UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىتاماق بىلەن كېسەل داۋالاش

تاماق بىلەن كېسەل داۋالاش

ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى ئۇيغۇرلاردىكى تاماق بىلەن كېسەل داۋالاش، كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ، يېمەك - ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش، پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق كېسەلگە خىل كەلمەيدىغان تاماقلارنى چەكلەش ئارقىلىق كېسەلنى يەڭگىللىتىش ۋە ھەرخىل شىپالىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى بېرىش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ تېزرەك ساقىيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئۇيغۇرلاردىكى كېسەلنى تاماق بىلەن داۋالاشتا، كېسەلگە مۇۋاپىق تاماقنى ئۈچكە بۆلىدۇ: ① غىزايى مۇتلەق؛ ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر. ② داۋائى غىزايى؛ ئالدى بىلەن داۋالىق رولىنى، كېيىن ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان داۋالىق يېمەكلىكلەر. ③ غىزايى داۋائى؛ ھەم ئوزۇقلۇق، ھەم داۋالىق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر. غىزايى مۇتلەق: ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان ۋە قۇۋۋەت بولىدىغان يېمەكلىكلەر غىزايى مۇتلەق دېيىلىدۇ. بۇلار، سۇيۇق، يۇمشاق، ئاسان سىڭىدىغان، ھەجمى ئاز، قۇۋۋىتى كۆپ يېمەكلىكلەر. مەسىلەن، چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، كۆپ خىللىق دورا - دەرمان بىلەن تەييارلانغان گۆش شورپىسى، ئانار، ئالما، ئامۇت، نەشپۈت قاتارلىق مېۋە مۇراببالىرى، بۇغداي ئۇنى تامىقى، شوۋىگۈرۈچ، سېرىقماي، كالا سۈتى، يۇمشاق پىشۇرۇلغان قوي گۆشى، بېلىق، پالەك، يېسىۋىلەك، شوخلا، سۇڭپىياز قاتارلىقلار. داۋائى غىزايى: قىزىلگۈل، پىننە، رەيھان بىلەن ياسالغان گۈلقەنت، قىياملار، ئەنجۈر، ئالما، بېھى، ئامۇت، سەۋزە ۋە باشقىلاردىن ياسالغان مۇراببا، بادام، نوقۇت، ياڭاق تالقانلىرى قاتارلىقلار ئالدى بىلەن داۋالىق ئۇنىڭدىن كېيىن ئوزۇقلۇق رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەردۇر. گۈلقەنت ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى، ھەزىم قىلىش تەس، جىگەر، بۆرەك، ئۆپكە سىل، ئۆپكە ھاۋا يوللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئۆپكە يەللىك ئىششىقى، دەم سىقىلىش كېسەللىكلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. غىزايى داۋائى: چامغۇر، تۇرۇپ، سەۋزە، شوخلا، پالەك، يېسىۋىلەك قاتارلىق كۆكتاتلار ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇق، ئاندىن داۋالىق رولىنى ئوينايدۇ. بۇلار سۈيدۈك ھەيدەش، قەۋزىيەتنى يوقىتىش، سەپرانى پەسەيتىش، ئىشتىھانى ئېچىش رولىغا ئىگە. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى