UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ سەنەت ۋە ئاغىز تىلى ئادەتلىرىدولان مەشرىپى ۋە دولان ئۇسسۇلى

دولان مەشرىپى ۋە دولان ئۇسسۇلى

ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ۋە ئېغىز تىلى ئادەتلىرى دولان مەشرىپى ئاساسەن مەكىت، مارالبېشى، يوپۇرغا (تېرىم يېزىسى)، ئاقسۇ ئاۋات، شايارنىڭ تارىم بويىدىكى يېزىلىرى قاتارلىق ناھىيە - رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي نامى. دولان مەشرىپى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. دولان مەشرىپى ئومۇمەن دولان مۇقاملىرىنىڭ شەنىگە ئاتاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاممىۋى سەنئەت پائالىيتى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇزىكا، ناخشا - ئۇسسۇل، ھەر خىل ئەدەبىي ئويۇن ۋە قىزىقچىلىقلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇ <خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى> دەپ ئاتالغان. دولان مەشرىپىنىڭ پائالىيەتلىرى ئىچىدە ھەممىدىن قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بولغىنى - دولان مۇقامىغا تەڭكەش قىلىپ ئوينىلىدىغان كوللېكتىپ ئۇسسۇل ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. دولان مەشرىپىدىكى كوللېكتىپ ئۇسسۇل ھەرىكىتى قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق دەۋرىدىكى ئەمگەك جەريانىنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، ئاساسەن تۆت باسقۇچلۇق ئۇسسۇل ھەرىكىتىدىن تەركىب تاپقان: بىرىنچى باسقۇچ <چېكىتمە> بولۇپ باش مۇقام (پرولوگ) ئاخىرلاشقان ھامان مەشرەپ ئەھلى ئەر - ئايال جۈپ - جۈپ بولۇپ لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە مەردانە ھالدا سالماق قەدەم بىلەن ئاستا ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئەرلەر قولىنى نۆۋەت بىلەن ئوڭ - سولغا تاشلاپ، ئوڭغا يېرىم، سولغا يېرىم ئايلىنىدۇ. ئوڭغا يېرىم ئايلىنىش ۋاقتىدا، ئالدى بىلەن ئوڭ پۇتىدىن باشلاپ ئۈچ قەدەم تاشلىنىدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە ئوڭ پۇت يېرىم بۇرۇلۇپ سول پۇتىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ توغرىسىغا توختايدۇ - دە، سول پۇت دەرھال يۆتكىلىپ، ئوڭ پۇتىنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى بويىچە تەكرار داۋاملىشىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى گوياكى ئوۋچىلارنىڭ بۈك - باراقسان ئورمانلار، قېلىن چاتقاللارنى ئىككى قولى بىلەن ئاستا قايرىپ تۇرۇپ، ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئىزدەۋاتقاندەك جانلىق مەنزىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. دولان ئۇسسۇلى <چېكىتمە> دىن ئىككىنچى باسقۇچ - <سەنەم> گە كۆچكەندە، ئۇسسۇل رىتىمى ئۆزگىرىپ، ھەرىكەت تېزلىشىدۇ. ئۇسسۇلچىلارنىڭ سېپىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىدۇ. ئەر - ئاياللار قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر - بىرىگە بېقىشىپ، چەبدەسلىك بىلەن ئوڭ ۋە سولغا ماس قەدەم بىلەن تولۇق ئايلىنىدۇ. بۇ باسقۇچ ناھايىتى تېز، ئەمما تەرتىپلىك ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇسسۇلچىلارنىڭ چەبدەسلىك بىلەن ئالدى - ئارقىغا مېڭىش، ئوڭ - سولغا ئايلىنىش، قولىنى ئالدىغا شىلتىش ھەرىكەتلىرى ئوۋچىلارنىڭ ھايۋانلار بىلەن كەسكىن ئېلىشىۋاتقانلىقىدەك مەنزىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. دولان ئۇسسۇلىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى - <سەلىقە> بولۇپ، بۇ باسقۇۋچتا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ھەممە كىشى ئاستا - ئاستا بىر چوڭ بىر چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ، ئۇسسۇل ئەنە شۇ چەمبىرەك شەكلىدىكى دائىرىدە سىزىقنى بويلاپ داۋاملىشىدۇ. بۇ ھال ئوۋچىلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا ھايۋىنى قورشىۋالغانلىقىدەك مەنزىرىنى سۈرەتلەيدۇ. تۆتىنچى باسقۇچ <سىيرىلما> بولۇپ، بۇ باسقۇچتا مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ چوڭ يۇمىلاق دائىرە بىر - بىرلەپ پارچىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇسسۇلچىلار ئۆز ئالدىغا ئەركىن پىرقىراپ چۆگىلەپ، خۇشاللىقنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق پىرقىراش سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلىشىپ، مەشرەپ سورۇنى شادىيانە كەيپىياتقا تولىدۇ. مانا بۇ ئۇسسۇل ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان ئوۋچىلىق جېڭىنىڭ غەلىبە تەنتەنىسىنى ئىپادە قىلىپ بېرىدۇ. دېمەك، دولان مەشرىپىدە ئوينىلىدىغان دولان ئۇسسۇلى ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە نەپىسلىكى، مۇزىكا رىتىمى بىلەن بىردەكلىكى، ئۇسسۇل مەزمۇنىنىڭ ئېنىقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. دولان ئۇسسۇلى كوللېكتىپ ئۇسسۇل بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇسسۇلچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. مەشرەپ مەيدانىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ، بىرلا ۋاقىتتا بەش - ئالتە جۈپتىن يىگىرمە - ئوتتۇز جۈپ ئەر - ئايال ياش، قېرى دېمەي، كىم خالىسا مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناۋېرىدۇ. ناۋادا بىر يۈرۈش ئۇسسۇل ئاخىرلاشقۇچە ھېرىپ قالغانلار سەپتىن ئايرىلىپ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇشقىمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ. دولان مەشرىپى ۋە دولان ئۇسسۇلى ھەقىقەتەن <شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇلىنىڭ ماكانى> ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ سەنەت ۋە ئاغىز تىلى ئادەتلىرى
دولان مەشرىپى ۋە دولان ئۇسسۇلى | UyghurWiki | UyghurWiki