UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىھېيت - ئايەم يېمەكلىكلىرى

ھېيت - ئايەم يېمەكلىكلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىچىدە ھېيت - ئايەم، توي - تۆكۈن، مۇراسىملار ۋە سەيلە - باراۋەت يېمەك - ئىچمەكلىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، روشەن مىللىي تۈسكە ئىگە. ھەربىر ھېيت - ئايەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى تاماقلىرى بار. مەسىلەن، <نورۇز> كۈنى بۇغداي يارمىسىدىن قىلىنغان مەخسۇس <نورۇز كۆجىسى> ئېتىپ، كوللېكتىپ ئېغىز تەگكۈزىدۇ. دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھوشۇر ئېيىدا مول ھوسۇل خاتىرىسى ۋە دىنىي ئەقىدە بويىچە كۆكباش يارمىسى بىلەن گۈلە، جىگدە، قاق، گۆش، ھەرخىل قۇرۇق گۈلە - قاق سېلىنغان <كۆجە> ئېتىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياغ پۇرىتىپ يىت (پوشكال) سالىدۇ. مەۋلۆت ئېيىدا ياغ پۇرىتىپ پولۇ ۋە باشقا تاماقلارنى ئېتىپ دۇئا - تەكبىر قىلىدۇ. بارات ئېيىدا ھەربىر ئائىلە ياغ پۇرىتىپ قۇيماق سالىدۇ ۋە باشقا ئېسىل تاماقلارنى ئېتىپ تۈنەيدۇ. رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش مۇناسىۋىتى بىلەن زورلۇق ۋە ئىپتار ۋاقتىدا خىلمۇ خىل ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ، روزا تۇتىدۇ، ئىپتار قىلىدۇ. روزا ھېيت كۈنى ئەتىگەندە ھەرقانداق ئائىلە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلىرىنى ئېتىش بىلەن روزىنى ئۇزاتتۇق، دېيىشىدۇ. يەنە روزا ھېيت ئۈچۈن، ساڭزا، پېچىنە - پىرەنىك، پوشكال، سامبۇسا، قەنت - گېزەك، ھۆل، قۇرۇق يېمىشلەرنى تەييار قىلىدۇ. ئۆيمۇ ئۆي پەتىلەپ، خىلمۇ خىل نازۇ نېمەتلەرگە ئېغىز تەگكۈزىدۇ. روزا ھېيتتا گەرچە قۇربانلىق قىلىنمىسىمۇ، ھەربىر ئائىلە ئۆزىنىڭ ھالىغا يارىشا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. قۇربان ھېيت ئالاھىدە بولۇپ، قۇربى يەتكەن ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق قوي سويىدۇ. بۇ كۈندىكى تۇنجى تاماق قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ دۈمبە جىگىرى بولۇپ، ئاندىن پىشۇرۇلغان گۆش يېيىلىدۇ. قۇربانلىق قىلغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆپكە - ھېسىپ قويۇلىدۇ. قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن يوقسۇل ئائىلىلەر بولسا ھەرقايسى قوي سويغان ئائىلىلەر كىرگۈزگەن خامتالاش (خام تارقىتىلغان) گۆشنى پىشۇرۇپ يەيدۇ. ھەرقانداق ئائىلە گۆشسىز قالمايدۇ. بالىلارغا ئىسىم قويۇش (ئات) تويىدا، ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ئۈچۈن لەڭمەن قاتارلىق تاماق ئەتسە، قىرىق تويىدا بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئاتىلا ئېتىپ كىچىك توقاچلار بىلەن بېرىدۇ. سۈننەت تويىدا، كۆپ مېھمان چاقىرىپ قوي، كالا سويۇپ ئاش (پولۇ) ئېتىشتىن تاشقىرى، ئائىلىدە تۇخۇم يېيىش ئەنئەنىسىمۇ بار. قىز - يىگىت تويلىرىدا ئاساسىي تاماق پولۇ بولىدۇ. بىر لېگەن ئاش ئۈچ كىشىگە قويۇلىدۇ. توي داستىخىنى ھەرخىل نازۇ - نېمەتلەر بىەن تولىدۇ. ئاياللار داستىخىنى تېخىمۇ مولراق بولىدۇ. بەزى جايلاردا (جەنۇبىي شىنجاڭ) دا ئاياللارغا نىشالا قويۇش، نان قورداق قىلىش ئادەتلىرىمۇ بار. توي چېيى قاتارلىقلاردا پولۇ ۋە قورداق ئېتىلىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت - ئايەم، توي - تۆكۈن تاماقلىرى ئالاھىدە بولۇشتىن تاشقىرى يەنە مول بولىدۇ. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى
ھېيت - ئايەم يېمەكلىكلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki