UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىئىچىملىك ۋە چېكىملىك

ئىچىملىك ۋە چېكىملىك

ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق ھاياتىدىن باشلاپ ھەر خىل سۇيۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. يىلقا (ئات)، سۈتنى تۇلۇمغا سېلىپ، ئېچىتىپ قېمىز ياساپ ئىچكەن. يەنە تېرىقنى يارما قىلىپ قاينىتىپ، ئۇنىڭغا ئۈندۈرمە قىلىنغان بۇغداينى سوقۇپ سېلىپ، بىرقانچە كۈن تۇرغۇزۇپ، تېرىق سۇيۇقلۇقى قايناپ كۆپۈك چىقىرىپ پىشقاندا، ئۇنى سۈزۈپ سۈيىنى ئېلىپ بوخسۇم (<تۈركىي تىللار دىۋانى>، Ⅰتوم، 631 - بەت) (بوزا) قىلىپ ئىچكەن. يەنە بۇغداي يارمىسى ۋە ئۇندىن يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان <ئاغاتقۇ>، <پىشماق> دېگەنگە ئوخشاش ئىچىملىكلىرى بولغان. ئۇيغۇرلار شەھەرلەشكەندىن كېيىن، ئۈزۈمدىن مەي (مۇسەللەس) ياساپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئۈزۈم تاتلىق پىشقاندا، ئۈزۈمنى پاكىز يۇيۇپ، سىقىپ تىرىپى ۋە دۇغلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، ھېچقانداق ئېچىتقۇ سالماي قازاندا قاينىتىدۇ (مۇسەللەس قىزارسۇن دېسە، قايناشتا بىر قانچە تال تازىلانغان ئالما سالىدۇ)، قازانغا ئۈچ چېلەك ئۈزۈم سۈيى قۇيغان بولسا بىر چېلەك قالغۇچە قاينىتىدۇ. بۇ چاغدا ئۈزۈم سۈيى شىرنىگە ئايلىنىدۇ. ئاندىن ئىككى چېلەك سۈزۈك سۇ قۇيۇپ، يەنە قاينىتىپ بىر چېلەك تۈگەپ ئىككى چېلەك قالغاندا، ئوتنى توختىتىپ، قول كۆيمىگۈدەك سوۋۇغاندا قۇرۇق، پاكىز كۈپكە ئېلىپ ئاغزىنى ھاۋا كىرمەيدىغان قىلىپ ئېتىپ، ھاۋاسى تەڭشەلگەن جايدا قويۇپ قويىدۇ. كۈپتىكى ئۈزۈم سۈيى ئىككى كۈندىن كېيىن بۇلدۇقلاپ قايناشقا باشلايدۇ. مۇسەللەس پىشقاندا كۆپۈك يوقىلىدۇ. ئاندىن قۇرۇق چۆمۈچ بىلەن چەينەككە ئېلىپ پىيالىگە قۇيۇپ ئىچىدۇ. ئۇيغۇرلار مۇسەللەسنى ھەرگىزمۇ باشقا ئىچىملىكلەرگە ئوخشىتىپ ئىچمەيدۇ. مۇسەللەسنىڭ تەبىئىتى ئىككى خىل بولۇپ، ھۆل ئۈزۈمدە ياسالغىنى سوغۇققا مايىل، ئۇ ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەرگە شىپا بولىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈمدە ياسالغىنى ياكى ئېچىتقۇ ئورنىدا ھەرخىل ئىسسىقلىق دورا - دەرمانلار ۋە كەپتەر باچكىسىنى سېلىپ تەييارلانغان مۇسەللەس ئىسسىق تەبىئەتلىك بولۇپ، سوغۇقچان ھۆل مىجەزلىك ئادەملەر ئىچسە كۆرۈنەرلىك مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇسەللەس ئادەملەر ئىچسە كۆرۈنەرلىك مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇسەللەس قانچە ئۇزۇن تۇرسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئۇنى ئىسسىق جايلاردا كۆمۈپ ساقلاشقىمۇ بولىدۇ. خوتەندە ياسىلىدىغان <مەيزاپ> مۇ مۇسەللەسنىڭ بىر خىلى. چېكىملىك: ئۇيغۇرلاردا كۆك تاماكا، سېرىق تاماكىلارنى چىلىمدا چېكىش بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان، كېيىنچە بۇ خىل چېكىملىك ئۆزلۈكىدىن قېلىپ، موخۇركا چېكىش ئادىتى شەكىللەندى. موخۇركىنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياسايدۇ. موخۇركا غولىنى چاناپ، يانجىپ، تاسقاپ توپىسىنى چىقىرىپ، تېرىقتەك دانچىلارنى ئايرىپ ئۇنى قازاندا قورۇپ ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا كۆك تاماكا ئارىلاشتۇرۇپ قەغەزگە ئوراپ چېكىدۇ. قەغەزدە چېكىش ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى، قەغەزنى كاناي شەكلىدە ئوراپ، موخۇركا تولدۇرسا، يەنە بىرى، قەغەزنى ئىكك قولدەك كېسىپ موخۇركا سېلىپ پاپىروس شەكلىدە يۆگەپ چېكىدۇ. ھازىر موخۇركا ئوراپ چېكىش ئادىتى بارغانسېرى ئازىيىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا زاۋۇتتا ياسالغان تەييار قاپلىق تاماكا چېكىش ئومۇملاشماقتا. تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ نىسبىتى باشقا خەلقلەرگە سېلىشتۇرغان ئانچە يۇقرى ئەمەس. ئاياللار ئىچىدە تاماكا چېكىدىغانلار يوق دېيەرلىك، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنى ناھايىتى يامان كۆرىدۇ. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى
ئىچىملىك ۋە چېكىملىك | UyghurWiki | UyghurWiki