UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ تۇي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرىئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىغا دائىر ئادەتلەر

ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىغا دائىر ئادەتلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن ئۆلۈم - يېتىم ئادەتلىرى 1 ) ئۇيغۇرلاردا ۋاپات بولغۇچى ئىنتايىن ھۆرمەتكە ئىگە. شۇڭا ۋاپات بولغۇچى ئەر بولسا «مەرھۇم»، ئايال بولسا «مەرھۇم» دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ تاۋۇتى قەبرىستانغا قەدەر كۆتۈرۈپ بېرىلىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى قارىلىق تۇتۇپ ئەرلەر بېلىگە ئاق باغلايدۇ، ئاياللار بېشىغا ئاق ياغلىق سالىدۇ. تاۋۇت ئۇزىتىلغانغا قەدەر ئارىلىقتا ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن ئاياللارغىمۇ ئاق ياغلىق سېلىپ قويىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ «يەتتە نەزىرىسى» بېرىلمىگۈچە بىۋاسىتەئەر تۇغقانلار بېلىدىكى ئاقنى يەشمەيدۇ، ساقال - بۇرۇتىنى ئالمايدۇ. بىۋاسىتە ئايال تۇغقانلار ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىرىقى بولمىغۇچە )بەزىدە يىلغىچە( بېشىدىكى ئاقنى ئالمايدۇ. قىزىل - تىزىل كىيىم كەيمەيدۇ، «قىرىقى نەزىر» دە ياكى «يىل نەزىر» دە ياشانغان بىرەر ئايال تەسەللى سۆزلەرنى قىلىپ ئاق سالغۇچىلارنىڭ بېشىدىكى ئاقنى ئېلىۋېتىپ، باشقا ياغلىق سېلىپ قويىدۇ. بۇ «قارىسىنى ئوشتۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىردا ئائىلىدە ئويۇن - كۈلكە ۋە باشقا تاماشا ئىشلىرى زادى بولمايدۇ. ھەتتا قولۇم - قوشنىلارمۇ ئۆز ئۆيىدە كۆڭۈل ئاچىدىغان پائالىيەتلەر ئېلىپ بارمايدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇرۇق - تۇغقانلار ئىچىدە تەييار بولۇپ قالغان توي كېچىكتۈرۈلىدۇ. توينى قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋال بولسا ھازىردار ئائىلىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ. 2 ) ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن بېرىلىدىغان «ئۈچ نەزىر»، «يەتتە نەزىر»، «قىرىقى نەزىر»، «يىل نەزىر»دېگەندەك نەزىرلەرپۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولسىمۇ، لېكىن بەزى يەرلەردە (بولۇپمۇ تۇرپان رايونىدا) يۇقىرىقىدەك نەزىرلەرنى ئۆتكۈزۈشتىن تاشقىرى يەنە «سىپارە» (بەش نەزىر)، «يۈزكۈنلۈك نەزىر» دېگەندەك نەزىرلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. ھەتتا بەزى يەرلەر (خوتەن) دە «يىگىرمە كۈنلۈك نەزىر» ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەزى يەرلەردە «يەتتە نەزىر» چوڭ ئۆتكۈزۈلسە، بەزى يەرلەردە (تۇرپان رايونىدا) سىپارە چوڭ ئۆتكۈزۈلىدۇ. «ئۈچ نەزىر» ئاساسەن مۇردىنى سۇغا ئالغۇچىنى رازى قىلىش مەقسەت قىلىنىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پەقەت يۇغۇچىلار ۋە ئىمام -مەزىنلەر قاتنىشىدۇ. مۇردىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئومۇمەن تۆت ئادەم قاتنىشىدۇ. بۇلارنىڭ بىر «باش يۇغۇچى»، يەنە بىرى «ئاياغ يۇغۇچى»، قالغان ئىككى سۇ قۇيۇپ بەرگۈچى. «باش يۇغۇچى » مۇردىنىڭ بېلىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىنى، «ئاياغ يۇغۇچى» بەلنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى يۇيىدۇ. يۇغۇچىلار يالغۇچ مېيىتنى يۇيۇپلا قالماستىن، يەنە كېپەننى تىكىپ تەييار قىلسىدۇ ۋە كېپەنگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردار ئائىلە ئۇلارنى ئىمكان بار ياخشى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ نىمكەش كىيىملىرىنى يۇيۇپ تازىلاپ،يۇغۇچىلارغا قويىدۇ. بەزىلەر بولسا ۋاپات بولغۇچىنىڭ كىيىم - كېچىكى ئاياغ ئاستى بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئەن رەخت، پۇل قويىدۇ. قايسى خىلدىكى نەرسە قويۇلسۇن، «باش يۇغۇچى»، «ئاياغ يۇغۇچى» بىلەن سۇ قۇيۇپ بەرگۈچى پەرقلەندۈرۈلىدۇ. مۇردا يۇيۇلۇپ سۈيى ياكى ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان زەمزەم سۈيى سېپىلىدۇ. باشقا نەزىرلەر ئۆز لايىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى ئۆز ئالدىغا نەزىر بېرىدۇ. ھازىر بولسا ئائىلە باشلىقى پەرزەنتلەر نامىدىن بىرلا قېتىم نەزىر بېرىدىغان بولدى. بۇ ياخشى ئەھۋال. ئۇيغۇرلاردا ھەر پەيشەنبە كۈنى «ئەرۋاھ» لارغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىدىغان ئەھۋال داۋاملاشماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەممە «ئەرۋاھ» لار جۈمە كۈنى مەككىگە توپلىنىپ جۈمە نامىزى ئوقۇيمىش. مەككىگە بېرىش ئۈچۈن «ئەرۋاھ» تېتىك بولۇشى لازىممىش. ھەر پەيشەنبە كۈنى ياغ يۇرىتىلسا «ئەرۋاھلار» تېتىكلىشىپ مەككىگە بالدۇرلا بارارئىمىش. 3 ( مۇردا يۇيۇلۇپ كېپەنگە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالا - چاقىلىرى، يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى مۇردا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ۋاپات بولغۇچى ئەر بولسا ئۇنىڭ ئايالى، ئەگەر ئايال بولسا، ئۇنىڭ ئېرى مۇردا بىلەن ۋىدالاشمايدۇ. سەۋەبى جان چىققاندىن كېيىن ئەر ئايالغا، ئايال ئەرگە يات بولۇپ كېتىدۇ - دە، بىر - بىرىنى كۆرۈش «نامەھرەم» بولىدۇ، دەيدىغان قاراش ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى كۈچلۈك. 4) ئېرى ئۆلگەن ئايال ياكى ئايلى ئۆلگەن ئەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۆلگۈچىنىڭ يىل بولمىغۇچە ئەرگە تەگمەيدۇ ياكى ئۆيلەنمەيدۇ (ئايرىم ئەھۋاللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا). ئەگەر بۇنىڭغا رىئايە قىلماي ئەرگە تەگسە ياكى خوتۇن ئالسا، پەرزەنتلەرنارازى بولىدۇ. جامائەت تەگەيدۇ. 5 ) جىنازا نامىزى مەسچىتتە ئوقۇلىدۇ. ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ناماز چۈشۈر گۈچىگە ناماز ھەققى، نامازغا قاتناشقان غېرىب - غۇرۋالارغا «ئىسقات» بېرىلىدۇ. ئىسقات ئالغۇچىلار ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن خالىسانە ناماز ئوقۇپ قويىدۇ، ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ، قەبرىستانلىققا قاراپ يول ئېلىنىدۇ. نامازغا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قەبرىستانلىققا بارىدۇ. جەسەت گۆرگە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، جامائەت ئۇدۇل ھازىدار ئائىلىسىگە پەتىگە كېلىپ قۇرئان - تىلاۋەت قىلىپ قايتىدۇ. ئەتىسى بامدات نامىزىدىن قايتقان جامائەت يەنە پەتىگە كىرىپ، قۇرئان - تىلاۋەت قىلىدۇ. جىنازىدىكى مۇردىنىڭ ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىنى تاۋۇتقا يېپىلغان يوپۇقتىن بىلگىلى بولىدۇ. ئايالنىڭ تاۋۇتىغا گۈللۈك ئېسىل رەختلەردىن يوپۇق يېپىلىدۇ. ئەر بولسا ئاق ياكى قارا سىدام رەختتىن قىلىنغان يوپۇق يېپىلىدۇ. 6 ) قەبرە ئۈچۈن قۇرۇق يەر تاللىنىدۇ. ئۆتمۈشتە ھەر بىر ئائىلە جەمەتىنىڭ كېلىپ قالغانلار ۋاپات بولسا «مۇساپىرلار قەبرىستانلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئومۇمىي قەبرىستانلىققا كۆمۈلەتتى. قەبرە ئىگىلىرى قەبرىنى يوقلىغىلى چىقسا قەبرىنىڭ توپسىنى يۆلەپ ئېگىزلىتىپ قويىدۇ ھەم ئۇچار قۇشلار يېسۇن دەپ، ئۈستىگە دان چېچىپ قويىدۇ. بەزىلەر قەبرىنىڭ ئۈستىگە توپىسىنى شامال ئۇچۇرۇپ تۇرسا ياخشى، دەپ قارىسا، بەزىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە، قەبرىنىڭ توپىسى ئۇچۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن گۈمبەز ياساپ قويىدۇ. قەبرىنىڭ باش تەرىپىگە قەبرە تېشى ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى يېزىپ قويۇلىدۇ. بەزىلەر قەبرىنى تۆمۈر ياكى ياغاچ رېشاتكا ئىچىگە ئېلىپ قويىدۇ. بەزىلەر قەبرە ئەتراپىغا دەل - دەرەخ تىكىپ، گۈل - گىياھ تېرىپ ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. 7 ) بەزىلەر جەسەتنى ئىلاج بار يول بويىدىكى قەبرىستانغا دەپنە قىلىدۇ. ئۇلار يولدىن ئۆتكۈچىلەر قەبرىستاندىكىلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ قويىدۇ، دېگەننى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق قوشاق پەيدا بولغان ۋە ساقلانغان: مەن ئۆلەرمەن، مەن ئۆلەرمەن يولدا قويماڭلار مېنى. يولدا قويساڭلار قويۇڭلار، چۆلدە قويماڭلار مېنى. 8 ) ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن بېرىلگەن نەزىر تۈگىگەندىن كېيىن ئائىلە جەمەتى قەبرىستانغا بېرىپ، قەبرىنى يوقلاش، شۇنداقلا ھەر بىر روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيىتلاردا نامازدىن كېيىن قەبرىستانغا بېرىپ قەبرىنى يوقلاش ئادىتى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا. 9 ) ئۇيغۇرلادا «ئاتا - ئانامنىڭ ئايىغىدا ياتىمەن» دېگەن ئارزۇ كۈچكۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياقا يۇرتلاردا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ جەسىتى يۇرتىغا ئېلىپ بېرىلىپ دەپنە قىلىنىدىغان ئەھۋاللار ياكى جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆز يۇرتىغا ئەكېتىدىغان ئەھۋاللار ھازىرمۇ بار. 10 ) بەزى ياشانغان ئادەملەر بالا - چاقىلىرىنى ئالدىرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ھايات ۋاقتىدىلا ئۆلۈملۈكىنى ھازىرلاپ قويىدۇ، يەرلىكىنى چاپتۇرۇپ تەييارلاپ قويىدۇ. 11 ) ئائىلە چوڭلىرىدىن بىرى )مەيلى ئاتا، مەلكى ئانا( ئاغرىپ قېلىپ ساقايمىسا، كېسەلنىڭ تەلىپى بويىچە شۇ ئائىلىدە تەييار بولۇپ قالغان توينى قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا ئۈلگۈرمەي كېسەل ۋاپات بولۇپ كەتسە،جەسەتنى دەپنە قىلماي تۇرۇپ نىكاھنى ئوقۇتۇپ قويۇپ، ئاندىن جەسەتنى ئۇزىتىدۇ. بۇ ئاتا - ئانىنىڭ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 12 ) ھازىدار ئائىلە ھازا بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆز ئائىلسىدە تاماق يېيىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنا ۋە ئەل - ئاغىنىلەر ئائىلىسى بىلەن ھەپتە، ھەتتا بىرەر ئايغىچە تاماق ئەكېلىپ تۇرىدۇ. كەلگەن تاۋاققا ھازىدارلار ۋە باشقىلار ئېغىز تېگىدۇ. 13 ) ئۇيغۇرلاردا ئىگە - چاقىسىز يېتىم - يېسىرلار، مۇساپىرلار ئۆلۈپ قالسا، ئۇنى «خالىس ئۆلۈم» دەپ، يۇرت - مەھەللە بىرلىكتە نامىزىنى چۈشۈرۈپ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى جامائەت خالىسانە ياردەم قىلىپ دەپنە قىلىدىغان ئادەت بار. بۇنداق خالىس ئۆلۈمنى ئۇزىتىشنى ساۋابلىق ئىش دەپ ھېسابلايدۇ. (ر)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرى
ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىغا دائىر ئادەتلەر | UyghurWiki | UyghurWiki