UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ سەنەت ۋە ئاغىز تىلى ئادەتلىرىئەنئەنىۋى تەسرىرىي ۋاستىلەر

ئەنئەنىۋى تەسرىرىي ۋاستىلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ۋە ئېغىز تىلى ئادەتلىرى ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ مەنىۋى ئادىتىدە ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادلىرى ۋە پسخىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بەلگىلىك دەرىجىدە قېلىپلاشقان تەسۋىرىي ۋاستىلىرى بولىدۇ. سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولغان بۇ تەسۋىرى ۋاستىلەر خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ماسلىشىپ، مىللىي ئاڭنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە، ئۇلارنىڭ ئاغزاكى نۇتۇقلىرىدا، پوئېتىك ئىجادىيەتلىرىدە، ئېستېتىك قاراشلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنداقلا نىسپىي مۇقىم مەنىسى خەلقنىڭ تىل سەنئىتىگە سىڭىپ كىرىپ، فرازىئولوگىيىلىك بەدىئىي ئامىل بولۇپ قالغان. دەرۋەقە، ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىدا قوللىنىلغان تەسۋىرىي (مەجازى) ۋاستىلەر ناھايىتى كۆپ ۋە خىلمۇ خىلدۇر. لېكىن بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز، پەقەت خەلقنىڭ تىل ئۆرپ - ئادەتلىرى شەكلىدە قېلىپلىشىپ، ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بەزى ئەنئەنىۋى تەسۋىرىي ۋاستىلەردۇر. مەسىلەن: بۇلبۇل ۋە قىزىلگۈل: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەللىك ئادىتىدە ۋە پىسخىك ئېڭىدا قىزىلگۈل دائىم سۆيۈملۈك يارنىڭ، ئەركىن مۇھەببەتنىڭ، گۈزەللىك ۋە ساپلىقنىڭ؛ بۇلبۇل بولسا ساداقەتمەن ئاشىقنىڭ، يار ۋىسالىدا پەرياد چەككۈچىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. بۇ ۋاستىنىڭ قېلىپلىشىشىغا بۇلبۇلنىڭ قىزىلگۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇشى مەزمۇن قىلىنغان <بۇلبۇل ئۇيقۇسى> ناملىق رىۋايەتلەر سەۋەب بولغان. كاككۇك بىلەن زەينەپ: ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇرادىغا يېتەلمىگەن ئاشىق - مەشۇقلارنى كاككۇك بىلەن زەينەپكە ئوخشىتىش ئادىتى شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى <كاككۇك ئاشىقى زەينەپ، بىرى باغدا، بىرى تاغدا> دېگەن مىسرالارمۇ كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ خەلقىمىز ئەقىدىسىدىكى سىمۋوللۇق مەنىسىنى ئىپادىلىگەن. كۈن، ئاي، يۇلتۇز، چولپان: خەلقىمىزنىڭ گۈزەللىك ئادىتىدە بۇ ئاسمان جىسىملىرى ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ تۇراقلىق سىمۋولى بولۇپ كەلگەن ھەمدە خەلقنىڭ ئاغزاكى تىل ئادىتىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىجابىي مەنىدىكى تەسۋىرىي ۋاستىلەردۇر. بۇ ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئايلىنىشى كۆككە چوقۇنۇشتىن ئىبارەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇلاق: كۆزنى بۇلاققا ئوخشىتىپ سۈرەتلەش ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئەنئەنە. ھەممىگە مەلۇمكى، كۆز بىلەن سۇ ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى ئامىل، سۇ بىلەن كۆزنىڭ قىممەت ۋە ماھىيەت جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى، شۇنداقلا كۆز بىلەن بۇلاقنىڭ شەكىل جەھەتتىكى مەلۇم ئوخشاشلىقى خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرىدا ئەكىس ئېتىپ كۆزنى بۇلاققا ئوخشىتىش ئەنئەنىسىنى ھەمدە بۇلاقنى ئۇلۇغلاش ئادىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يارنىڭ يۈزىنى ئالمىغا ئوخشىتىش، چىنارنى باتۇرلۇققا، جاسارەت ۋە ئىرادىگە سىمۋول قىلىش، قارىياغاچنى يەكلەنگەن ئەمما چىداملىق مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىش، ئەجدىھا، يىلاننى ۋەھشىيلىك ۋە ياۋۇزلۇقنىڭ سىمۋولى قىلىش قاتارلىق تەسۋىرىي ۋاستىلەرنىڭ قېلىپلىشىش سەۋەبلىرىمۇ بەلگىلىك بىر ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا <لەيلى - مەجنۇن>، <پەرھاد - شېرىن>، <تاھىر - زۆھرە>، <غېرىپ - سەنەم> قاتارلىق ناملارمۇ ھەم خەلق ئارىسىدىكى شۇ خىل داستاننىڭ ئىسمى، ھەم سىمۋوللۇق مەنىدىكى تەسۋىرىي ۋاستە ھېسابلىنىدۇ. خەلقنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىدىن كېلىپ چىققان مۇنداق ئەنئەنىۋى تەسۋىرىي ۋاستىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇ نوقۇل ئەدەبىي ھادىسىلا ئەمەس، بەلكى مۇئەييەن ئېتىقاد تەسىرىدە شەكىللەنگەن تىل ئادىتىدۇر. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ سەنەت ۋە ئاغىز تىلى ئادەتلىرى
ئەنئەنىۋى تەسرىرىي ۋاستىلەر | UyghurWiki | UyghurWiki