UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1922 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1922 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 6 - يانۋار، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئالىي كومىتېتى گانادا يىغىن ئېچىپ، سوۋېت روسىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يىغىنىنى چاقىرىشنى قارار قىلدى. يىغىن ۋاقتى ئالدىنئالا 1922 - يىل فېۋرال ياكى مارتنىڭ باشلىرىغا، ئورنى ئىتالىيىنىڭ گېنويە شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 12 - يانۋار، فرانسىيىدە بېرىيان كابىنېتى تەختتىن چۈشۈپ، رىيموند پوئىنكارې يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى، بېرىيان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى. پوئىنكارې كابىنېتى 1924 - يىلى 1- ئىيۇنغىچە ۋەزىپە ئۆتىدى. 23 - يانۋار، مىسىر ۋە فدۇن پارتىيىسى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارىتا پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى جاكارلىدى. 27 - يانۋار، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى پەۋقۇلئاددە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، گېنويە يىغىنغا قاتنىشىدىغان سوۋېت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىسىملىكىنى تەستىقلىدى. لېنىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىغا، دىپلوماتىيە خەلق كومىسسارى گېئورگى ۋاسلېيېۋىچ چىچېرىن مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يەنە ماكسىم لىتۋىنوۋ ۋە ۋاسلاۋ ۋوروۋىسكىلارمۇ قاتناشتى. 1922 فېۋرال 4 - فېۋرال، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە «شەندۇڭ مەسلىسىدە بىر تەرەپ بولماي كېلىۋاتقان ئەنزىلەرنى ھەل قىلىش شەرتنامىسى» ۋە «قوشۇمچە توختام» ئىمزالىدى. ياپون جاھانگىرلىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنى زورلۇق بىلەن بېسىۋېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى جامائەت پىكرىنى ئالداش ئۈچۈن، 1920 - يىلى ئىيۇندىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم جۇڭگونىڭ شىمالىي مىللىتارىستلار ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە سۆزلىشىش تەلىپىنى قويۇپ، مەخپىي دىپلوماتىيە ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان، بىراق جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان، شۇنىڭ بىلەن شەندۇڭ مەسىلىسى تەدرىجىي «بىر تەرەپ بولماي كېلىۋاتقان ئەنزە» گە ئايلىنىپ قالغان. ۋاشىنگتون يىغىنى مەزگىلىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن شىمالىي مىللىتارىستلا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋاشىنگتوندا ئىككى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ «كۆزىتىشى» ئاستىدا 1922 - يىلى 4 - فېۋرالدا بۇ شەرتنامە ۋە توختامنى ئىمزالىدى. شەرتنامە نامدا جاۋجۇ قولتۇقىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى شەندۇڭدىن چېكىندۈرگەن بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ياپون جاھانگىرلىكى شەندۇڭغا يەنىلا كۆپلىگەن تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى ساقلاپ قالدى، شەندۇڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھىندىستاننىڭ بىرلەشمە ئۆلكىسىدىى گوراكپۇر ناھىيىسىنىڭ چاۋرى - چاۋرا كەنتىدىكى ئامما يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتقاندا ساقچىلارنىڭ يولسىزلىق بىلەن ئوققا تۇتۇشىغا ئۇچرىدى، غەزەبلەنگەن ئامما كۆتۈرۈلۈپ ساقچى مەھكىمىسىگە ئوت قويۇپ 21 نەپەر ساقچىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. بۇ تارىختا چاۋرى - چاۋرا ۋەقەسى دەپ ئاتىلىدۇ. چاۋرى - چاۋرا ۋەقەسى 8 - فېۋرال ئاشكارا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گەندى 8 - فېۋرال باردولىدا ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى خىزمەت كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قەرەلسىز توختىتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. بىراق گەندىنىڭ ئۆزى 10 - مارتتا قولغا ئېلىندى، ھەم 18 - مارتتا 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. 6 - فېۋرال، جۇڭگوغا قارىتىلغان «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» پرىنسىپى توغرىسىدىكى «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» ۋە «دېڭىز ئارمىيىسى بويىچە ھەربىي ھازىرلىقلارنى چەكلەش» توغرىسىدىكى بەش دۆلەت ئەھدىنامىسى ۋاشىنگتون يىغىنىدا ئىمزالاندى. «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» دىكى «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» پرىنسىپى ئامېرىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ئۈچۈن يول تازىلىدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ «دېڭىز ئارمىيىسى بويىچە ھەربىي تەييارلىقلارنى چەكلەش شەرتنامىسى» بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كېمىلىرى ۋە ئاۋىئاماتكا كېمىلىرىنىڭ توننا نىسبىتىنى ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە 5:5: 3: 75. 1: 175 قىلىپ بەلگىلىدى، ھەم 35 مىڭ توننىدىن ئاشقان ھەربىي كېمىلەرنى ياساشنى مەنئى قىلدى. 11 - فېۋرال، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ياپ ئارىلى شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. ياپ ئارىلى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە ۋەكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان ئاراللارنىڭ دېڭىز ئاستى كابىلى ۋە راىئو ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىش جەھەتتە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەر باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولدى. 14 - فېۋرال، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ۋە يىراق شەرق خەلق جۇمھۇرىيىنىڭ ئىنقىلابىي ئارمىيىسى ۋە يىراق شەرق خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنقىلابىي ئارمىيىسى بېلى (خفباروۋسكى) غا كىردى. 15 - فېۋرال، خەلقئارا ئىتتىپاق گائاگادا دائىملىق خەلقئارا سوت مەھكىمسى تەسىس قىلدى. 23 - فېۋرال، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مەرۋايىتلىرىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش فوندىسى سۈپىتىدە مۇسادىر قىلىش توغرىسىدا پەرمان جاكارلىدى. 28 - فېۋرال، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىر تەرەپلىمە ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگىلىيىنىڭ مىسىرغا بولغان ھامىيلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىسىرنىڭ «مۇستەقىل پادىشاھلىق دۆلەت»لىكىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق يەنە، مىسىرنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى، ئىمپېرىيىنىڭ قاتناش لىنىيىسى (يەنى سۈۋەيىش قانىلى رايوننىڭ قاتنىشى) نى كونترول قىلىش، چەت ئەللىكلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئەنگلىيە مىسىرنىڭ سۇداندىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىدىكى بويىچە ساقلاپ قېلىشى قاتارلىق «تۆت تۈرلۈك ساقلپ قېلىش شەرتى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ ئايدا، ئىتالىيە سوتسىياللار پارتىيىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە بەزى ئىشچىلار ئۇيۇشما تەشكىلاتلىرى فاشىزمغا قارشى بىرلەشمە تەشكىلات - «ئەمگەك ئىتتىپاقى» نى قۇردى، ئامېرىكا ئارمىيىسى كۇبادىن چېكىنىپ چىقتى. 1922 مارت 3 - مارت، ئىتالىيە فاشىستىك پارتىيىسىدىكىلەر فىئۇمېدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، فىئۇمې ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئىتالىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 17 - مارتتا بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى، 12 - مارت، ئەزەربەيجان، ئەرمىنىيە، گرۇزىيە ئۈچ سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتتىكى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى تىبلىستا ئۆتكۈزۈلگەن ۋەكىللەر يىغىنىدا «جەنۇبىي كاۋكازدىكى ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىتتىپاق شەرتنامىسى»نى ئىمزالىدى. جەنۇبىي كاۋكاز سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. 15 - مارت، مىسىر سۇلتانى فۇئاد I نامىنى پادىشاھقا ئۆزگەرتىپ، مىسىرنى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈلمىدىكى دۆلەت دەپ ئېلان قىلدى. 24 - مارت، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «تۆت كۈچلۈك دۆلەت شەرتنامىسى»نى تەستىقلىدى. ئارقىندىنلا 29 - مارت بەش دۆلەتنىڭ «دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلىدى. 25 - مارت، ئىراق بىلەن ئەنگلىيە ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىدى، ئەنگلىيە ئىراقنى تېخىمۇ كەڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يىلى 10 - ئۆكتەبردە ئەنگلىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر شەرتنامەن ئىمزالىنىپ، مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق «ئىتتىپاق» لىق مۇناسىۋەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. شۇ كۈنى، برازىلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى رىدى - دې - ژانېيرودا چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. 26 - مارت، ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيە پارىژدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «سېۋر شەرتنامىسى» گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. مۇستاپا كامال ھۆكۈمىتى گرېتسىيە ئارمىيىسى چېكىنىپ چىقىشتىن بۇرۇن ئۇرۇش توختىشنى رەت قىلدى، يىغىن نەتىجىسىز ئاياغلاشتى. 27 - مارت (2 - ئاپرېلغىچە) روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيىدا لېنىن، يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ خۇسۇسىي كاپىتالىزمغا يول قويۇش ۋە چېكىنىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئاياغلاشتى، پارتىيە كۈچلەرنى باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ جاكارلىدى. 1922 ئاپرېل 2 6 - ئاپرېلغىچە، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەشەببۇس بىلەن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ۋە ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتلىرىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا جاھانگىر ئەكسىيەتچىلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇش بىر لىكسېپىنى قۇرۇشنىڭ تاكتىكا مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. 10 ئاپرېل (19 - مايغىچە) گىنويا يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا 34 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى قاتناشتى، ئامېرىكا كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا ئاساسلىق «روسىيە مەسىلىسى» ۋە ئومۇمىي دۇنيا ئىقتىسادىي مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. سوۋېت ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىندا كەسكىن لېكىن تاكتىكا خاراكتېرلىك دىپلوماتىك كۈرەشنى قانات يايدۇردى. يىغىن ئاخىرىدا ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن بىتەرەپ دۆلەتلەر مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئىيۇندىكى گائاگا يىغىنىدا «روسىيە مەسىلىسى» نى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىشقا قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. 16 - ئاپرېل، سوۋېت روسىيىسى بىلەن گېرمانىيە راپاللۇ شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش چىقىمى، ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تۆلتىش تەلىپىدىن ۋاز كەچتى ھەم بىر - بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قارار قىلدى. شۇ ئايدا، ياپونىيە ئۆزىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ھەرقايسى ئاراللاردا (1400 ئارال ئومۇمىي كۆلىمى 836 كۋادىرات ئىنگلىز لى كېلىدىغان كەڭ دېڭىزساھىلىغا تارقالغان) مەمۇرىي ھۆكۈمەتلەرنى قۇردى. مەركەز پالا ئۇتاقىم ئارىلىدىكى كولور ئارىلىغا قۇرۇلدى، ئۇندىن باشقا بىرقانچە ئاساسلىق ئاراللاردا ئالتە ھۆكۈمەت شۆبە ئورگىنى تەسىس قىلىندى، ياپونىيە يەرلىك يولباشچىلار بۇ ئاراللارغا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. 1922 ماي 22 - ماي، ئىتالىيە گېنېرالى پېترو بادوگلىئو لىبېرىيىدىكى ئەرەبلەرگە ھۇجۇم قوزغىدى. ئىتالىيە ئارمىيىسى 1930 - يىلى لىبېرىيىنى پۈتۈنلەي بېسىۋالدى. 1922 ئىيۇن 15 - ئىيۇن (20 - ئىيۇلغىچە) ئانتانتا دۆلەتلىرى گائاگادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، قەرز مەسىلىسى بىلەن روسىيىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان چەت ئەل سودا كارخانىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىن نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. 18 - ئىيۇن، شېيخ ماھمۇد رەھبەرلىكىدە كۈردلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مۇستەقىللىك ياكى ئاپتونومىيە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 24 - ئىيۇن، گېرمانىيىلىك يەھوددىي سانائەتچى، ئىچكى كابىنېت مىنىستىرى ۋالتېر راتنونى ئەكسىيەتچى گېرمانىيە مىللەتچىلىرى يوشۇرۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 26 - ئىيۇن (1 - ئىيۇلغىچە) فرانسىيىدە بىرلىككە كەلگەن باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى. 1922 ئىيۇل 6 - ئىيۇل، ياپونىيە «ۋاشىنگتون شەرتنامىسى» نى تەستىقلىدى. 15 - ئىيۇل، ياپونىيىدە كوممۇنىزمچى تەشكىلاتلانىڭ قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاندى. كاتاياما، ۋاتانابە ماسانوسكە، ئىنكاۋاد سيۇتى، توكۇداكيوتلار پارتىيىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللۇقىغا تەيىنلەندى. شۇ يىلى نويابردا پارتىيىنىڭ پروگراممىسىنى ماقۇللىدى، ئۇنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ساماۋى خانلىق تۈزۈمىنى بىكار قلىش، فېئوداللىقىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، سۆز يىغىلىش، مەتبۇئات ۋە جەمىئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بولدى. 1922 ئاۋغۇست 1 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئارتۇر جامېس بالفور ئۇرۇش قەرزى مەسىلىسى توغرىسىدا ئامېرىكىغا نوتا يوللىدى. 3 - 4 - ئاۋغۇستقىچە ئىتالىيىدە فاشىستىك پارتىيىسىدىكىلەر مىلان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالدى، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى فاشىستلارنىڭ غالجىرانە ھەرىكىتىگە ئامال قىلالمىدى. 26 - ئاۋغۇست، تۈركىيىنىڭ مۇستاپا كامال مىللىي ئارمىيىسى ئاناتولىيىدىكى گرېتسىيە مۇداخىلىچى قوشۇنلىرىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى، ھەم 30 - ئاۋغۇسىت ۋە 5 - سېنتەبر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئافىيون - كاراشسار ۋە بۇرسانى قاتۇرۇۋالدى. ئۇرۇشتا گرېتسىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولدى، گرېتسىيە ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ ئەزالىرى ئەسىرگە چۈشتى. شۇ ئاي، گېرمانىيىدە ماركىنىڭ قىممىتى گۇمران بولۇش خاراكتېرلىك تۆۋەنلەپ كەتتى؛ ئىتالىيىدە «ئەمگەكچىلەر ئىتتىپاقى» سىياسىي ئومۇمىي ئىش تاشلاش قوزغاپ، فاشىستلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئىش تاشلىغان ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار ۋە قوراللىق فاشىستلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى. ئىسلاھاتچى رەھبەرلەر ئىش تاشلاشنى توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكتىن، ئىش تاشلاش مەغلۇپ بولدى. 1922 سېنتەبر 9 - 11 - سېنتەبرگىچە، مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيە مىللىي ئارمىيسى سېمىرنانى قايتۇرۇۋالدى. 18 - سېنتەبر، ۋېنگرىيە خەلقئارا ئىتتىپاققا قوبۇل قىلىندى. شۇ كۈنى، گرېتسىيە مۇداخىلىچى قوشۇنلىرى ئانا تولىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. 1922 ئۆكتەبر 4 - ئۆكتەبر، ئاۋسترىيىگە خەلقئارا قەرز بېرىش توغرىسىدىكى «جەنۋە كېلىشىمى» ئىمزالاندى، ئاۋسترىيە مالىيىسى ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى. 6 - ئۆكتەبر، روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى ھەر قايسى سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ شەكىللىرى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 8 - ئۆكتەبر، ئىتالىيە ئامېرىكىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرشكە قارىماي، گرېتسىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا تۈزگەن دودېكانىس تاقىم ئاراللىرى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى بىكار قىلدى. 19 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيىنىڭ دژودژ ھۆكۈمىتى تاشقى سىياسەتتىكى مەغلۇبىيەت ۋە ئىچكى جەھەتتىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئېغىر كرىزىسقا پېتىپ قالدى. كونسېرۋاتىپلار لىبېراللار پارتىيىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى قايتا قوللىماسلىقنى قارار قىلدى، دژوردژ ھۆكۈمىتى ئامالسىز ئىستېپا بەردى. 23 - ئۆكتەبر (1923 - يىل 20 - مايغىچە) ئەنگلىيىدە بونار (ئاندېرۋ) لۇق كابىنېتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. شۇ كۈنى، ئىتالىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە «سان - ماكارتا ئارىلى شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ «راپاللو شەرتنامىسى»نى قايتىدىن ئېتىراپ قىلىشنى يەنى فىئۇمېنىڭ مۇستەقىللىكىنى قايتا مۇقىملاشتۇردى. 24 - ئۆكتەبر، ئىتالىيە فاشىستىك پارتىيىسى نىئاپولدا قۇرۇلتاي چاقىردى. بېنتومۇسسولىن ئىچكى كابىنېتقا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، لۇيىگى فاستا كابىنېتىنى ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇرلاپ، تولۇق فاشىستىك كابىنېت تەشكىللىدى 25 - ئۆكتەبر، ياپونىيە ئارمىيىسى ۋلادىۋوستوك ۋە سوۋېتنىڭ يىراق شەرق رايونلىرىدىن چېكىنىپ چىقتى. ساخالىن ئارىلىدىكى ياپون ئارمىيىسى 1925 - يىلى ئاندىن چېكىندى. 28 - ئۆكتەبر، ئىتالىيىدىكى ئاۋغۇست ئىش تاشلىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن فاشىستىك ئۇنسۇرلارغا ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش يولى ئېچىلدى. پۇل مۇئامىلە كاپىتال گۇرۇھلىرى، ئارمىيە، خان جەمەتى ۋە فەنتىكانىنىڭ قوللىشى ئاستىدا مۇسسولىن 27 - ئۆكتەبر فاشىستىك قوراللىق كۈچلەرگە «رىمغا يۈرۈش قىلىش» بۇيرۇقى چۈشۈردى. فاشىستىك قوراللىق كۈچلەرگە 28 - ئۆكتەبر رىمغا كىردى، ئارمىيە ۋە ساقچىلارنىڭ ھېچقانداق قارشىلىقىغا ئۇچرىمىدى. پادىشاھ 31 - ئۆكتەبر مۇسسولىننى ئىچكى كابىنېت تەشكىللەشكە تەيىنلىدى. ئارقىدىنلا پادىشاھ ۋە پارلامېنت يەنە مۇسسولىنغا ھاكىم مۇتلەقلىك ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بەردى، ئىتالىيىدە فاشىستىك دىكتاتۇرا ئورنىتىلدى. شۇئايدا، پۈتۈن گېرمانىيىدىكى ئىنقىلابىي زاۋۇت كومىتېتلىرى 1 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزدى. 1922 نويابر 1 - نويابر، مۇستاپا كامالنىڭ ئەنقەرە مىللىي چوڭ پارلامېنتى سۇلتانلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى، مۇھەممەد VI ئەنگلىيە پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ كونىستانتىنوپولدىن قېچىپ كەتتى. 5 - نويابر (5 - دېكابرغىچە) كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 4 - قۇرۇلتىي ئېچىلدى، قۇرۇلتايغا 58 دۆلەتتىن كەلگەن 408 نەپەر ۋەكىل قاتناشتى. 13 - نويابر، لېنىن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئولنىڭ 4 - قۇرۇلتىيىدا «روسىيە ئىنقىلابىنىڭ بەش يىللىقى ۋە دۇنيا ئىنقىلابىنىڭ ئىستىقبالى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. 14 - 16 - نويابرغىچە، گېرمانىيىدە يۇسېف ۋىرىت ئىچكى كابىنېتى تەختتىن چۈشۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئورنىغا سانائەتچى ۋىلھېلىم كۇنۇكابىنېتى تەختكە چىقتى. 15 - نويابر، سوۋېت يىراق شەرق جۇمھۇرىيىتى روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېتىلدى. 20 - نويابر، لۇزاننا يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، رۇمىنىيە، گرېتسىيە، سېربىيە بىر تەرەپ، تۈركىيە ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ بولۇپ قاتناشتى، ئامېرىكا تۈركىيە سۈلھ شەرتنامىسى بىلەن دېڭىز بوغۇزى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى. ئىقتىسادىي مەسىللەرنى ۋە باشقا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋاقتىدا ئالبانىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، نورۋېگىيە ۋە شۋېتسىيىلەر قاتناشتى. دېڭىز بوغۇزى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋاقتىدا روسىيە، ئوكرائىن ۋە گرۇزىيە ئۈچ سوۋېت جۇمھۇرىيىتى بىلەن بۇلغارىيە قاتناشتى. يىغىن 1923 - يىل 4 - فېۋرالدا ۋاقىتلىق توختاپ، 23 - ئاپرېل ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 24 - ئىيۇل تۈركىيىگە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامە يەنى «لۇزاننا شەرتنامىسى» ئىمزالاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «دېڭىز بوغۇزى ئەھدىنامىسى»گە قول قويۇلدى. 14 - ئاۋغۇست، سوۋېت روسىيىسىنىڭ ۋەكىلى «دېڭىز بوغۇزى ئەھدىنامىسى» گە قول قويدى. 1922 دېكابر 2 - 112 - دېكابرغىچە، موسكۋا ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىنغا فىنلاندىيە پولشا، ئىستونىيە، لاتۋىيە ۋە لىتۋالار قاتناشتى، يىغىندا كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى. 13 - دېكابر، پۈتۈن ئوكرائىن سوۋېتىنىڭ 7 - قۇرۇلتىيى سوۋېت سوتسىيالىسىتىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇرۇش توغرىسىدا خىتاپنامە ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، جەنۇبىي كاۋكاز سوۋېت فېدېراتىپنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى ئىتتىپاقداش دۆلەت - جەنۇبىي كاۋكاز سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇرۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 18 - دېكابر، پۈتۈن بېلۇرۇسسىيە سوۋېتىنىڭ 4 - قۇرۇلتىيى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 26 - دېكابر، روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ 10 - قېتىملىق سوۋېتلەر قۇرۇلتىي سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 30 - دېكابر، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 1 - قېتىملىق سوۋېتلەر قۇرۇلتىيى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش خىتاپنامىسى بىلەن شەرتنامىسىنى تەستىقلىدى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى دۇنياغا كەلدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە