خەتتاتلىق
ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ۋە ئېغىز تىلى ئادەتلىرى
خەتتاتلىق - ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەنئەت تۈرلىرى ئىچىدە ئۇزاق تارىخقا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان يېزىق سەنئىتى. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرەققىياتى يېزىق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا تۈرك يېزىقى يەنى ئورخۇن - يەنسەي يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى قوللىنىشتىن باشقا، تارىختا براخمان يېزىقى، مانىي يېزىقى، قەدىمكى سۈرىيە يېزىقى قاتارلىق يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ، ھەممە ساھەدىن قىممەتلىك يادىكارلىقلار قالدۇرغان. يەنە ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن يېتىلىپ چىققان يۈكسەك ماھارەتكە ئىگە خەتتاتلارنىڭ ئورخۇن - يەنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدىن تارتىپ، تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردىن تېپىلغان ھەر خىل يېزىقتىكى بېغىشلىما مەزمۇنىدىكى ھۆسن خەتلەر ۋە ئىسلامىيەتتىن بۇيانقى كلاسسىك قول يازمىلار، دىيارىمىزدىكى قەدىمكى مەسچىت، مازار ۋە ئىمارەتلەرنىڭ ۋاسا، كاھىشلىرى، مېھراب ۋە تامغا ئويۇپ ھەل بېرىلگەن ھۆسن خەتلەردىن قارىغاندا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىناكارلىق سەنئىتىمىزدىمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇرلاردا ئۇزۇندىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان تۈز خەت نۇسخىسى، روقئى خەت نۇسخىسى، تەئلىق خەت نۇسخىسى، ئەسلىيە خەت نۇسخىسى، سولۇس خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھەرپ شەكلىگە ئىگە نەسخى خەت نۇسخىسى، كۇفى خەت نۇسخىسى، شەتەرەنجى كوفى خگت نۇسخىسى، رەيھانى خەت نۇسخىسى، ئىجازەت خەت نۇسخىسى، دىۋانى خەت نۇسخىسى ۋە چەللى دىۋانى خەت نۇسخىسى قاتارلىقلار ۋە تۆۋنەم، تەسۋىرىي، كۈرگۈل، جەللى خەت نۇسخىلىرى بار. ئۇيغۇر خەتتاتلىرى بۇ نۇسخىلاردىن ئاجايىپ گۈزەل خەتلەرنى يازىدۇ. ئۇلارنىڭ خەتلىرىنڭ بەزىلىرى ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك جۇلالاپ كىشىگە ئۆمۈر ۋە جاسارەت ئاتا قىلسا، بەزىلىرى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۇلىرىنى، خۇش ناۋا سايراۋاتقان بۇلبۇللارنى ئەسلىتىپ كىشى قەلبىگە شادلىق، خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ. بەزى خەتلەر ساھىبجاماللارنىڭ ھۆسىنى ئەكىس ئەتتۈرسە، يەنە بەزىلىرى ئۇچار قۇشلارنى، گۈل - گىياھلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قەلەم، قەغەز، سىياھلارنى ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، ھەرپلىرى ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان بولغاچقا، خەتتاتلار خەتنىڭ تەكشى، كۆركەم، چىرايلىق يېزىلىشى ئۈچۈن قومۇش (بامبۇك)، ئىرغاي ياغىچى، قارىغاي ياىغىچى قاتارلىقلاردا مەلۇم كەڭلىككە، مۇقىم ئۆلچەمگە، ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، سىياھ راۋان چىقىدىغان، ياپىلاق ئۇچلۇق قەلەملەرنى ياساپ ئىشلىتىدۇ. قەلەم ئۇچى ئىككى - ئۈچ سانتىمېتر ياپىلاق ئۇچلىنىپ بىر ئاز ئېلاستىكىلىق ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇچىنىڭ ئىككى قىرلىق تەرىپى زۆرۈر بولغان كەڭلىكتە ئۆلچەمگە ئىككى قىرلىق تەرىپى زۆرۈر بولغان كەڭلىكتە ئۆلچەمگە ئاساسەن سىلىقلىنىدۇ ۋە ئۇچىنى ئون بەش گرادۇستىن ئوتتۇز بەش گرادۇسقىچە تەكشىلەپ كېسىپ ئۇچىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن تەخمىنەن بىر سانتىمېتردىن بىر يېرىم سانتىمېترغىچە جىراق ئېچىپ قويىدۇ.
قەغەز: ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان كەندىر، ئۈجمە دەرىخى قوۋزىقىدىن قەغەز (خوتەن قەغىزى) ياساپ، قەغەزنى تاختاي ئۈستىدە قويۇپ، قاشتېشى ياكى سىلىق تاش بىلەن سۈرۈپ چىڭداپ - سىلغايتىپ پىششىقلايدۇ.
سىياھ: قارا سىياھ ئىشلىتىدىغان بولۇپ سىياھقا ناۋات ئارىلاشتۇرىدۇ. بۇنداق سىياھ يېيىلمايدۇ، ئاسان توزىمايدۇ. قەدىمدىن باشلاپ راۋاج تاپقان ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەنئەنىسى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغايدىغان ئالاھىدە بىر سەنئەت تۈرىگە ئايلاندى. (ش)