UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ تۇي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرىھازا قوشاقلىرى

ھازا قوشاقلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن ئۆلۈم - يېتىم ئادەتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمىكى دەۋىرلەردىن باشلاپ مەيلى قايسى خاراكتېردىكى ئۆلۈم بولۇشىتىن قەتئىينەزەر «ئۆلۈمنىڭ ھۆرمىتى» ئۈچۈن ئۆلگۈچىنىڭ بالا - چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى قايغۇلۇق ئاھاڭدا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن يىغلايدىغان ئادەت بار. گەرچە ئىسلام دىنى قارىشىدا «ئۆلۈمگە يىغا - زار قىلىش تەقدىرگە تەن بەرمىگەنلىك، ئاللانىڭ ئەمرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈگەنلىك» دېيىلىپ، يىغلىماسلىقنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، لېكىن يىغا - زارسىز ئۇزىتىلغان ئۆلۈم جامائەتچىلىك ئارىسىدا غەيرىي ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ. خەلق ئارىسىدىكى «ئۆلۈم يىغىسى بىلەن، توي كۈلكىسى بىلەن قىزىق»دېگەن تەمسىلمۇ مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان. دەرۋەقە،ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە يىغا مەرھۇمغا سېغىنىش ۋە جۇدالىق ھەسرەتلىرىنى بايان قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى ھەمدە «ئۆلگۈچىنىڭ ھازىسىنى ئاچقانلىق» نىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازا ئېچىشنىڭ شەكللىرى خىلمۇ -خىل بولىدۇ. كۆپرەك رايونلاردا مەرھۇمنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىر ۋە يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئاساسلىق ھازىدار سۈپىتىدە مەرھۇمغا سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن مەرسىيە سۆزلىرى ياكى مەرھۇمدىن رازىلىق تىلەيدىغان تىلەك قوشاقلىرىنى يىغا ئاھاڭىغا جور قىلىپ ئېيتىدۇ. بۇنداق مەرسىيەنامىلەردا يەنە مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ياخشى سۈپەتلىرى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ روھى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. مەرسىيەنامە (ھازا قوشاقلىرى) ئارقىلىق مېيىتنى ئۇزىتىش ئادىتى بولۇپمۇ ئاتۇش رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قاغىلىقنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاھىدىرەك بولۇپ، يۇرت - مەھەللىلەردە بىرەر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ھازىسىنى ئېچىش ئۈچۈن شۇ يۇرتتا تونۇلغان ھازىچى (يىغىچى) تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇنداق ھازىچىلار ئاساسەن يېشى چوڭراق، پېشقەدەم ئاياللار بولۇپ، ئۇلار ھەم ھازا قوشاقلىرىنى ئىجاد قىلالايدىغان (قوشاق قاتالايدىغان) ، ھەم مۇڭلۇق يىغا ئاۋازى بىلەن كىشىلەردە مۇسبەت تۇيغۇسى پەيدا قىلالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. يۇرت - مەھەللە ئىچىدە بىرەر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ئالدى بىلەن ئەنە شۇ ھازىچى دەپ نام ئالغان ئايالغا خەۋەر بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھازىچى دەرھال مۇسبەت بولغان ئۆيگە يېتىپ كېلىدۇ ھەمدە ماتەم ئۈچۈن تىكىلگەن ئۇزۇن توننى تەتۈر كىيىپ بىر قولىغا ھاسا ئېلىپ،ئۆلگۈچىنىڭ شەنىگە بېغىشلانغان ھازا قوشاقلىرىنى ئۆزىگە خاس يىغائاھاڭى بىلەن ئېيتىدۇ. بۇ مەرسىيەنامىنىڭ تەسىرى بىلەن مەرھۇمنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە يۇرت جامائەتلىرى ئېغىر مۇسبەت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغۇچى كىشى شۇ يۇرتتىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىۋەر زاتلار، خەلق ئىچىدىكى تەسىرى چوڭ قەھرىمانلار ياكى تۇيۇقسىز بالا - قازاغا يولۇقۇپ ۋاقىتسىز قازا تاپقان نارەسىدىلەر بولسا، ئۇنىڭ شەنىگە بېغىشلانغان ھازا قوشاقلىرىنى ئېيتىش ئۈزۈلمەي بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋدالدا ھازا قوشاقلىرىنى ئېيتىش مەرھۇمنى دەپنە قىلىشقا ئېلىپ ماڭغان پەيتتە يۇقىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. مەتەم مۇراسىملىرىدا مەرسىيەنەمىلەرنى ئېيتىش ئادىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرىلەنگەن بۇنىڭدىن ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىكى خەلق ئىچىگە تارقالغان مەرسىيەنامىلەر بۇنىڭ جانلىق دەلىلى. ئالپ ئەر توڭا ئۆلدىمۇ، ئەسىز ئاژون قالدىمۇ، ئۆزلەك ئۆچىن ئالدىمۇ، ئەندى يۈرەك يىرتىلۇر. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇشۇ مەزمۇندىكى مەرسىيەنامىلەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ، مەرسىيەنامە بىر ژانېر سۈپىتىدە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتتىن ئۇرۇن ئېلىشى، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ماتەم مۇراسىملىرىدا ھازا قوشاقلىرىنى ئېيتىش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرى
ھازا قوشاقلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki