1947 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
4 - يانۋار، ياپونىيىدىكى تازىلاش ھەرىكىتى مالىيە، جامائەتچىلىك ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك خىزمەت ساھەسىگىچە كېڭەيدى. 7 - يانۋار، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بۇرنېس ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، ئۇنىڭ ئورنىنى دژوردژ مارشالل دەسسىدى. 15 - يانۋار، ياپونىيىدە مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئورتاق كۈرەش قىلىش كومىتېتى قۇرۇلدى. 26 - يانۋار، مىسىر ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا 1936 - يىلىدىكى «ئەنگلىيە - مىسر ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى»نى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ يىل 5 - ئاۋغۇستقا كەلگەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك دائىمىي كومىتېتى ئاندىن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق قارار چىقارمىدى. 27 - يانۋار، ئەنگلىيە بىلەن بىرما لوندوندا «ئاڭسەن - ئەتتلى كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، 1947 - يىل ئاپرېل بىرمىدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسىنىڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزۈشنى، تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن ئەنگلىيە دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈش لازىملىقىنى بەلگىلىدى. يېڭى ئاساسىي قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىرمىدا تۇرىۋېرىشىنى ياكى يۆتكەپ كېتىش مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى مەسلىھەتلىشىپ قارار قىلىدىغان بولدى. 27 - يانۋار (6 - فېۋرالغىچە)، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيىنىڭ ۋەكىللىرى كانبېررادا يىغىن ئېچىپ، ھەرقايسى يەرلىك مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونلۇق مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنى قۇردى. 28 - يانۋار، ياپونىيە خەلقى ئىسىدا كابىنېتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش يۈزىدىن چوڭ يىغىن ئېچىپ، 1 - فېۋرالدا ئومۇمىي ئىش تاشلاشنى قارار قىلدى. 29 - يانۋار، ئامېرىكا ھۆكۈمىت جۇڭگودىكى ئىچكى ئۇرۇشنى «كېلىشتۈرگۈچىلەر»نى چېكىندۈرۈپ كېتىشنى جاكارلىدى. 31 - يانۋار، يىراق شەرق ئىتتىپاقداش ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ياپونىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىش تاشلىشىنى مەنئى قىلدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «مەلىكەتلىك خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى ماقۇللىدى؛ ئەنگلىيىدە يېقىلغۇ كرىزىسى يۈز بەردى.
1947
فېۋرال
1 - فېۋرا، فرانسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىگە رورنى ئىقتىسادىي جەھەتتە خەلقئارا ئورتاق باشقۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. 2 - فېۋرال، ئامېرىكا بىلەن كانادا ئىككى دۆلەت 1940 - يىل تەسىس قىلىنغاندائىمىي بىرلەشمە مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇداپىئە جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 4 - فېۋرال، بولېسلاۋ بېيرۇت پولشا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. 7 - فېۋرال، ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان «ئاخىرقى تەكلىپ» (يەنى پەلەستىننى بۆلۈپ ئەرەب ۋە يەھۇدىي رايونىغا ئايرىپ، يەنىلا ۋەكالىتەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈش) نى رەت قىلدى. 10 - فېۋرا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىتالىيە، رۇمىنىيە، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە ۋە فىنلاندىيىلەر بىلەن پارىژدا سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىدى. شەرتنامىدە، ئىتالىيە ئادرىياتىك دېڭىزدىكى بىرقانچە ئاراللىرىنى ۋە ۋېنېتسى - جۇرينىڭ ئاساسىي قىسمىنى يۇگوسلاۋىيىگە، دودكېنىس تاقىم ئاراللىرىنى گرېتسىيىگە بېرىش، شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلىرىدىن ۋەز كېچىش، رىياسىتىنى ئەركىن رايون قىلىپ قۇرۇشقا قوشۇلۇش، 360 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۇرۇش چىقىمى تۆلەش. رۇمىنىيە بېسسارابىيىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش ترانسىلۋانىيىنى تولۇقى بىلەن قايتۇرۇۋېلىشنى بەلگىلىدى. ۋېنگرىيە 1938 - يىلدىكى چېگرىسىنى ساقلاپ قالدى. بۇلغارىيە ئۆز زېمىنىدىن سىرت جەنۇبىي دوبرۇجانى ساقلاپ قالدى. فىنلاندىيە پېتسامو پورتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بەردى ھەم پورىككارا دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى سوۋېت ئىتتپاقىغا 50 يىللىق ئىجارىگە بەردى. يۇقىرىقى سۈلھ شەرتنامە 15 - سېنتەبردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى.
1947
مارت
3 - مارت، نۇرۋېگىيە پارلامېنتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىپتىسبېرگېندا ھەربىي بازا قۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلدى. 10 - مارت (24 - ئاپرېلغىچە)، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى موسكۋادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، گېرمانىيىنىڭ تۆلەم تۆلەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. 12 - مارت، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومىن دۆلەت مەجلىسىگە يولىغان دوكلات خېتىدە، ئامېرىكىنىڭ «ئەركىن دۇنيا»غا رەھبەرلىك قىلىش بۇرچى بارلىقىنى كۆرسەتتى ھەم 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ گرېتسىيە بىلەن تۈركىيىگە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ترومىن 22 - مايدا گرېتسىيە بىلەن تۈركىيىگە ياردەم بېرىش قانۇن لايىھىسىگە رەسمىي ئىمزا قويدى. بۇ كېيىن «ترومېننزم» دەپ ئاتالدى. 14 - مارت، ئامېرىكا بىلەن فىلپپىن مانېلادا «ھەربىي بازا كېلىشىمى»گە ئىمزا قويدى، ئامېرىكا فىلىپپىندە 23 ئورۇندىكى ھەربىي بازىغا 99 يىلغىچە ئىگە بولۇش بەلگىلەندى. 21 - مارت، ئامېرىكا فىلىپپىن بىلەن يەنە بەش يىللىق «فىلىپپىنگە ھەربىي ياردەم بېرىش كېلىشىمى» ئىمزالىدى، ئامېرىكا فىلىپپىنگە ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتتى ھەم فىلىپپىن ئارمىيىسىنى قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلىدى. 22 - مارت، جەنۇبىي چاۋشيەندىكى ھەرقايسى ئاساسلىق شەھەرلەردە 200 مىڭ ئىشچى 24 سائەت ئومۇمىي ئىش تاشلاپ، ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى دائىرىلىرىنىڭ 1 - مارتتا 16 نەپەر ۋەتەنپەرۋەر جەنۇبىي چاۋشيەنلىكنى ئۆلتۈرگەن جىنايى قىلمىشىغا ئېتىزار بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى ئېتىزار بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە يەنە 150 مىڭ دېھقان، شەھەر خەلقى ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن جەنۇبىي چاۋشيەن دائىرىلىرى ئېتىزار بىلدۈرگۈچىلەرنى يەنە باستۇردى. 30 - مارت، ماداغاسقار (مارگاش) خەلقى فرانسىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 31 - مارت، ئىسپانىيە مۇستەبىتى فرانكو پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش قانۇن لايىھىسى جاكارلىدى ھەم 6 - ئىيۇل بۇ قانۇن لايىھىسىنى مەملىكەت بويىچە پۇقرالارغا ئاۋازغا قويۇپ، تەستىقلاشنى بەلگىلىدى. بۇ قانۇن لايىھىسىگە ئاساسەن، ئىسپانىيە يەنىلا پادىشاھلىق دۆلەتكە ئايلىنىدىغان، لېكىن پادىشاھ نامزاتى دۆلەت باشلىقى فرانكونىڭ تاللىشىغا قالدۇرۇلىدىغان بولدى. ئىسپانىيە خان جەمەتىنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادى دون جوئان بۇ قانۇن لايىھىسىنى ئەيىبلىدى (2 - ئاپرېل)، ھەم فرانكونىڭ مەيدانىغا قارشى تۇردى. شۇ كۈنى، ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسى قۇرۇلدى؛ ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى تارقالدى؛ ياپونىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتى ئاخىرلاشتى؛ ئامېرىكا ترومىن ھۆكۈمىتى «فېدېراتسىيىگە ساداقەت بولۇش قانۇنى» نى ئېلان قىلدى.
1947
ئاپرېل
2 - ئاپرېل، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن مەسىلىسىنى خەلقئارا ئىتتىپاققا سۇندى. 9 - ئاپرېل، بىرما ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزدى، ئاڭسەن رەھبەرلىكىدىكى فاشىزمغا قارشى خەلق ئەركىنلىكى ئىتتىپاقى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بىرما ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى 17 - ئىيۇن قارار ماقۇللاپ، بىرما فېدېراتسىيىسىنى نامىغا لايىق ئۆز - ئۆزىگە خوجا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. 10 - ئاپرېل، تۇنجى نۆۋەتلىك پان ئافرىقا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيى سېنىگالنىڭ پايتەختى داكاردا ئېچىلىپ، ياۋروپا ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى 2 مىليون ئىشچىنى تەشكىللەشنى قارار قىلدى. 14 - ئاپرېل، دې گولل مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشكىلات «فرانسىيە خەلق بىرلەشمىسى»نى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. شۇ كۈنى، ئىراق بىلەن تاشقى ئىئوردانىيە ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 20 - ئاپرېل، ياپونىيە دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پالاتانىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئوڭ قانات سىياسىي پارتىيە كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشتى. سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن كاتاياما 23 - ماي دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن بىرلەشمە كابىنېت تەشكىللىدى. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن باشقا يەنە دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە دۆلەت كېڭىشى پارتىيىسىدىكىلەرمۇ قاتناشتى. كاتاماياما بىرلەشمە ھۆكۈمىتى 1 - ئىيۇن رەسمىي قۇرۇلدى. 27 - ئاپرېل، مارشال تېتو يۇگوسلاۋىيە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بەش يىللىق پىلانىنى جاكارلىدى.
1947
ماي
5 - ماي، كامبودژا ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلدى. كامبودژادا پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەندى. 9 - ماي، فرانسىيە كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بەش نەپەر مىنستىرى فرانسىيە ئىچكى كابىنېتىدىن سىقىپ چىقىرىلدى. 11 - ماي، لائوس پادىشاھىسى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، لائۇسقا پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنىڭ داۋاملىق يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ھەم لائوسنىڭ ھىندىچىنى فېدېراتىيىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. 31 - ماي، ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ناگى سۇيىقەستلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئېچىپ تاشلانغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ كۈنى، ئىتالىيە كوممۇنىستىك پاتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىدىن سىقىپ چىقىرىلدى.
1947
ئىيۇن
3 - ئىيۇن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئەتتلى ۋە ھىندىستان باش نازارەتچىسى مونباتۇن، لوندون بىلەن يېڭى دېھلىدا بىرلا ۋاقىتتا «ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىك قانۇن لايىھىسى» («مونباتۇن لايىھىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ئېلان قىلىپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا دومىنئون قۇرۇشنى بەلگىلىدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ يۆلىشى بىلەن، لى چىڭۋەن باشچىلىقىدىكى قورچاق ھۆكۈمىتى - جەنۇبىي چاۋشيەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى، لېكىن ئامېرىكا ھەربىي ھۆكۈمىتى يەنىلا بۇ يەردىكى ئالىي ھوقۇقلىرىنى ساقلاپ قالدى. 5 - ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مارشالل ھاۋار ئۇنىۋېرستېتىدا نۇتۇق ئېلان قىلىپ، غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كەشپ قىلغان، ئامېرىكىنىڭ ياردىمى ئارقا تىرەك قىلىنغان ياۋروپانى گۈللەندۈرۈش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ كېيىن مارشالل پىلانى دەپ ئاتالدى. 17 - ئىيۇن، ئەنگلىيە پارلامېنتى «ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىك قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللىدى. 23 - ئىيۇن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى زۇڭتۇڭنىڭ ئىنكار قىلىشىغا قارىماي «تافت - خارتېلي مېھنەتكەشلەر قانۇنى»نى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھىسىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسىي مەبلىغىنى سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىش مەنئى قىلىندى؛ ئىش تاشلاش ياكى ئىش توختىتىشقا توغرا كەلسە 60 كۈن بۇرۇن ئالدىن مەلۇم قىلىش بەلگىلەندى؛ زاۋاۇتلارنى تاقاش قانۇنسىزلىق دەپ جاكارلىدى ھەم ھۆكۈمەتكە دۆلەتنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىتىش ئېھتىمالى بولغان ئىقتىسادىي ئىش تاشلاشنى چەكلەش ھوقۇقى بەردى. 27 - ئىيۇن، ھىندۇنېزىيىدە ساھىر كابىنېتى تەختتىن چۈشتى، ئەمىر شەرپىدىن باشچىلىقىدىكى كابىنېت قۇرۇلدى (7 - ئىيۇل). شەرپىدىن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان كوممۇنىست ئىدى.
1947
ئىيۇل
12 - 15 - ئىيۇل، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى 16 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى پارىژدا يىغىن ئېچىپ مارشالل پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا بىر كومىتېت قۇرۇلۇپ، «ياۋروپانى گۈللەندۈرۈش پىلانى» نى ئىشلەپچىقىشقا مەسئۇل قىلىندى. 15 - ئىيۇل، 1947 - يىلىدىكى ئەنگلىيە - ئامېرىكا مالىيە كېلىشىمگە ئاساسەن، ئەنگلىيە فوند - ستېرلىنگنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئەركىن ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويدى. 19 - ئىيۇل، بىرما ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئاڭسەن ۋە باشقا ئالتە مىنىستىر مەمۇرىي كېڭەشنىڭ كاتىبات زالىدا توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. «فاشىزمغا قارشى خەلق ئەركىنلىكى ئىتتىپاقى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاكىننۇ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەندى. 21 - ئىيۇل، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئوتتۇرا ياۋا ۋە شەرقىي ياۋادا ھىندۇنېزىيە خەلقىگە قارىتا بىرىنچى قېتىم ئومۇميۈزلۈك مۇستەملىكىچىلىكنى تىرلدۈرۈش ئۇرۇشى قوزغىدى. 22 - ئىيۇل، زۇڭتۇڭ ترومىن ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بېرىلىدىغان ياردەمنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىشنى، بۇنىڭ شەرتى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىنى «بەش چوڭ دۆلەتنىڭ ھامىيلىقى»غا ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 24 - ئىيۇل، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مالايا فېدېراتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تەكلىپى توغرىسىدىكى «ئاق تاشلىق كىتاب»نى ئېلن قىلىپ، 1948 - يىل مالايا بىرلەشمە فېدېراتسىيىسىنى رەسمىي قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. 26 - ئىيۇل، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئۈچ ئارمىيىنىڭ تۈزۈلمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەستىقلىدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى سىياسەت پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گېئورگى كېننان «دىپلوماتىيە پەسىللىك ژۇرنىلى»دا ماقالا ئېلان قىلىپ، «غەيرىي كوممۇنىزم دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان زور دائىرىلىك ئاجىز ۋە زەئىپ رايونلارنى تۈگىتىش» ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ «سوۋېت ئىتتىپاقىنى چەتكە قېقىش» توغرىسىدا داۋراڭ سالدى. بۇ «چەكلەش ستراتېگىيىسى»دەپ ئاتالدى. شۇ ئايدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى ستراتېگىيىلىك مۇداپىئەدىن ستراتېگىيىلىك ھۇجۇم باسۇچىغا ئۆتتى.
1947
ئاۋغۇست
1 - ئاۋغۇست، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، ھىندۇنېزىيە بىلەن گوللاندىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ قارارنى ئىككى تەرەپ تەڭ قوبۇل قىلدى. 14 - ئاۋغۇست، پاكىستان دومىنئونى رەسمىي قۇرۇلدى. پاكىستان دومىنئونى ھىندىستان ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى غەربىي پاكىستان ئىبارەت مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىككى بۆلەك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلى جىنناھ باش نازارەتچىلىككە تەيىنلەندى. 15 - ئاۋغۇست، ھىندىستان دومىنئونى قۇرۇلدى مونباتۇن باش نازارەتچىلىككە، جاۋاھېرلال نېھرو ھۆكۈمەتنڭ باش مىنستىرلىكىگە تەيىنلەندى. 15 - ئاۋغۇست 2 - سېنتەبرگىچە)، ئامېرىكا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 18 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنى برازىلىيىنىڭ رىئۇ - دې - ژانېيروغا يىغىپ «ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر چوڭ قۇرۇلۇقنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش يىغىنىنى»ئاچتى، ھەم 2 - سېنتەبر «كوللېكتىپ قوغدىنىشى» نى كۆز - كۆز قىلىدىغان «پان ئامېرىكا مۇداپىئە شەرتنامىسى» (يەنى «رىبۇ - دې - ژانېيرو شەرتنامىسى») نى ئىمزالىدى. 29 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە بىرما بىلەن «ئەنگلىيە - بىرما مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالىدى، كېلىشىمدە، بىرما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيە ئارمىيىسى تېزلىكتە چېكىندۈرۈلىدىغانلىقى لېكىن ئەنگلىيە ئارمىيىسى خالىغان ۋاقىتتا بىرمىغا كىرىشكە، بىرمىنىڭ دېڭىز پورتى ۋە ئايرودروم ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى، ئەنگلىيە ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بىرمىغا ئەۋەتىپ، بىرمىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنى قۇرۇشقا ھەمكارلىشىدىغانلىقى بەلگىلەندى.
1947
سنتەبر
22 - 27 - سنتەبرگىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى، يۇگوسلاۋىيە، رۇمىنىيە، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە، پولشا، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىشچلار پارتىيىلىرى پولشىنىڭ سلېزىيىدىكى بىر كىچىك ئارشاڭدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىشچىلار پارتىيىلىرىنىڭ ئاخبارات ئىدارىسى»نى قۇردى، باش شتاب بېلگراددا تەسىس قىلىندى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ قارارىدا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتىكى پارتىيىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا چەكلىمە قويۇلمىغانىدى. 24 - 25 - سېنتەبر، بىرما ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىدى، ساۋشۆ تايقل مۇۋەققەت زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى.
1947
ئۆكتەبر
17 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە بىلەن بىرما لوندوندا «بىرمىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا شەرتنامە» ئىمزالىدى،شەرتنامىدە ئەنگلىيە بىرما فېدېراتسىيىسىنىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، بىرما ئەنگلىيە فوند - سېترلىنگ گۇرۇھى ئىچىدە قالىدىغانلىقى، بىرما ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە كاپىتالىنىڭ بىرمىدىكى بارلىق ئىمتىيازلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. ئەنگلىيە پارلامېنتى بۇ شەرتنامىنى شۇ يىلى 10 - دېكابردا رەسمىي تەستىقلىدى. 19 - 26 - ئۆكتەبر، فرانسىيىدە شەھەر سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. دې گوللىنىڭ فرانسىيە خەلق ئىتتىپاقى بىرىنچىلىككە، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. 20 - ئۆكتەبر، برازىلىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. 26 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە ئىراقتا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈردى، لېكىن «پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيىسى»نىڭ ئىككى تارماق ئەترىتىنى قالدۇرۇپ قويدى. 27 - ئۆكتەبر، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا كەشمىر ئۇرۇشى پارتلىدى. كەشمىر بەگلىكنىڭ كۆپ سانلىق ئاھالىسى مۇسۇلمان بولسىمۇ، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى خانلىرى ھىندى دىنىنىڭ مۇرىتلىرى ئىدى، «ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش لايىھىسى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن رايونلار پاكىستانغا تەۋە بولۇش بەلگىلەندى، لېكىن يەنە بەگلىكلەرنىڭ ھىندىستان ياكى پاكىستان دومىنئونلىرىغا كىرىش ۋە ياكى ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى تاللىۋېلىش ھوقۇقىمۇ بەلگىلەندى. كەشمىر بەگلىكىنىڭ بېگى خەلقىنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، 26 - ئۆكتەبر ھىندىستان دومىنئونىغا كىرىش شەرتى بىلەن، ھىندىستاننىڭ ئەسكەر چىقىرىپ بەگنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشنى ئالماشتۇردى. شۇ كۈنى، ھىندىستان ئارمىيىسى ھاۋادىن كەشمىرنىڭ پايتەختى سىرىناگارغا چۈشتى، ئارقىندىنلا پاكىستانمۇ كەشمىرگە ئەسكەر چىقاردى، نەتىجىدە ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بىرىنى قېتىملىق كەشمىر ئۇرۇشى پاتلاپ، ئۇرۇش بىر يىلدىن ئاتۇق داۋام قىلدى. 1948 - يىل كەشىمر مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھىندىستان - پاكىستان كومىتېتى ئۇرۇش توختىتىش، ھەربىيسىزلاشتۇرۇش، پۇقرالارغا ئاۋازغا قويۇشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە كەشمىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قارارىنى ماقۇللىدى. ھىندىستان - پاكىستان ئىككى تەرەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ قارارنى قوبۇل قىلدى. 1949 - يىل يېڭى يىل كۈنى ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ھەم ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى ئايرىلدى، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوندا ھاكىمىيەت تىكلىدى. پۇقرالارغا ئاۋازغا قويۇش مەسىلىسى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىتىن، كەشمىرنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كەلدى. 29 - ئۆكتەبر، بېلگىيە، گوللاندىيە، ليۇكسېمبۇرگ تاموژنا باج ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەستىقلىدى. 30 - ئۆكتەبر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 23 دۆلەتنىڭ «تاموژنا باج ھەمدە سودا ئومۇمىي كېلىشىمى» جەنۋەدە ئىمزالاندى (1948 - يىل 1- يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى)، ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خەلقئارا سۆھبەت ئارقىلىق سودا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا نورمىسى، ئېكسپورت قوشۇمچە ياردىمى ھەمدە ئۇندىن باشقا تاموژنا قورغانلىرى قاتارلىقلارغا نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت.
1947
نويابر
9 - نويابر، تايلاندتا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، لوئاڭ پىبۇل ھەربىي گۇرۇھى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. لوئاڭ پىبۇل ياپونىيە ئىشغال قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە تايلاندنىڭ باش مىنىستىرى بولغان، ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن نەزەربەندگە ئېلىنغان، 1946 - يىل مارتتا قويۇپ بېرىلگەن، سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن قوراللىق قىسىمنىڭ ئالىي باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 23 - نويابر، روبېرت شۇمان فرانسىيە كابىنېتىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋە رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 27 - نويابر، بۇلغارىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش - دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 29 - نويابر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چوڭ يىغىنى قارار ماقۇللاپ، پەلەستىننى يەھۇدىي دۆلىتى ۋە ئەرەب دۆلىتى قىلىپ ئىككى دۆلەتكە ئايرىشنى، يېرۇسالېمنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكالىتەن باشقۇرۇشنى، ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىشنى بەلگىلدى. شۇ ئايدا، فرانسىيىدە بىر قاتار ئىش تاشلاش پارتلاپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يېقىنلاشتى؛ سەيلون دومىنئونلۇق ئورۇنغا ئىگە بولدى.
1947
دېكابر
8 - دېكابر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياراشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، گوللاندىيە بىلەن ھىندۇنېزىيىنىڭ سۆھبىتى ئەسلىگە كەلدى. 15 - دېكابر، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى بۇلغارىيىدىن چېكىندى؛ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە ئاشلىق بىلەن نورمىلىق تەمىنلەش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 19 - دېكابر، رۇمىنىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش - دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 22 - دېكابر، ئىتالىيە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىدى. 23 - دېكابر، رۇمىنىيە پادىشاھى مىخائىل ئورۇن بوشاتقانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ ئايدا، ئارگىنتىنادا پىرون پارتىيىسى قۇرۇلدى.
1947
شۇ يىلى
مېكسىكا «پان ئامېرىكا مۇداپىئە شەرتنامىسى» گە قوشۇلدى؛ شۇ يىلى (1950 - يىلغىچە)، برازىلىيە تۆمۈر يول ۋە بىر قىسىم جامائەت ئىشلىرى كارخانىلىرىدا دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش قانۇن لايىھىسىنى يولغا قويدى