قىز - يىگىت تويى
ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن ئۆلۈم - يېتىم ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلاردا «نىكاھ تويى»، «بۆشۈك توي»، «سۈننەت توي»، «چاچ قوشاق تويى» دېگەندەك تويلار بار. بۇ تويلارنىڭ تۈلۈك قائىدە - يوسۇنلىرى بار. بۇلارغا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئېتقاد قىلىدىغان تۈلۈك دىنلارنىڭ ئەقىدىلىرى سىڭگەن.
نىكاھ توي
«نىكاھ» - ئىنسان ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇھىم،ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ بىرى. «نىكاھ توي» ئائىلە جامائەتچىلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۈزۈلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭتىكىلىنىشى ۋە كېڭىيىشىنىڭ مەنبەسى، شۇڭا ئۇ تارىختىن بۇيان شەخسلەرنىڭ، ئائىلىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشىپ كەلدى.
ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تەكشى بولمىغىنى ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان توي ئادەتلىرى شەكللەنگەن. تۆۋەندە پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا بىر قەدەر ئورتاق بولغان «نىكاھ توي» ئادىتى، قائىدە - يوسۇنى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. «نىكاھ توي» تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:
1 . ئەلچى ئەۋەتىش
يىگىت بىلەن قىز بىر - بىرى بىلەن تونۇشۇپ، بىر مۇددەت سىنىشىپ، توي قىلىش قارارىغا كېلىشكەندىن كېيىن ئۆز ئائىلىلىرىگە لايىق تېپىشقانلىقىنى، توي قىلىش قارارىغا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ھەر ئىككى ئائىلە لايىقنى ماقۇل كۆرۈشكەندىن كېيىن، يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە ئەلچى ئەۋەتىدۇ. ھەر ئىككى ئائىلە دەيدىغان گەپ - سۆزىنى، تەلەپلىرىنى ئەلچىگە دەيدۇ. ئەلچى ئوتتۇرىدا خالىس تۇرۇپ ئۇزۇننى قىسقا، قىسقىسىنى ئۇزۇن قىلىدۇ. ئەلچى قىز تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن «چاي»ئەكېلىش ۋاقتىنى بەلگىلەپ قايتىدۇ.
2 . چاي ئاپىرىش
ئۇيغۇرلاردا چاي «كىچىك چاي»، «چوڭ چاي» دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. «كىچىك چاي» - «ماقۇل چېيى» ياكى «تەزىم چېيى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يىگىتىنىڭ ئانىسى بىر قانچە ئايال ۋە ئوتتۇرىدا ماڭغان ئەلچىنى ئېلىپ قىزنىڭ ئائىلىسىگە «كىچىك چاي» ئاپىرىدۇ. يەنى يىگىت تەرەپ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە قىزغا ئاتاپ بىرەر قۇردىن كىيىملىك رەخىت ۋە باشقا نەرسىلەردىن داستىخان قىلىپ بارىدۇ. قىز تەرەپ ئۆز رازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، يىگىت تەرەپتىن بارغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قول قوۋۇشتۇرۇپ تەزىم قىلىپ رەھمەت ئېيتىدۇ. «چوڭ چاي»ئاپىرىلىدىغان كۈن بەلگىلەنگەندىن كېيىن «چوڭ چاي» ئاپىرىلىدۇ. «چوڭ چاي» قىز تەرەپتە بولىدۇ. چايغا يىگىت ۋە قىز تەرەپتىن ئەر - ئايال بولۇپ ئەللىك - ئاتمىش ئادەم قاتنىشىدۇ. چوڭ چايدا قىزنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە باشقا يېقىن بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئۈچۈن كىيىملىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇلار سورۇندا كۆپچىلىككە كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىرەر تىرىك مال، مەلۇم مىقداردا گۈرۈچ، ماي، نان، قەنت - گېزەك، چاي، تۈز قاتارلىقلارمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئېلىپ بېرىلىدىغان تىرىك مالنىڭ بېشىغا قىزىل باغلىنىپ، يىگىت تەرەپتىن بىر ئادەم يېتىلەپ ئاپىرىدۇ. قىز تەرەپتىن بۇ مالنى قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ساندۇق ئاچقۇچى ئايال ئالدىن ھازىرلاپ قويغان «چاچقۇ»نى سورۇنغا چاچىدۇ. سورۇندىكىلەر ئۇنى «تەۋەررۈك» بىلىپ، بۇلاپ - تالاپ يەردىن تېرىۋالىدۇ. ساندۇق ئاچقۇچى ئايالنى يىگىت تەرەپ بەلگىلەيدۇ. يىگىت تەرەپ ئۇنىڭغا ئاتاپ بىرەر ياغلىق ياكى بىرەر كۆڭلەكلىك رەختنى ساندۇققا سېلىپ قويىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، ساندۇق ئاچقۇچى ئايال بىر نىكاھلانغان ئايال بولۇشى شەرت. كۆپ نىكاھلىق بولغان ئايال بۇ ئىشنى باشقۇرسا، قىز ئەردىن چىقىپ ئەرگە تېگىدىغان، يىگىت خوتۇن ئېلىپ خوتۇن قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ قالارئىمىش. شۇنداقلا يىگىت بىلەن قىزنىڭ قولداشلىرىمۇ ئۆيلەنمىگەن يىگىت، ياتلىق بولمىغان قىز بولۇشى شەرت. يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى توينىڭ ئارا ئايدا (روزا ھېيىت بىلەن قۇربان ھېيىت ئارىلىقىدىكى ئاي) بولۇپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە توي ئارا ئايدا بولسا، يىگىت بىلەن قىز ئەپلىشەلمەي قىز ئارىدا قالارئىمىش. «چوڭ چاي» ئاخىرلاشقاندا تويى بولماقچى بولغان قىزنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرىنىڭ ئانىسى ئالاھىدە داستىخان راسلاپ، قىزنى ئۆزى ئۆيىدە ئولتۇرغۇزۇپ بېرىش ئۈچۈن سورىۋالىدۇ ۋە توي كۈنى ئۇ شۇ ئائىلە قىزنى ۋە قىزنىڭ دوستلىرىدىن بولۇپ ئوتتۇز - قىرىق قىزنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ مېھمان قىلىدۇ.چوڭ چاي كۈنى توي بولىدىغان كۈن بەلگىلىنىدۇ. ئاشسۈيى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ بىر يەرگە كېلىدۇ. ئاشسۈيى ئۈچۈن گۆش، ماي، گۈرۈچ، نان، چاي، تۇز، سەۋزە، يېقىلغۇ بېرىلىدۇ. بۇلار تويدىن بىر كۈن بۇرۇن قىزنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. توي بولۇشتىن بۇرۇن قىزنىڭ بىر نەچچە دوستى «ئۆي ياساش» قا كېلدۇ. ئۇلار قىز تەرەپتىن ئەكەلگەن ۋە يىگىت تەييارلىغان نەرسىلەر بىلەن ئۆينى ياسايدۇ.قىزلار ئۆينى ياساپ بولغاندىن كېيىن يىگىت تەرەپ ئۇلارنى مېھمان قىلىدۇ. ۋە ھەربىر قىزنىڭ ئالدىغا سوپۇن، ئەتىر، قول ياغلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇپ رازى قىلىپ يولغا سېلىپ قويىدۇ. چوڭ چاي تۈگىگەندىن كېيىن يىگىت ۋە قىز ئۆزلىرىنى دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ دوختۇرنىڭ ئىسپاتى بىلەن «توي خېتى» ئېلىپ قانۇنىي رەسمىيەتنى ئۆتەيدۇ.
3 . نىكاھ
توي كۈنى سەھەردە نىكاھ ئوقۇلىدۇ (نىكاھ قونۇپ قالسا بولمايدۇ دەپ بۇرۇن نىكاھ ئوقۇلمايدۇ). نىكاھ ۋاقتىدا سورۇندا يىگىت بىلەن قىز ھازىر بولۇشى شەرت. نىكاھ ۋاقتىدا يىگىت قولدىشى بىلەن قىز قولداشلىرىمۇ بىللە بولىدۇ. ئۆتمۈشتە يىگىت مەلۇم سەۋەب بىلەن نىكاھ ئۈستىدە بولالمىسا، يىگىتنىڭ قەلەمتىرىشى ياكى پىچىقىغا نىكاھ ئوقۇيدىغان ئەھۋال بار ئىدى. نىكاھ ۋاقتىدا يىگىت بىلەن قىزنىڭ «ئۆزۈمگە قوبۇل قىلدىم» دېگەن جاۋابىنى ھەممە ئادەم ئاڭلىشى شەرت. بەزىلەر «ئاڭلىمىدۇق»دېسە، ئاڭلىغانلاردىن بىر - ئىككىسى «ئاڭلىدۇق» دەپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتسە، نىكاھ ئوقۇش داۋامىلىشىدۇ. نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن سورۇندىكىلەر يىگىت بىلەن قىزنى تەبرىكلىشىدۇ. نىكاھتىن كېيىن يىگىت بىلەن قىزغا شاكىراب (تۇز) قاچىلانغان ئىككى بۇردا نان يېگۈزىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە،تۈز ئىككى ياشنىڭ مۇھەببىتىنى چىڭىتارئىمىش. شاكىرابقا چىلانغان نان بۇردىسىنى قاچىدىن ئېلىشتا يىگىت قولدىشى بىلەن قىز قولدىشى ناھايىتى چاققانلىق ئىشلىتىپ، بالدۇر ئېلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قايسى بالدۇر ئېلىۋالسا شۇ تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن قورقمايدىغان بولارئىمىش. توي كۈنى سەھەردە يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە قارىشىپ بېرىش ئۈچۈن بىر - ئىككى ئادەم ئەۋەتىدۇ. شۇنداقلا توي داۋامىلىشىۋاتقان ۋاقىتتا يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە ھال سوراپ بىر نەچچە ئادەم ئەۋەتىدۇ.
4 . توي كۆچۈرۈش
قىز كۆچۈرگۈچىلەر نەغمە - ناۋا بىلەن قىز ئولتۇرغان ئائىلىگە بېرىپ قىزنى كۆچۈرۈپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىدۇ. قىز پۈركەنگەن ھالدا يىغلاپ تۇرۇپ ئاتا - ئانىسى بىلەن خوشلىشىدۇ. ئاتا - ئانا قىبلە تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ، قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، بېشى باش، ئايىغى تاش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە قىزنىڭ بېشىدىن نان، سۇپرا ئۆرۈيدۇ. قىزنى كۆچۈرۈپ يىگىتنىڭ ئۆيگە ئەكىرىدۇ. قىز پاياندازنى دەسسەپ بولغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكىلەر پاياندارنى تالىشىپ يىرتىپ پارچە - پارچە قىلىۋېتىدۇ ۋە «تەۋەررۈك» قىلىش ئۈچۈن ئېلىشدۇ، كېلىن ئۆيگە پۈركەنگەن ھالىدا كىرىدۇ. بىرئازدىن كېيىن قېيىن ئانا كېلىننىڭ پۈركەنجىسىنى ئېلىۋېتىپ كىچىك ياغلىق سېلىپ قويىدۇ ۋە پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ. قىزمى كۆچۈرۈپ كېلىش جەريانىدا يولدا توي توسىغۇچىلار بولىدۇ. بۇلارغا ماددىي نەرسىلەر بەرگەندىلا ئاندىن يول بېرىدۇ. بەزى يەرلەردە قىز كۆچۈرۈپ كېلىۋاتقانلارنىڭ قاتناش ۋاستىسدىن چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇلارئۇسسۇل ئويناپ بېرىدۇ. قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۆيگە ئەكىرىشتىن بۇرۇن كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئايلندۇرىدۇ. بۇ زەردۇشت دىنىنىڭ ئەقىدىسى بولۇپ، ئوتتىن مەدەت تىلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندە تۆش سوراپ دەرۋازىنى ئاچقىلى ئۇنىمايدۇ. قىزغا ھەمراھ بولۇپ كەلگۈچىلەر ياغلىققا ئورالغان تۆشنى بەرگەندىلا دەرۋازىنى ئاندىن ئاچىدۇ.
5 . سالامغا بېرىش ۋە سالامغا كىرىش
توينىڭ ئەتىسى يىگىت ئۆز قولدىشى بىلەن قېيىن ئاتا، قېيىن ئانا ئالدىغا سالامغا بارىدۇ. ئۇلار ئۆز كۈيئوغلىنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ۋە كۈيئوغلى ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان كىيىم ۋە كىيىملىك رەختنى قويىدۇ. يىگىت قولدىشىغىمۇ ئۆز لايىقىدا بىر نەرسە قويىدۇ. شۇ كۈنى يېڭى كېلىن ئۆز قولدىشى بىلەن قېيىن ئاتا، قېيىن ئانا ئالدىغا سالامغا كىرىدۇ. بۇلارمۇ مېھمان قىلىنىدۇ. قىز قولدىشىغىمۇ ئۆز لايىقىدا بىر نەرسە قويىدۇ. سالامغا بارغان ۋە سالامغا كىرگەن كۈنى قىز تەرەپ كۈيئوغۇل تەرەپكە «ئىسىقلىق» ئەكېلىدۇ. «ئىسىقلىق» ئۈچۈن تولىراق سامسا، پېتىر مانتا، ئۆپكە - ھېسىپ ۋە باشقا خىلدىكى تاماقلارنى ئەكېلىدۇ. ئىسسىقلىقى قىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، قولۇم قوشنىلىرى ئەكېلىدۇ. ئىسىقلىققا يىگىت، قىز ۋە يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئېغىز تېگىدۇ. «ئىسىقلىق» ئەكەلگۈچىلەر قانچە ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىيىملىك رەخت قويۇلىدۇ ۋە «ئىسىقلىق» ئەكېلىنگەن تاۋاقلارغىمۇ لايىقىدا رەخت سېلىنىدۇ.
6 . چىللاق
چىللاق - توينىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. چىللاق توي بولغان ھەپتە ئىچىدە بولىدۇ. چىللاقنى ئاۋۋال يىگىت تەرەپ ئۆتكۈزىدۇ. ئاندىن قىز تەرەپ ئۆتكۈزىدۇ. چىللاققا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى، يېقىن قولۇم - قۇشنىلىرىنى تەكلىپ قىلىدۇ. چىللاق - ئۆزئارا ھاردۇقسوراشنى، تۇغقانلار بىر - بىرى بىلەن تونۇشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. يىگىت تەرەپ چىللاق ئۆتكۈزگەندە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى، ئاچا - سىڭىللىرى قىزنىڭ ھۈجرىسىنى ئالاھىدە پەتىلەيدۇ. ئۇلار ئەكەلگەن نەرسىلىرى بىلەن ھۇجرىسىنىڭ كەم نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.
قايسى خىلدىكى توي بولمىسۇن، توي قىلغۇچى تويدا قارىشىپ بېرىشكە تېگىشلىك ئادەملەردىن ئەر - ئايال بولۇپ يىگىرمە - ئوتتۇز ئادەمنى چاقىرىپ «مەسلىھەت چېيى» ئۆتكۈزىدۇ. چايدا توينى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئۇلاردىن مەسلىھەت سورىلىدۇ. چايدا خىزمەت تەقسىماتى بولىدۇ. توي كۈنى ئۇلار ئەتىگەندىن - كەچكىچە تەرلەپ - پىشىپ ئىشلىشىپ بېرىدۇ. توي تۈگەش بىلەن توي ئىگىسى ئالاھىدە داستىخان ھازىرلاپ ئۇلارغا «ھاردۇق چېيى» بېرىپ ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ. (ر)