UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ تۇي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرىتوي مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيەتلىرى

توي مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيەتلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن ئۆلۈم - يېتىم ئادەتلىرى يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توي مۇراسىملىرى داغدۇغىلىق بولۇپ، توي كۈنىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ئۇيغۇرلار خۇش چاقچاق ۋە سەنئەتخۇمارخەلق بولغاچقا،ئۇلارنىڭ بۇ تەبىئىتى توي مۇراسىملىرىدا گەۋدىلىك ئەكس ئېتىلىدۇ. توي كۈنى يىگىت ۋە قىز ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدە دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇلاردىن بىرى، قىزنىڭ ئۆيىدە بولىدىغان «يار - يار» ياكى «يۆلەن» ناخشىسىنى ئېيتىشتىن ئىبارەت. «يار - يار» قوشاقلىرى قىزى ئۇزىتىش ئاخشىمى كۆپچىلىك تەرىچىدىن ئېيتىشىش شەكىلىدە كۈيلىنىدۇ. «يار - يار» قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇنى شۇ توينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، قىز ئۆز رازىلىقى بىلەن بولغان تويلاردا، ئاساسەن قىزنىڭ مەدھىيىسى، گۈزەللىكى، قىزنىڭ بەخت - سائادىتى ھەققىدىكى ياخشى تىلەكلەر ھەمدە ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇرۇقق - تۇغقانلىرىنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرى «يار - يار» قوشاقلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن ئۆتمۈش جەمئىيەتتە فېئودالىزمنىڭ چىرىك قانۇن - تۈزۈملىرى قىز - يىگىتلەرنىڭ ئەركىن مۇھەببىتىگە يول قويۇلمايتتى. قىز - يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە يول قويۇلمايىتتى. قىز - يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا توي قىلىشقا مەجبۇر قىلىناتتى. كىشىلىك ھوقۇق پايمال قىلىنغان فېئوداللىق نىكاھ تۈزۈمى شارائىتىدا ئۆتكۈزۈلىگەن تويلاردا قىزنىڭ بەخىتسىز تەقدىرىگە بولغان ئېچىنىش، ئارزۇ - ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشىمىغان بىچارە قىزنىڭ مۇڭلۇق ھەسرەت - نادامەتلىرى، ئاتا - ئانىنىڭ نەسىھەت ۋە تەسەللىلىرى «يار - يار» ناخشىلىرىدا ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: تەكچىدىكى قاچىنى چاڭ بېسىپتۇ، يار - يار كېلىنچەكنىڭ ئانىسىنى. غەم بېسىپتۇ، يار - يار. ھاي - ھاي يۆلەن، ھاي يۆلەن بىر باغ پاخال، يار - يار يىگىتىگە قارىساڭ، پاخمال ساقال، يار - يار. ھاي - ھاي يۆلەن، ھاي يۆلەن قار كېلىدۇ، يار - يار. بەرگى خازان توننى كىيىپ يار كېلىدۇ، يار - يار. «يار - يار» قوشاقلىرى ئارقىلىق قىزنى ئۇزىتىش ئادىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن. توي كۈنى يىگىتلەر قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن «ھۆجرا كىچىسى» دە «چۈن - چۈن سالۋات» ئېيتىدىغان ئادەت ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، جەنۇنىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى توي -تۆكۈنلەردە كۆرۈلمەيدۇ. «چۈن - چۈن سالۋات» قوشاقلىرى ئاساسەن كومېدىيىلىك تۈس ئالغان ھەجۋىي شېئىرلار بولۇپ، يىگىتلەر تەرىپىدىن ئېيتىلىدۇ. «چۈن - چۈن سالۋات» قوشاقلىرىنىڭ «توشقان ئوۋلاش»، «جەرەن سەكرىدى»، «بۈرگەم» دېگەندەك مەخسۇس ناملىرى بار. ئالايلۇق: بۈرگەمنى سويماق بولدۇم. ئاتمىش قاسساپ ئەكەلدىم، يەتمىشگە باغلاتتىم، سەكسەنىگە باستۇردۇم، توقسىنىغا سويغۇزۇپ، توقسان توققۇزىغا ئاستۇردۇم. ... بۈرگەمنىڭ گۆشىدىن بىز مايلىق مانتا ياسىدۇق، بىرنى يېسەڭ ئۇھ دەيسەن، ئىككىنى يېسەڭ سۇ دەيسەن، يالغان بولسا قاراڭلار، مانتىدا باردۇر كاللىسى، قىشتىن بېرى يەۋاتىمىز، ھېلىمۇ بار تەڭ يارتىسى. («بۈرگەم» دىن پارچە) مۇشۇنداق قىزىقچىلىقلاردىن كېيىن «پوتا ئويۇنى» ئوينىلىدۇ، «پوتا ئويۇنى» دا قىز - يىگىتلەر پوتىنىڭ ئۈچىدىن تۇتۇشۇپ لەپەر شەكلىدە بېيىت ئېيتىشىدۇ. بېيىت ئارقىلىق تاكى بىر تەرەپ يېڭىۋالغۇچە ئويۇن داۋاملىشىدۇ. بۇ ئويۇن «لەپەر كېچىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لەپەر ئارقىلىق قىز ۋە يىگىتلەر بىر - بىرى بىلەن تونۇشىدۇ، قائىدە بويىچە لەپەرنى ھەم ئۇنىڭ بېيتلىرىنى ئالدى بىلەن يىگىت تەرەپ باشلايدۇ. بۇنداق شەرت لەپەرنىڭ ئۆزىدە مۇنداق ئىپادىلەنگەن: ئاۋۋال باشلاپ لەپەرنى قىز باشلىماس، قىز باشلىغان لەپەرنى ئەل خوشلىماس. قىسقىسى، توي جەريانىدىكى پائالىيەتلەر ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە جەلپ قىلارلىق بولۇپ، بەزى رايونلاردا مەشرەپ تۈسىنى ئالغان. (ئا) قىسقىسى، توي جەريانىدىكى پائالىيەتلەر ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە جەلىپ قىلارلىق بولۇپ، بەزى رايونلاردا مەشرەپ تۈسىنى ئالغان. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرى
توي مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيەتلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki