سۈننەت توي
ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن ئۆلۈم - يېتىم ئادەتلىرى
سۈننەت توي بەزى يەرلەردە «خەتنە توي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «سۈننەت» مۇھەممەت پەيغەمبەر تەرەپتىن قىلىشقا بۇيرۇلغان ئەمەللەردىن بىرى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلىقنىڭ بەلگىسى. شۇڭا بۇ ئادەت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەممە خەلققە ئورتاق. «سۈننەت توي» ئوغۇل بالا بەش ياشتىن يەتتە ياشقا كىرگەن ئارىلىقىدا بولىدۇ. بۇ كۆپىنچە كۈز ۋە ئەتىيازدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەرىكىگە ئۇرۇق - تۇغقان ، قولۇم- قوشنا، ئەل - ئاغىنىلەر تەكلىپ قىلىنىپ مېھمان قىلىنىدۇ. سۈننەت قىلىنىدىغان بالا ئۈچۈن يېڭىدىن يوتقان - كۆرپە تەييارلىنىدۇ. بالىغا يېڭى - يېڭى كىيىم - كېچەك كىيىدۇرۈلىدۇ، قىزىل تاۋاردىن بەلباغ باغلىنىدۇ ياكى مەيدىسىگە گۈل تاقىلىدۇ. مېھماندارچىلىق ئاخىرىدا خەتنە باشلىنىدۇ (بەزى يەرلەردە ئاۋۋال خەتنە قىلىپ، توي كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ ياكى مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق پەيىتتە خەتنە قىلىنىدۇ) . خەتنىدىن بۇرۇن بالىنى چوڭ - كىچىك تەرەت قىلدۇرىدۇ. سۈننەتچى ۋە بالىنىڭ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلدۇرىدۇ. سۈننەتچى ۋە بالىنىڭ تاغىلىرى بالىنىڭ يۈرىكىنى توختىدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلىدۇ. خەتنە ۋاقتىدا بالىنى تاغىسى ياكى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم تۇتۇپ بېرىدۇ.
خەتنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كېسىلگەن يەردىن قان چىقاماسلىق ئۈچۈن كەسكەن يەرگە كۆپدۈرۈلگەن پاختا بېسىپ قويۇلىدۇ. بالا تولا يىغلاپ قان كەتمىسۇن، دەپ بالىنىڭ ئاغزىغا تۇخۇم كەپلەپ قويۇلىدۇ. سورۇندا بولغۇچىلار بالىنى مۇبارەكلەپبالىغا پۇل تۇتقۇزىدۇ. سۈننەتچىنىڭ قولى يېنىك بولسا، بالا بىر ھەپتىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ. بەزى ئوغۇل بالا تۇغۇلۇشتا خەتنىلىك تۇغۇلىدۇ. بۇنداق بالىلار خەتنە قىلىنىمايدۇ. بەزى مۇسۇلمان ئەللىرىدە ھازىرمۇ ئوغۇل بالا تۇغۇلغاندا كىندىكىنى كېسىپ بولۇپلا، خەتنە قىلىۋېتىدۇ. چوڭ بولۇشىنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. (ر)