تاماق سايمانلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق سايمانلىرى دېگەندە، تاماق راسلاش سايمىنى ۋە تاماق يېيىش سايمىنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.بۇ خىل سايمانلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەسىلەن، تونۇر، زىخ، ئوچاق، كۆسەي، لاخشىگىر، سۇپىرا، ئاشتاختا، پۇزا، نوغۇچ، تۈكچە، رېپىدە، گەزنە داس (تەڭلە) قازان، داڭقان، تاۋا، ياغلۇغا (سەي قورۇيدىغان ساپلىق)، مانتا قازىنى، چۆمۈچ، كەپكۈر، چويلا، قوشۇق، قوشۇقلۇق، پىلتە لېگىنى، سەي كورىسى، چۆگۈن، چېلەك، كۈب، ياغ تۇڭى، تۇز قاچىسى، پىچاق، قىڭراق، كەكە، پالتا، ئەلگەك، بەل، پېچىنە - پىرەنىك قېلىپى، دوخۇپكا، پەشتاما قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق تاماق سايمانلىرى ھېسابلىنىدۇ.
چوكا، قوشۇق، پىيالە، چىنە، ھەرخىل تەخسە، لېگەن، تاماق ئۈستىلى، داستىخان قاتارلىقلار تاماق يېيىش سايمىنىغا كىرىدۇ. ئەمما بۇ سايمانلارنىڭ ھەممىسى تاماق ئېتىش، يېيىشلەردە بىرگە خىزمەت قىلىدۇ. بۇ خىل تاماق سايمانلىرى ئاساسەن يەرلىك قول ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن ياسىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا قوشۇق ھەممىدىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تاماق يېيىش سايمىنى بولۇپ، ئۇ ئۈجمە ياغىچى، ئۆرۈك، چىلان ياغاچلىرىدىن ئويۇپ، نەقىش چىقىرىپ ياسىلىدۇ. يېزىلاردا چوكا ئىشلىتىش ئانچە كۆپ ئومۇملاشمىغان. بەزى كىشىلەر (كۆپرەك ياشانغان ئاياللار) چوكا بىلەن يېيىلىدىغان لەڭمەن قاتارلىق تاماقلارنى قولى بىلەن يېيىشكە ئادەتلەنگەن. (ش)