ھېيتگاھتىكى ساما ئۇسسۇلى
ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ۋە ئېغىز تىلى ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى كەڭ كەتكەن مەيدان ھەر يىلى قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت كۈنلىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەيداندا قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىگە خاس مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولغان ساما ئۇسۇلىنى ئويناش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ھېسسىياتلىرىنى نامايان قىلىدۇ.
ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەردە ئون مىڭ كىشى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا سەپ - سەپ بولۇپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيى، جامە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان پىششىق كېسەكلىك ئېگىز پەشتاق ئۈستىدە ناغرا بىلەن سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازى ياڭرايدۇ. پەشتاق ئالدىدىكى ئازادە، كەڭ مەيدانغا ھېيت نامىزىدىن يانغان جامائەت توپلىشىپ مىڭلىغان كىشى ئارقا - ئارقىدىن ساما ئويناشقا باشلايدۇ. ھەش - پەش دېگۈچە بۇ جايغا ساما كۆرگۈچىلەر توپلىشىپ نەچچە رەت چەمبەر ھاسىل قىلىدۇ. ھەتتا پەشتاقنىڭ ئىككى يېنىدا قەد كۆتۈرگەن ئوتتۇز نەچچە مېتر ئېگىزلىكتىكى مۇنارنىڭ ئۈستىمۇ ئادەم بىلەن لىق تولىدۇ.
ساما ئاساسەن ئەرلەر تەرىپىدىن ئوينىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى بولۇپ، چوڭ كىشىلەردىن تارتىپ بالىلارغىچە ھەممىسى ئىشتىراك قىلىنىدۇ. كىم ئويناشنى خالىسا مەيدانغا چۈشۈپ ئويناۋېرىدۇ. ساماچىلارنىڭ سانى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. ھەتتا بىر قېتىمدا نەچچە يۈز كىشى ساما ئوينايدۇ. ساماغا چۈشكەن ئادەملەرنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي، چېلىنىۋاتقان ناغرا - سۇناينىڭ رىتىمىگە ماس ھالدا ناھايىتى رەتلىك ۋە قائىدىلىكڭ ئوينىلىدۇ.
ساما ئۇسسۇلى باشقا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىغا ئوخشاشمىغان ھالدا ئەڭ زور كوللېكتىپچانلىققا ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە ئىگە بولغاچقا، ئادەتتىكى ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوينىيالىشى ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساما ئۇسسۇلى مەرداتىلىك ۋە باتۇرلۇقنى ئىپادىلەيدىغان سىرلىق مەزمۇنغا ئىگە.
ساما ئۇسسۇلى ئۈچۈن ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىچىدىكى بايرام تەنتەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ناخشا - كۈيلەر تاللىۋېلىنغان بولغاچقا، بۇ ئۇسسۇلنىڭ مۇزىكىدارلىقى ۋە تەنتەنىنى ئىپادىلەش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ناغرا - سۇناينىڭ ياڭراق ئاۋازىغا ماس ھالدا ساماچىلارنىڭ پۇت ۋە قوللىرى بىر خىل تەرتىپلىك ۋە رىتىملىك ھەرىكەت قىلىدۇ. ئايلىنىش ھەرىكەتلىرىدىمۇ تەكشى ۋە قائىدىلىك بولغاچقا، بىرلا ۋاقىتتا يۈزلىگەن كىشى ساما سالسىمۇ بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىدىغان قوپال ھەرىكەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. باشقا جايلاردىن كېلىپ قالغان ساياھەتچىلەر بۇنداق ھەيۋەتلىك ئۇسسۇل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ <بۇنداق چوڭ كوللېكتىپ ئۇسسۇلنى قانچە ۋاقىت مەشىق قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرگەندۇ؟> دەپ ھەيران قېلىشلىرى مۇمكىن. لېكىن ساما ئۇسسۇلى ئۈچۈن ئالدىنئالا تەييارلىق مەشىقى قىلمايدۇ. ئۇ پەقەت خەلقنىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى پائالىىتى بولۇپ، بايرام تەنتەنىسى ھەممە كىشىنى ئىختىيارسىز ساما سېلىشقا ئۈندەيدۇ.
ساما ھېيت كۈنلىرى ئەتىگەندن كەچكىچە كۈن بويى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ. ساماچىلار قانچىلىك ۋاقىت ئوينىسا ئۆزىنىڭ ئىختىيارىي. ناغرا - سۇنايچىلار ئادەتتە بىرەر سائەت ئەتراپىدا بىر خىل ئاھاڭغا ئۆزگەرتىپ ھارماي چالىدۇ. بىرەر مۇقام ئاخىرلاشقاندا ئون - ئون بەش مىنۇت دەم ئېلىۋېلىپ يەنە باشلايدۇ. ساماچىلار ھېرىپ - چارچىسا ئۆزلۈكىدىن توختاپ، تاماشىچىلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلىدۇ، لېكىن ساما مۇزىكا توختىمىغۇچە زادى توختاپ قالمايدۇ، بەلكى بەس - بەستە بىرىنىڭ ئورنىغا بىرى مەيدانغا چۈشۈپ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋېرىدۇ. بەزى ساما مەستانىلىرى ئۇسسۇلنى كۆپ ئويناپ ھېرىپ - چارچىغانلىقتىن ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بيۈز بېرىدۇ. قىسقىسى، ساما سېلىش قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى بىر خىل تىلسىملىق كۈچ بىلەن ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ.
ساما ئۇسسۇلىنىڭ خاراكتېرىدىن قارىغاندا ئۇنىڭدا غەلبىنى ۋە شاد - خۇراملىقنى تەنتەنە قىلىش مەزمۇن قىلىنغان.
ساما ئۇسسۇلىنىڭ تارىخىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن. قەدىمكى كوللېكتىپ ئوۋچىلىق دەۋرلىرىدىلا ئوۋدىن غەلىبىلىك قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇرۇق قەبىلىلەر بويىچە بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئوۋ غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئويناش ئادىتى بار ئىدى. شامانىزم دەۋرىدە ساما (كۆك) غا چوقۇنۇش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغاچقا، غەلىبە تەنتەنىسى بەدىلىگە ئوينىلىدىغان بۇنداق كوللېكتىپ ئۇسسۇل ساما ئۇسسۇلى (خەلق تىلىدا ساما سېلىش) دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم. ئېيتىلىشىچە، ئىسلام دىنىنىڭ غازات ئۇرۇشلىرىدا جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا ناغرا بىلەن سۇناي چېلىنىدىكە، جەڭدە غەلىبە قىلسا غەلىبىنى تەنتەنە قىلىش يۈزىسىدىن ناغرا بىلەن سۇناينىڭ ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئوينالغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەقەت قۇربان ھېيت بىلەن روزا ھېيت كۈنلىرىدىلا مۇشۇنداق كوللېكتىپ ساما ئۇسسۇلى ئارقىلىق ھېيت خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىش ئادىتى شۇ قەدىمكى ئەنئەنە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. مەيلى ئۇنىڭ قايسى تارىخىي ئەنئەنىگە باغلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ساما ئۇسسۇلى شىنجاڭدىن ئىبارەت ناخشا - ئۇسسۇل ماكانىنىڭ سىمۋولىدۇر. (ئا)