتىيازلىق ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كەچتى. يىل ئاخىرىغا كەلگۈچە، تايلاند ئەدلىيە ۋە تاموژنا بېجىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تامامەن ئۆز قولىغا ئالدى. 28 - فېۋرال، گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ئېبېرت ۋاپات بولدى. 1925 مارت 2 - مارت، ياپونىيە ئەرلەر سايلام قانۇنىنى جاكارلىدى، سايلىغۇچىلارنىڭ سانى 3 مىليوندىن 14 مىليونغا كۆپەيدى، 5 - مارت، ياپونىيە ئەمگەك دېھقانلار پارتىيىسى قۇرۇلدى. 12 - مارت، مىسىر ۋەفدۇن پارتىيىسى يەنە بىر قېتىم سايلامدا غەلىبە قىلدى. ۋافدۇن پارتىيىسى يەنە بىر قېتىم سايلامدا غەلىبە قىلدى. زاگلۇل ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەينلەندى. ۋەفدۇن پارتىيىسى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلىرىگە توسقۇنلۇق قىلدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە بولدۋىن ھۆكۈمىتى 1924 - يىلى 2 - ئۆكتەبردە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ باش ۋەزىرى ماكدونالد ئوتتۇرىغا قويغان «جەنۋە كېلىشىمنامىسى» (كېلىشىمىنامىدە، بارلىق تالاش - تارتىشلارنى مەجبۇرىي كېسىم ئارقىلىق ھەق قىلىشنى يولغا قويۇش، تالاش - تارتىشنى ھۆكۈم قىلغۇچى دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇشنى خالىمىغانلارنى، تاجاۋۇزچى دۆلەت دەپ بېكىتىش بەلگىلەنگەن)نى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. 1925 ئاپرېل 6 - 8 - ئاپرېلغىچە، لوندوندا ئەنگلىيە - سوۋېت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بىرلەشمە كومىتېتى قۇرۇلدى. 13 - ئاپرېل، رېپ قوزغىلاڭچى ئارمىيىسىنىڭ داھىيسى ئابدۇل كېرىم فرانسىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى، بۇ ۋاقىتتا فرانسىيە ئارمىيىسى رېپ مىللىتىنىڭ چېگرا رايونلىرىغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغانىدى. فرانسىيە بىلەن رېپنىڭ ئۇرۇشى 1926 - يىل 25 - مايغىچە داۋام قىلدى. 17 - ئاپرېل، چاۋشىيەن كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلدى. 22 - ئاپرېل، ياپونىيە ھۆكۈمىتى «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش قانۇنى»نى جاكارلىدى. 26 - ئاپرېل، پاۋىل. ۋون ھىندېنبۇگ گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەندى. شۇ ئايدا، ۋېنگرىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلدى. 1925 ماي 1 - ماي، سىپرۇس 1914 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپدىن يۇتۇۋېلىنغاندىن كېيىن، رەسمىي ھالدا ئۇنىڭغا قاراشلىق مۇستەملىكىگە ئايلاندى. 3 - 20 - مارتقىچە، سوۋېتنىڭ 3 - قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. 4 - ماي، بۇلغارىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ جاكارلىدى. 15 - ماي، شاڭخەيدىكى ياپونىيە ئىگىرىش فابرىكىسىنىڭ خوجايىنى جۇڭگولۇق ئىشچى ۋىيجىڭخۇڭنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكتىن، ئىشچىلار ئىش تاشلاپ نارازىلىق بىلدۈردى. ياپونىيە يەنە «30 - ماي، پاجىئەسى»نى پەيدا قىلدى. ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى 2 - ئىيۇن شاڭخەيدىن قۇرۇلۇققا چىقتى. 20 - ماي، كۇبادا گېراردو. ماچودو مورالېس ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورناتتى. 1925 ئىيۇن رۇمىنىيە دۆلەت لىبېراللار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويدى. 1925 ئىيۇل 18 - ئىيۇل (1927 - يىل ئىيۇلغىچە)، سۈرىيىدىكى دروزلۇقلار فرانسىيىگە قارشى مىللىي قوزغىلاڭ كۆتۈردى. شۇ يىلى 14 - ئۆكتەبر دەمەشقتىمۇ فرانسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلاپ، فرانسىيە ئارمىيىسى دەمەشقتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. قوزغىلاڭچىلار 18 - ئۆكتەبر دەمەشقنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلدى، لېكىن قوزغىلاڭ 1927 - يىل ئىيۇلدا باشتۇرۇپ تاشلاندى، قوزغىلاڭنىڭ داھىيلىرى تاشقى ئىئوردانىيىگە قېچىپ كەتتى. 20 - ئىيۇل، نادونودا ئىتالىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالىدى. 26 - ئىيۇل، فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە رېپ خەلقىگە قارىتا بىردەك ئۇرۇش ھەرىكىتى قوللىنىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. فرانسىيە 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى توپلاپ ئۇرۇشقا قاتناشتى. مارشال ھېنرى فىلىپ پېتەن قوماندانلىقىدىكى فرانسىيە - ئىسپانىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى رېپ خەلقىگە قارشى زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى، رېپ قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرى چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ ئايدا، مېكسىكا شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك دېھقانلار ۋەكىللىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، مېكسىكا ھۆكۈمىتى شۇ يىلى دېكابردا «يېزا جامائە يەرلىرىنى تەقسىم قىلىش ۋە ئۆلۈش يەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى»نى جاكارلىدى. 1925 ئاۋغۇست 7 - 11 - ئاۋغۇستقىچە، ئەنگلىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسى سىكابالىدا ۋەكىللەر يىغىنى ئۆتكۈزدى. 22 - 27 - ئاۋغۇستقىچە، فرانسىيىنىڭ مارسېلدا سوتسىيال ئىشچىلارنىڭ خەلقئارا ۋەكىللەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ ئايدا، تۈركىيە مىللىي پارلامېنتى بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى؛ ۋېنگرىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋېنادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، قۇرۇلتاينى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى مەخپىي ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. 1925 سېنتەبر 7 - سېنتەبر، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستان قانۇن تۈرغۇزۇش پارلامېنتىدىكى مىللىي مەجلىس پارتىيىسىنىڭ ئاپتونومىيىچىلىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ھىندىستانلىقلاردىن تەشكىلەنگەن مەسئۇل ھۆكۈمەت قۇرۇش لايىھىسى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. 23 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى جاكارلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى گراژدانلىرىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمىنى بەلگىلىدى. 30 - سېنتەبر، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى لىۋېرپولدا يىغىن ئۆتكۈزدى. شۇ ئايدا، چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى 3 - قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزدى. مۇستەقىل سوتسىيال، دېموكراتلار پارتىيىسى چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتنىشىشنى ماقۇل كۆردى. 1925 5 - 16 - ئۆكتەبرگىچە، ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن گېرمانىيە شۋېيتارىيىنىڭ لوكارنودا خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا گېرمانىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيە «ئورتاق كاپالەت شەرتنامىسى، يەنى «رېيىن كاپالەت بېرىش ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قانچە خالىس ھۆكۈم كېلىشىمى ۋە كاپالەت شەرتنامىسىنى تۈزدى. يىغىنغا قاتناشقان بارلىق دۆلەتلەر 1 - دېكابر «لوكارنو شەرتنامىسى»غا رەسمىي قول قويدى. شەرتنامە مۇنۇ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: (1) فرانسىيە - گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋە گېرمانىيە - بېلگىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۆز ئارا كاپالەتلىك قىلىش، شەرتنامىگە فرانسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە ئۈچ دۆلەت ئىمزا قويۇش، ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيىلەرمۇ كاپالەت بەرگۈچى سالاھىيىتى بىلەن شەرتنامىگە ئىمزا قويۇش. (2) گېرمانىيە، پولشا ۋە گېرمانىيە - چېخوسلوۋاكىيىلەرنىڭ كېسىم شەرتنامىسى. (3) گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيە - فرانسىيىنىڭ كېسىم شەرتنامىسى. (4) فرانسىيە، پولشا ۋە فرانسىيە - چېخوسلوۋاكىيىنىڭ گېرمانىيىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش جەھەتتە ئۆز ئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى ئەنگلىيە پەقەت گېرمانىيىنىڭ غەربىي چېگرىسىگىلا كاپالەتلىك قىلدى. گېرمانىيە شەرق ۋە جەنۇبقا تاجاۋۇزچىلىق قىلشتا ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىدى. شۇڭلاشقا، فرانسىيە پولشا ۋە باشقا كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى ھەم ماچئۈ مۇداپىئە سېپىنى ئاساس قىلغان فرانسىيە - گېرمانىيە چېگرا مۇداپىئە پىلانىنى تۈزۈشكە كىرىشتى. شەرتنامىدە گېرمانىيىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاققا كىرىشىگە يول قويۇش بەلگىلەندى. 12 - ئۆكتەبر، فرانسىيە ئەمگەكچى خەلقى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە ۋە ماراكەشتىكى مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىش تاشلىدى. شۇ كۈنى، لوكارنو يىغىنى مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئىقتىسادىي شەرتنامە ئىمزالىدى. 22 - ئۆكتەبر، گرېتسىيە ئارمىيىسى بۇلغارىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن گرېتسىيە جەرىمانە تۆلەيدىغان بولدى. 31 - ئۆكتەبر (13 - دېكابرغىچە)، پېرىسىيە ئاساسىي قانۇنلۇق يىغىنى كازار سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋەتتى، ھەم رىزاخاننىڭ خانلىق ۋارىسى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رىزاخان 1926 - يىلى 25 - ئاپرېل خانلىق تاج كىيىپ، رىزا شاھ پەھلىۋى دەپ ئاتالدى. پەھلىۋى، ئارمىيە قۇرۇش، يول ياساش، كاسپىي دېڭىزدىن پارىس قولتۇقىغىچە تۆمۈريول سېلىش، ھاۋا قاتناش ئىشلىرىنى يۆلەش قاتارلىق بەزى ئىسلاھات سىياسەتلىرىنى داۋاملىق يۈرگۈزدى. 1925 دېكابر 3 - دېكابر، «ئىرلاندىيە چېگرا كېلىشىمى» ئىزالىنىپ، شىمالىي ئىرلاندىيە بىلەن ئىرلاندىيە ئەركىن شتاتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئايرىپ بېكىتىلدى. 7 - دېكابر، فىللىپپىن پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە فىللىپپىن قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىللىك توغرىسىدىكى ئىلتىماسنامىسىنى سۇندى. 9 - دېكابر، گېرمانىيە «فافىن سانائىتى» توراس قۇرۇلدى. 14 - 20 - دېكابرغىچە، ئەنگلىيە بىلەن ئىتالىيە ئۆزئارا نوتا ئالماشتۇردى. ئەنگلىيە ئىتالىيىنىڭ ئۆز كۈچى تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلۇپ، ئىتالىيىنىڭ كانا كۆلى توسمىسى ياسىشىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى. ئېفىئوپىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ يۇقىرىقى نوتىسىغا قارىتا، 1926 - يىل 19 - ئىيۇلدا رەسمىي نارازىلىق بىلدۈردى. 17 - دېكابر، تۈركىيە بىلەن سوۋېت روسىيىسى دوستلۇق ۋە بىتەرەپلىك شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 18 - 31 - دېكابرغىچە، روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ 14 - قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى. روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى نامىنى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىگە ئۆزگەرتتى. قۇرۇلتاي كامېنېۋ ۋە گرىگورى ئىفىيىۋىچ زىنوۋىيېپ باشچىلىقىدىكى «يېڭى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى» ئوتتۇرىغا قويغان سوتسىيالىزمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا غەلىبە قازىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلىش توغرىسىدىكى لايىھىسىنى رەت قىلىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ تىروتسكىزملىق ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى. 28 - دېكابر، پولغا يەر ئايرىش قانۇنى ۋە تېرىلغۇ يەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى بىكار قىلىش قانۇنى»نى جاكارلىدى. ئون يىل ئىچىدە ھەر يىلى تەخمىنەن 500 مىڭ ئىنگلىز مو يەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىشنى بەلگىلىدى. شۇ يىلى، ئىتالىيە نەشرىيات، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، يەرلىك قانۇنىنى ئورگانلار ۋە سايلام توغرىسىدىكى فاشىستىك قانۇنىنى ئېلان قىلدى؛ ئامېرىكىنىڭ مورگان مالىيە گۇرۇھى ئىتالىيە فاشىستىك ھۆكۈمىتىگە 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى «تۇراقلىق مال پۇلى» بەردى؛ غەربىي بېلۇرۇسسىيىدە «بېلۇرۇسسىيە ئىشچى - دېھقانلار تەشكىلاتى» قۇرۇلدى؛ روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيىنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسىدىكى سىياسىتى» توغرىسىدا قارار ماقۇللدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە