UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىمېھمان تامىقى

مېھمان تامىقى

ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى ئۇيغۇر خەلقىدىكى مېھماندوستلۇق قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى مېھمان كەلسە <رىزقىنى ئېلىپ كېلىدۇ>، مېھمان كەلسە <بەخىت كېلىدۇ> دەپ قارايدۇ. شۇڭا ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا مېھمان كەلسە قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ئۆيدە بارىنى مېھمانغا ئاچىقىدۇ، يوقنى تەييارلايدۇ. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <كۆركەم، چىرايلىق تونۇڭنى ئۆزۈڭ كىي، تاتلىق ئېشىڭنى باشقىلارغا بەر، مېھماننى ئىززەتلە، شۆھرىتىڭنى ھەممىگە يايسۇن> (Ⅰتوم، 64 - بەت) دېسە، يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ <قۇتادغۇبىلىك> داستانىدا مېھماننى ياخشى كۈتۈش ھەققىدە مۇنداق دېگەن: 6446. قىچىرماق بولۇرسەن ئەگەر كىشىنى، قىچىر، ياخشى قىلغىن كۈتۈش ئىشىنى. سېلىپ كۆرپە، داستىخان، قاچا تازا قىل، يېمەك - ئىچمىكىڭنى ئوبدان خىللىغىن. ئۇيغۇر خەلقى چاقىرىلغان مېھمان ياكى تاسادىپىي كېلىپ قالغان مېھمان بولسۇن، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشاش قەدىرلەپ كۈتىدۇ. مېھماننى ئەڭ ئېسىل، ياخشى تاماق، ياتاقلار بىلەن كۈتۈشتىن تاشقىرى، ئات - ئۇلاغلىرى بولسا ئۇنىڭغا ياخشى قارايدۇ. ھەرقانداق ئائىلە مېھمان كەلگەن ھامان، ئۇنىڭ قولىغا سۇ بېرىپ داستىخان سالىدۇ، ئالدى بىلەن، سىنچاي بىلەن كاكچا نان ياكى قاتلىما نان قويىدۇ، چېيىغا قەنت ياكى ناۋات سالىدۇ. ئاندىن ئۆز ھالىغا قاراپ سۈتلۈك چاي ياكى ھالۋا ئېتىپ كىرىدۇ. چايدىن كېيىن، ياز بولسا ھۆل مېۋە كەلتۈرىدۇ ۋە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مېھماندىن قانداق تاماق يېگۈسى بارلىقىنى سورايدۇ. مېھمان خالىغان تاماقنى ئېيتىدۇ. ئەگەر مېھمان تۈزۈت قىلىپ بۇيرۇمىسا، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان تاماقلار، مەسىلەن، كاۋاپ، پېتىر مانتا، بولاق مانتا، پولۇ، ئۈگرە، چۆچۈرە، لەڭمەن دېگەندەك تاماقلاردىن بىرىنى ئېتىدۇ (بۇ ئەلۋەتتە ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ). كۆپ ھاللاردا مېھمان تامىقى جۈپ بولۇپ، پولۇ ئەتسە ئارقىدىن ئۈگرە، شورپا سالسا ئارقىدىن چۆچۈرە دېگەندەك تاماقلار قوشۇپ ئېتىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئادىتىدە، ئەگەر مېھمان تۈن يېرىمىدە كېلىپ قالسىمۇ، ھېچقانداق ئېرىنمەي ھاردۇق ئېشى دەپ، ئۈگرە، مەنچىزە قاتارلىق سۇيۇق تاماق ئېتىپ بېرىش ئەنئەنىسى بار. چاقىرىلغان ئايال مېھمانلار بولسا ياخشى كۈتۈشتىن تاشقىرى مېھمانلار قايتىش ۋاقتىدا پولۇ، مانتا قاتارلىق زەللە قىلىدۇ. (ئاش يۆگەيدۇ). ئەگەر مېھمانلارغا پىششىق گۆش بىلەن نان ئالدۇرۇش، ئەڭ بولمىغاندا ئىككى نان تۇتۇش ئادىتى بار. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە بىرەر ئۆيگە مېھمان كەلسە بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قولۇم - قوشنىلىرى مېھمان ئالدىغا كىرىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، نۆۋەت بىلەن بۇ مېھمانلارنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىدىغان ئادەت بار. تەكلىپ قىلغان قوشنىلار مېھمان ھۈرمىتىگە ئاتاپ بىرەر خىل ياخشى تاماق تەييارلايدۇ. بۇ ئادەت بولۇپمۇ يېزىلاردا كەڭ ئومۇملاشقان. قىسقىسى <تاپقىنى قوي ئۆلتۈرۈر، تاپمىغىنى چۈجە - خوراز> دېگەندەك، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ھالىغا قاراپ، مېھماندىن ھېچ نەرسىسىنى ئايىماي، ساخاۋەت بىلەن داستىخان سالىدۇ. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى