UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ سەنەت ۋە ئاغىز تىلى ئادەتلىرىئىرسالنامە

ئىرسالنامە

ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ۋە ئېغىز تىلى ئادەتلىرى ئىرسالنامە - <يوللانما>، <پۈتۈكنامە> دېمەكتۇر.، ئىرسالنامە ئەۋەتىش (دوستلىرىغا، سۆيگەن يارىغا سالام خەت يوللاش) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئارا خەت يۈزىدە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئادىتى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان. ئىرسالنامىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، كۆپرەك بېيت شەكلىدە ھەم نەسرىي شېئىر شەكلىدە يېزىلىدۇ. بەزىدە ئىرسالنامە ئورنىدا قىزىلگۈل دەستىلىرىنى ياكى گۈل دەستىلەر بىلەن قوشۇپ بۇغداي سامانلىرىنىمۇ ئەۋەتىدىغان ئادەتلەر بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلنى سىمۋوللۇق ئىزھار قىلىش شەكلى بولۇپ، مۇئەييەن مەزمۇنغا ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېستېتىك ئېڭىدا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەردىن تەييارلانغان گۈل دەستىلەر ئومۇمەن مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنغان. شۇڭا گۈل دەستە سۇنۇش قىز - يىگىتلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ۋاستىسى. گۈل دەستىنىڭ ئارىسىغا ساماننى قوشۇپ ئەۋەتىش <سىنىڭ دەردىڭدە ياكى سېنى سېغىنىپ چىرايىم ساماندەك ساغىرىپ كەتتى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىرسالنامە مەزمۇن جەھەتتە كۆپىنچە مۇھەببەتى، مۇھەببەت جۇدالىقنى، يارىغا ۋە دوستلىرىغا بولغان سېغىنىشنى ئىپادىلەيدۇ. ئىرسالنامە ئەۋەتىش ئاساسەن كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت ئەركىنلىكى بوغۇلغان. ئىنسانىي ئەركىنلىككە يول قويۇلمىغان فېئودالىزم دەۋرى دە پەيدا بولغان بىر خىل ئادەت ھېسابلىنىدۇ. قىزلارنىڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتكە قول ياغلىق ۋە تاماكا خالتىسى سوۋغا قىلىشىمۇ ئىرسالنامە دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇنداق قول ياغلىق ۋە تاماكا خالتىسىغا خەت ئورنىدا پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان گۈللەرنىڭ نۇسخىسى، گۈل شېخىدا سايراۋاتقان بۇلبۇل ياكى كاككۇكنىڭ سۈرىتى بار ئىشقىدا گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرەكنىڭ شەكلى مەشۇت يىپ بىلەن كەشتىلىنىدۇ. قەغەزگە پۈتۈلىدىغان ئىرسالنامىلەر ناھايىتى تەسىرلىك، جانلىق ۋە ھېسسىياتلىق بولىدۇ. ئۆز زامانىسىدا ئىرسالنامە يېزىشنى كەسىپ قىلغان خەتتات ۋە رەسساملار بولغان. ئۇلار پاتلانغان <خوتەن قەغىزى> گە بېيت ياكى نەسرىي شېئىر شەكلىدىكى پۈتۈكنامىلەرنى ھۆسن خەت شەكلىدە پۈتۈپ، ئۇنىڭ گىرۋەكلىرىگە تەشنالىق ۋە جۇدالىقنى ئىپادىلەيدىغان ياكى مۇھەببەت غايىسىنى سۈرەتلەيدىغان رەسىملەرنى سىزىپ تەييارلىغان. ئىرسالنامە ئەۋەتىشكە ھاجىتى بار كىشىلەر ئۇلارغا مۇۋاپىق ھەق بېرىپ ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ سېتىۋالغان ۋە ئۇنى قىممەتلىك مۈلۈك سۈپىتىدە ساقلىغان. ئىرسالنامە كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەسۋىرىي ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، پاساھەتلىك تىل، ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش، سىمۋول، مېتافورا، مۇبالىغە قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا روشەن ئېستېتىك زوق قوزغايدۇ. مەسىلەن: پۈتۈكنامە ئىۋەردىم قاشلىرىغا، تىلەپ دۆلەتنى ئالتۇن باشلىرىغا، قانات بەرسە ئۇچۇپ بارسام قاشلىرىغا، قارا قۇشقاچ بولۇپ قونسام باشلىرىغا. قارا قۇشقاچ بولۇپ چىقسام ھاۋاغا، خۇدا سالدى مېنى بۇنداق بالاغا. سېغىندۇق بىناھايات ئۆزلىرىنى، تولا شېرىن مۇبارەك سۆزلىرىنى. نى سائەتتە نېسىپ بولۇر كۆرۈشكە، تولۇن ئايدەك نۇر چاقنىغان يۈزلىرىنى. ئۇشبۇ نامە ئۆزلىرىگە تەئەللۇقتۇر- ئوقۇغايلا يوغان ئېچىپ كۆزلىرىنى. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ سەنەت ۋە ئاغىز تىلى ئادەتلىرى
ئىرسالنامە | UyghurWiki | UyghurWiki