جۇۋان تويى ۋە جۇۋانچە كۆڭلەك
ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن ئۆلۈم - يېتىم ئادەتلىرى
ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە خېلى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملارنىڭ بىرى - جۇۋان تويىدۇر.
ئاياللارنىڭ ياشلىق داۋرى ئۆز مەزگىلىگە قاراپ قىزلىق دەۋرى (بالاغەتكە يېتىش دەۋرى)، سېكىلەك دەۋرى، چوكان دەۋرى، جۇۋان دەۋرى دەپ تۆت دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. ئادەتتە قىزلار ياتلىق بولۇپ ئىككى - ئۈچ بالىلىق بولغاندىن كېيىن يولدىشى (ئېرى) بىلەن مەڭگۈلۈك بىرگە ئۆتۈشكە ئىشەنچ ھاسىل قىلغاندا ھەمدە قىرانلىق مەزگىلىگە يېتىپ، ھەر جەھەتتىن سۈلكەت ۋەسلىگە تولغاندا ئايال ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە قولۇم - قوشنىلىرىنى چاقىرىپ ئۆزىنىڭ «جۇۋان تويى» نى ئۆتكۈزىدۇ. جۇۋان تويى ئۈچۈن ئالاھىدە داستىخان تەييارلىنىدۇ. تەكلىپ قىلىنغان ئايال مېھمانلار جۇۋاننى تەبرىكلەرپ ئۆز لايىقىدا ھەر خىل سوۋغا - سالاملار ئەكېلىدۇ، جۇۋان تويىدا جۇۋاننىڭ ئائىلىسى ھال - ئەھۋالىغا قاراپ ھەرخىل رەڭلىك بىر قانچە ياغلىق، جۇۋانچە كۆڭلەك، پەرىجە تون ۋە تەلپەك تەييارلايدۇ ھەمدە مېھمانلار ئالدىدا جۇۋانغا تەقدىم قىلىدۇ. جۇۋان تويىغا جۇۋان بولغۇچىنىڭ يولدىشى ئالتۇن ھالقا، سىرغا، بايراقلىرى ئايخاڭزا (قوش زىرە، يەنى ئۈچ قەۋەت بۆرەكچە چەمبەر قىلىپ ئوتتۇرىسىغا گۈمبەزسىمان ياقۇي كۆز ئورنىتلغان ئالتۇن زىرىنىڭ بىر خىلى)، سۆكە (ئۈستى زىرىسىمان، ئاستىغا بىر - ئىككى سانتىتېر ئوزۇقلۇقتا ساڭگىلاپ تۇرىدىغان، قوش تالالىق بىر خىل ئالتۇن ھالقا) تەييارلاپ سوۋغا قىلىدۇ. بۇ مۇراسىمىدا جۇۋان بولغۇچى سېكىلەك چېچىنى ئىككىگە ئايرىيدۇ، جۇۋان كۆڭلەك كىيىش - جۇۋان تويىنىڭ ئاساسلىق بەلگىسى. جۇۋانچە كۆڭلەك ئۆزگىچە، كۆپرەك ئاق ۋە يېشىل سىدام يىپەك رەختتىن تون ياقىلىق قىلىپ تىكىلىدۇ. بۇ كۆڭلەكنىڭ ئوڭ ياقىسىغا ئات باغرى رەڭ (جىگەر رەڭ) دە بەش قاتار يېرىم ئاي شەكىللىك مەشۇت جىيەك تۇتۇلىدۇ. بۇنداق جۇۋانچە كۆڭلەك ئۈستىگە چوقۇم پەرەنچە تون كىيىش شەرت قىلىنىدۇ. پەرەنچە قارا خاڭدەندىن ئالدى ئوچۇق تونچە قىلىپ تىكىلىدۇ، لېكىن تۈگمە بېكىتىلمەيدۇ. يېشىل تاۋاردىن پۈتۈن پەۋاز تۇتۇلىدۇ، ئىككى كۆكسى ئورنىغا يېشىل تاۋاردىن بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يەتتە قاتار يېرىم ئاي شەكىللىك جىيەك ئورنىتىلىدۇ. بۇ بىر يۈرۈش كىيىملەر ناھايىتى يارىشىملىق بولۇپ، ئاياللارنى تېخىمۇ لاتاپەتلىك تۈسكە كىرىگۈزىدۇ. بۇ كىيىملەرنى پەقەت جۇۋان تويى بولغاندىن كېيىن كىيىشكە بولىدۇ.
جۇۋان تويى ۋە جۇۋان كۆڭلىكى كۆپرەك كېرىيە ئايالىلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، كۆڭلەك ۋە پەرەنجە توننىڭ ياقىلىرى ۋە كۆكسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەتتە ۋە بەش دان ئاي شەكىللىك جىيەكلەرنىڭ بولۇشىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن، چۈنكى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىدە بەش ۋاخ ناماز، بەش پەرز، يەتتە قات ئاسمان، يەتتە ئىقلىم چۈشەنچلىرىگە سىموۋۇل قىلىپ بەش ۋە يەتتە سانلىرى ئۇلۇغلىنىدۇ. يېرىم ئاي شەكلىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى.
ئۆمۈشتە جۇۋان تويى ئۆتكۈزۈلىمىگەن ئاياللار ئۆلۈپ قالسا مېيىتكە يۇقىرىقى جۇۋان كۆڭلىكى ۋە پەرەنجە توننى كىيدۈرۈپ شەرتنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ كىيىملەرنى سالدۇرۇپ سۇغا ئالغاندىن كېيىن دەپنە قىلىش ئادىتى بولغان، شۇنداقلا يەنە خەلق ئارىسىدا جۇۋان دەۋرىگە يېتىپ، تېخى جۇۋان تويى ئۆتكۈزمىگەن ئاياللارنى «ئون بالىنىڭ ئانىسى تېخى چوكان سېكىلەك» دەپ مەسخىرە قىلىش ئادىتىمۇ بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە جۇۋان تويى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئايلانغان بىر خىل مۇراسىم بولۇپ، ئۆزىگە خاس مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە. خەلقىمىز ئارىسىدىكى «جۇۋان بىلگەننى قىز نەبىلۇر» دېگەن تەمسىلدىن قارىغاندىمۇ، جۇۋان تويى ئۆز ماھىيىتى بىلەن ئىنساننىڭ ھايات مەزگىللىرى ئىچىدە ئەقىل - پاراسەتكە تولۇپ، تۇرمۇش يولىغا تولۇق ئىشەنچ تىكلەش دەۋرىنىڭ خاتىرىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. (ئا)