UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ تۇي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرىبالىغا ئات قويۇش

بالىغا ئات قويۇش

ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن ئۆلۈم - يېتىم ئادەتلىرى مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» (1 توم، 525 - بەت) دا «كۈدەن» دېگەن سۆزنى «بالىغا ئات قويۇش زىياپىتى» دەپ چۈشۈندۈرگەن. بۇ بالىغا ئات قويۇش ئادىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئادەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرمۇ داۋامىلىشىپ كەلمەكتە. بالا تۇغۇلۇپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاتا - ئانا بالىغا ئات قويۇش كويىغا چۈشىدۇ، بالىغا ئىسىم تاللايدۇ، ئىسىم تاللاپ بولغاندىن كېيىن، تەقۋادار بىر ئادەم تەكلىپ قىلىنىپ، بالىغا ئىسىم قويدۇرۇلىدۇ. ئات قويغۇچى زاكىلاقلىق بالىنى قولىغا ئېلىپ، قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ تەكبىر ئېيتىپ، بالىنىڭ قولىقىغا ئەزان توۋلاپ ئېتىڭىز XXX بولسۇن، دەپ جاينامازغا دوملىتىدۇ. سورۇندا ھازىر بولغۇچىلار بوۋاقنى يېڭى ئىسمى بىلەن مۇبارەكلىشىدۇ. ئاندىن سورۇندا ھازىر بولغۇچىلارغا داستىخان سېلىپ ئۇلارنى مېھمان قىلىدۇ. ئات قويغۇچىنىڭ ئالدىغا پۇل ياكى باشقا ماددىي نەرسە قويۇپ رازى قىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا بالىغا ئات قويۇش بىر خىل مۇراسىم شەكلىنى ئالغان بولۇپ، بۇ مۇراسىمغا ئات قويغۇچى مۇللىدىن باشقا يەنە يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلار ۋە دوست - بۇرادەرلەر تەكلىپ قىلىنىدۇ. (ر)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرى
بالىغا ئات قويۇش | UyghurWiki | UyghurWiki