1927 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
4 - يانۋار، ئىتالىيە ئەمگەك باش ئۇيۇشمىسى تارقىتىۋېتىلدى. شۇ ئايدا ئامېرىكا جۇڭگو ئىنقىلابىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاسىيا فىلوتنى فىپپىنننىڭ مانىلادىن شاڭخەيگە يۆتكەپ كېلىپ، چاڭجياڭنى قامال قىلىپ، شاڭخەيگە يېقىنلاپ قالغان شىمالغا يۈرۈش ئارمىيىسگە بېسىم ئىشلەتتى.
1927
فېۋرال
20 - فېۋرال، ئىتالىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىتالىيە يەر ئاستى ئەمگەك باش ئۇيۇشمىسى ئەسلىگە كەلدى. 23 - فېۋرال، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش توغرىسىدا «ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرىدىكى نوتا» نى تاپشۇرۇشقا تەييارلاندى. 24 - فېۋرال، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە بىرلەشمە فىلوت چىقىرىپ نەنجىڭغا بېسىپ كىردى، ھەم شاگۇەن ئەتراپىنى توپقا تۇتۇپ، «نەنجىڭ ۋەقەسى»نى پەيدا قىلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىغا تەھدىت سالدى.
1927
مارت
7 - مارت، فرانسىيىنىڭ پوئىنكارى ھۆكۈمىتى «ئۇرۇش ۋاقتىدىكى دۆلەت تەشكىلىي قانۇنى» نى ماقۇللاپ، ئومۇميۈزلۈك مەجبۈۇرىي ھەربىي تەلىم تەربىيە مەشقىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلدى. 11 - مارت، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە سودا ۋە دېڭىز قاتناش شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 14 - مارت، ياپونىيىدە مالىيە كىرىزىسى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلارنى قۇتقۇزۇش قانۇنى» ئىسلاھات لايىھىسى ئېلان قىلىنىپ، كەمبەغەللەرنى قۇتقۇزۇش خەيرى - ساخاۋەت ئورگىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇقى ۋىلايەت ۋە رايونلۇق كومىتېتلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
1927
ئاپرېل
5 - ئاپرېل، ئىتالىيە ۋېنگرىيە بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»نى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى دۆلەتلەرنى يىغىنغا تارتىشقا، شۇنداقلا ئۇششاش ئانتانتا دۆلەتلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ قولىغۇچىسى بولغان فرانسىيىگە قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇندى. 6 - ئاپرېل، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇلۇق ۋەكىللەر ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەر باشقارمىسى ۋە تيەنجىنددىكى كونسۇلخانىسى ساقچىلارنىڭ تويۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. 12 - ئاپرېل، جياڭ - جيېشى شاڭخەيدە «12 - ئاپرېل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىدى. جۇڭگونىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندى. 17 - ئاپرېل، ياپونىيە سىياسىي دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ زۇڭسەيى گېنىرال تاناكاھىسىتى ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. تاناكا ھىيست، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرلىكىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىپ، 1929 - يىل 2 - ئىيۇلغىچە تەختتە ئولتۇردى. 21 - ئاپرېل، مېكسىكا «يەر، سۇ زېمىنلارنى تەقسىم قىلىش ۋە قايتۇرۇش پەرمانى»نى ئېلان قىلدى.
1927
ماي
12 - ماي، ئەنگلىيە ساقچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ۋەكالىتەن سودا ئىشلىرى باشقارمىسىغا ۋە ئەنگلىيە - سوۋېت سودا شىركىتىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 20 - 21 - ماي، ئامېرىكا ئۇچقۇچىسى چارلىز ئاۋگۇستۇس لىندبېر مۇستەقىل ھالدا ئايروپىلان ھەيدەپ نيۇ - يوركتىن پارىژغىچە ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، يەرگە قونماي ئۇچۇپ، ئاۋىئاتسىيە تارىخىدا 33 سائەت 39 مىنۇت ئۇچۇش رېكورتىنى ياراتتى. 27 - ماي، ئەنگلىيىنىڭ بولدۋىن ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. شۇ كۈنى، ماسارىك چېخوسلوۋاكىيىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا قايتا سايلاندى. چېخسلۇۋاكىيە 1 - ئىيۇل مەمۇرىي ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەرقايسى ئۆلكىلەر تېخىمۇ زور ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. 31 - ماي (ئىيۇلغىچە) ياپونىيە ئارمىيىسى جوڭگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئەسكەر چىقىرىپ، چىڭداۋ ۋە جىنەننى بېسىۋېلىپ، جۇڭگو گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ بېيجىڭغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى.
1927
ئىيۇن
7 - ئىيۇن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پولشىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلكى پېتىرلا زارېۋىچ ۋويتوۋ ئۆلتۈرۈلدى. 19 - ئىيۇن، بولغارىيىدىكى ماكېدونىيىلىكلەر يەنە بىر قېتىم يۇگوسلاۋىيە دۆلەت چېگرىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. بولغارىيە ھۆكۈمىتى شۇ يىى 10 - ئۆكتەبر چېگرىدا ھەرمىي ھالەت بۇيرۇقىنى يولغا قويدى. 27 - ئىيۇن (7 - ئىيۇلغىچە)، ياپونىييە ھۆكۈمىتى باش ۋەزىرى تاناكا ھىستىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاتالمىش شەرق يىغىنىنى ئاچتى. يىغىنغا دىپلوماتىيە ۋەزىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى، دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى ۋە ھەربىي شتابنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىن تاناكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگوغا قارىتا «ئاكتىپ» ھەرىكەت قوللىنىش پروگراممىسى يەنى تاناكا مەكتۇپىنىڭ ئاساسلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. شۇ ئايدا، يۇگوسلاۋىيە بىلەن ئالبانىيە ئوتتۇرىسىدا ئارقىمۇ ئارقا چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەنلىكتىن ، ئىككى دۆەلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى. ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ۋەكىللىرى جەنۋەدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دېڭىز ئارمىيە ھەربىي تەييارلىقلىرىنى تەڭشەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
1927
ئىيۇل
15 - 16 - ئىيۇل، ۋىنادا ئۆتكۈزۈلگەن فاشىزمغا قارشى نامايىش ۋە ئومۇمىي ئىش تاشلاش ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. شۇ ئايدا، باش ۋەىزىر تاناكا ھىتى ياپونىيە پادىشاھىغا سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق - كېڭەيمىچىلىك خاراكتېردىكى سىياسىي پروگرامما مەكتۇپىنى سۇندى. بۇ تارىختا «تاناكا مەكتۇپى» دەپ ئاتالدى. شۇ ئايدا، فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە ماراكتشتىكى بىرلەشمە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردى؛ ئەخمەد سوكارنو باشچىلىقىدا ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلدى؛ ئەنگلىيە پارلامېنتى «سانائەتتىكى توقۇنۇش ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى»نى يەنى «سانائەتتىكى تالاش - تارتىش ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى توغرىسىدا» قانۇن ماقۇللىدى. ئىش تاشلاش قەتئىي مەنئى قىلىندى، ئەنگلىيە ئىشچىلىرى بۇ قانۇننى «ئىشچىلار ئاساسىي نىزامى» دەپ ئاتىدى. شۇ ئاي (ئاۋغۇستىقىچە)، ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىنى بىلەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت جەنۋەدە دېڭىز ئارمىيە ھەربىي تەييارلىقلىرى يىغىنىنى ئېچىپ، ياردەمچى پاراخوت ياساش مەسىلسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.
1927
ئاۋغۇست
1 - ئاۋغۇست جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى نەنچاڭدا قوراللىق كۆتۈردى. 23 - ئاۋغۇست، مىسىر ۋە فىدۇن پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى زاگلۇل ۋاپات بولدى. مۇستاپا ئەل - ناخخاس پاشا ۋەفدۇن پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى بولدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1920 - يىل مايدا بۇلاڭچىلىق ۋە قاتىللىق قىلدى دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالغىنىغا يەتتە يىل بولغان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىتالىيىلىك ئىشچى ساككو ۋە ۋانزېتىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكتىن ھەققانىي جامائەت پىكرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
1927
سېنتەبر
2 - سېنتەبر، تۈركىيە چوڭ سايلام ئېلىپ باردى، مۇستاپا كامالنىڭ خەلق پارتىيىسى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشتى. 18 - سېنتەبر، گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ھىندېنبۇرگ تاننېنبېرگ خاتىرە مۇنارىنى ئورنىتىش مۇراسىمىدا نۇتۇق ئېلان قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىدىكى جاۋابكالىقنى يەنى «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»نىڭ 231 - ماددىسىنى ئىنكار قىلدى. 22 - سېنتەبر، سېرا - لېئون قۇرۇقلۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش مۇدىرىيەتنىڭ داھىيسى ئىشچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئەنگلىيە سوۋېت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كومىتېتى توغرىسىدىكى قارارىنى بىكار قىلدى؛ ئەنگلىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىنىڭ ئوڭ قانات داھىيلىرى كارخانا خوجايىنلىرىغا خەت يېزىپ ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى.
1927
ئۆكتەبر
1 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن پارىس كاپالەت بېرىش ۋە بىتەرەپلىك شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 15 - ئۆكتەبر، مۇستاپا كامال تۈركىيە مىللىي پارلامىنتىدا نۇتۇق ئېلان قىلىپ، مىللىي گۈللىنىش ۋە مىللىي ھەرىكەتنىڭ پۈتۈن جەراينىنى يەكۈنلىدى. مۇستاپا كامالنى 1 - نويابر ھەممە بىردەك زۇڭتۇڭلۇققا سايلىدى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل بولدى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى «سوۋېت سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا ئىلىم - پەننى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تېخنىكا خادىملىرى كېڭىشى» قۇرۇش توغرىسىدا خىتاپنامە ئېلان قىلدى. 28 - ئۆكتەبر، تۈركىيە تۇنجى قېتىم نوپۇش ئېنىقلاش ئىشىنى ئېلىپ باردى. شۇ ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشىۋىكلار) پارتىيىسى پۈتۈن پارتىيىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قوزغاپ، تروتىسكى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنى تارمار قىلدى.
1927
نويابر
7 - نويابر، تروتسكى - زىنوۋېيوۋ ئىتتىپاقى موسكۋا ۋە لېنىنگراد ئىككى شەھەردە نامايىش قىلماقچى بولدى، 11 - نويابر، فرانسىيە بىلەن يۇگۇسلاۋىيە دوستلۇق ۋە كېسىم شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 14 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى بىلەن مەركىزىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى تروتىسكى ۋە زىنوۋېيوۋنى پاريىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى. 30 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقى پۈتۈنلەي ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەربىي قىسقارتىش تەكلىپىنى خەلقئارا ئىتتىپاق تەييارلىق يىغىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە سۇندى.
1927
دېكابر
2 - دېكابر، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشۋىكلار) پارتىيىسى 15 - قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ 1 - بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش يوليۇرۇقىنى تەستىقلىدى، يېزا ئىگلىكىنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش فاڭجېنىنى ئىشلەپ چىقتى، تروتىسكى ۋە زىنو ۋېيوۋنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقىنىڭ 75 نەپەر ئاكتىپ ھىمايچىسىنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەستىقلىدى. 14 - دېكابر، ئىراق بىلەن ئەنگلىيە يېڭى توختام تۈزدى، ئەنگلىيە ئىراقنىڭ «مۇستەقىل»لىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەنگلىيە ئوفىتسېرلىرى ئىراق ئارمىيىسىنى تەربىيىلەپ بېرىشكە، ئىراق ئەنگلىيىگە ئۈچ يېڭى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بېرىشكە قوشۇلدى. شۇ ئايدا، ھىندۇنېزىيە خەلق پارتىيىسى «ھىندۇنېزىيە مىللىي سىياسىي پارتىيىسى كېڭىشى» قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېڭەش گوللاندىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، گوللاندىيە بىلەن ھەمكارلاشماسلىق، گوللاندىيىلىكلەر ۋە ھىندۇنېزىيىلىكلەردىن تەشكىللەنگەن خەلق پارلامېنتى بىلەن يەرلىك پارلامېنتىغا قاتناشماسلىق توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ،ل ھىندۇنېزىيە مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن مىللەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.