UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرىئات قويۇش مۇراسىمى

ئات قويۇش مۇراسىمى

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ ياكى يەتتە كۈن ئىچىدە، ئاددىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ بالىغا ئات قويۇلىدۇ. مۇراسىمغا مەھەللە ئىمامى ياكى مەزىنى ياكى ئات قويۇشتىن خەۋىرى بار بىر ئادەم ۋە ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنىلاردىن ئالتە - يەتتە ئادەم تەكلىپ قىلىنىدۇ. مۇراسىمدىن بۇرۇن بالىغا ئات تاللىنىدۇ. ئات، ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق تاللىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شۇ تاللانغان ئات ئىچىدىن بىرى بېكىتىلىدۇ. ① بالىنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى تاللايدۇ. بۇنىڭدا ئەر - خوتۇن بالا تۇغۇلماستىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ شىرىن ئارزۇلىرى ئاساسىدا قويماقچى بولۇشقان ئاتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ②قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى ئوغۇلنىڭ ئاتا - ئانىسى تاللاپ بېرىدۇ. ③موللاملارغا تاللاتقۇزىدۇ. بەزى جايلاردا مۇراسىم كۈنى يەنى ئات قويۇشنىڭ ئالدىدا ئىككى قۇدىنىڭ بىرى <ئات قويۇش رىسالىسى> نىڭ قاپ ئوتتۇرىسىنى ئېچىپ قويۇپ ئوقۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن قانداق ئات چىقسا شۇ قويۇلىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كۆپىنچە ھاللاردا بالىنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ تاللىغان ئېتى بېكىتىلىپ شۇ ئات قويۇلىدۇ. مۇراسىم جەريانى مۇنداق: 1( ئاددىي زىياپەت بېرىلىدۇ. مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغانلار ئىككى - ئۈچ تاۋاق ئاش ياكى مانتا ياكى چۆچۈرە بىلەن مېھمان قىلىنىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن بوۋاقنى چىرايلىق زاكىلاپ ئېلىپ چىقىپ ئات قويغۇچىنىڭ قولىغا سۇنىدۇ. 2) ئات قويغۇچىنىڭ بالىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ ئالدىدا ئوڭ قۇلىقىغا ئەرزان ياكى تەگبىر ئېيتىدۇ. كېيىن سول قۇلىقىغا ئالدىن تاللاپ قويۇلغان ئاتنى ئاتاپ <مۇندىن كېيىن ئېتىڭىز × × × ئاخۇن (خان) ياكى جان (گۈل، ئاي) بولسۇن> دەپ توۋلاپ بالىنى كىگىز جەينىماز ئۈستىگە ئاستا يۇمۇلىتىپ دادىسىغا بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مەيداندىكىلەر بوۋاقنىڭ ئېتىنى ئاتاپ × × × ئاخۇن (خان) مۇبارەك بولسۇن!< دەپ تەبرىكلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىدۇ. بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا ئەزان ئېيتىش >سىز مۇسۇلمان<، كىگىزگە يۇمۇلىتىش >ساغلام چوڭ بولغايسىز< دېگەنگە جورۇلىدۇ. كىگىزگە يۇمۇلىتىش قەدىمكى ئادەت - ئەنئەنىمىز. ئەزان ئېيتىش ئىسلامىيەتتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئادەت بولۇپ، ھازىر كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇرۇنقىدەك دىققەت - ئېتىبارلىق ئىش سۈپىتىدە قارالماس بولۇپ قالدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلار ئورتاقلىققا ئىگە ئومۇملاشقان ئادەت - ئەنئەنىمىز بولۇپ، بەزى جايلاردا بالىنىڭ ئەي بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىچە مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئادىتىمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. مۇنداق مۇراسىم بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي چاچراپ كېتىش ئەھۋالى تەكرار يۈز ھالەتتە، شۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان بالىغىلا ئات قويۇشتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ خىلدىكى مۇراسىمنىڭ مەزمۇن، جەريانى مۇنداق: 1) مۇراسىم تەييارلىقى: ①مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى ئەتىگەنلىكى قۇيماق - پوشكال سېلىنىدۇ. بىر مال سويۇلىدۇ. بۇنىڭدا ئەجدادلارنىڭ روھىغا سېغىنىش، بالىغا ئۆمۈر تىلەپ قان قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم قاتناشچىلىرى مېھمان قىلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى مۇراسىمنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئەرلەر قاتناشمايدۇ، مۇراسىم قاتناشچىلىرى تۆت - بەش نەپەر بۈۋى، سەككىز - ئون نەپەر بىرنەچچە بالىنى قاتارغا قوشقان پېشقەدەم ئايال ۋە مۇھىم ئايال تۇغقانلار بىلەن چەكلىنىدۇ. ②تۇغۇتلۇق ئايال ياتقان ئۆينىڭ بوسۇغىسىنىڭ ئاستىدىن ئادەم زوڭزۇيىپ ئۆتكۈدەك تۆشۈك ئېچىلىدۇ. 2)مۇراسىم ئۆتكۈزۈش: مۇراسىم بۈۋىملەرنىڭ خەتمە ئوقۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. خەتمە ئوقۇش تاماملانغاندىن كېيىن داستىخان سېلىنىپ مۇراسىم قاتناشچىلىرى مېھمان قىلىنىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن بوۋاق چىرايلىق زاكىلىنىپ، ئانىسى قولىغا ئېلىپ ئولتۇرىدۇ. ئاندىن بۈۋىملەر ئىچىدىكى پېشقەدەملەردىن بىر نەچچىسى قولىغا قايچا، بىر قولىغا رەڭدار سىدام بىر پارچا لاتىنى ئېلىپ، بالىنىڭ تىلىنى چىقارغىنىغا قاراپ (ھەر قېتىم چىقارغاندا) بىر پارچىدىن كېسىپ چىقىدۇ. لاتا كېسىلىپ بولغاندىن كېيىن شۇ كېسىپ چىقىرىلغان پۇرۇچلاردا ھەممە قولمۇقول بىر قۇراق چاپان تىكىپ بالىغا كىيدۈرىدۇ. ئاندىن بالا ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىلىپ تۈڭلۈكتىن ئۆيگە چۈشۈرۈلۈپ بوسۇغا ئاستىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاندىن بالىسى تۇرغان پېشقەدەم ئايالدىن بىرى بالىنى كۆتۈرۈپ، يەنە بىرى دۈمبىسىگە بىر خۇرجۇن ئارتىپ، ئىككىسى بىرلىكتە مەھەللەپ ئارىلاپ، توققۇز ئۆيدىن بىر سىقىمدىن ئۇن، بىر قوشۇقتىن ياغ تىلەپ قايتىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئادەتتىكى تىلەمچىلەردەك ئۆي ئىگىسىدىن يالۋۇرۇپ سورىماي ئىشىك ئالدىدا زۇۋان چىقارماي شۈك تۇرىدۇ. ئۆي ئىگىسى بۇ ھالنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇلارنىڭ كەلگەنلىك سەۋەبىنى بىلىپ دەرھال بىر سىقىم ئۇن، بىر قوشۇق ياغ ئېلىپ چىقىپ بېرىدۇ. بۇ تىلەپ كېلىنگەن ئۇن، مايدا يەتتە - سەككىز دانە قازان قاتلىمىسى پىشۇرۇلىدۇ. قاتلىما راسلىنىۋاتقاندا، قاتلىمىلارنىڭ بىرىنىڭ ئىچىگە بىر تال مارجان يەنى كۆزمۇنچاق سېلىپ قويۇلىدۇ. قاتلىما پىشۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاياللار مېھمان قىلىنىدۇ. ھېلىقى مارجان قايسى ئايالغا چىققان بولسا، شۇ ئايال بالىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كېتىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاتا يەنە بىر مال سويۇپ شۇ قېتىم ھازىر بولغان بۈۋۈم ۋە ئاياللارنى مېھمان قىلىپ، ھېلىقى ئايالنى ئوبدان رازى قىلىپ، بالىنى <تىلەپ> قايتۇرۇپ كېلىدۇ. بەزىدە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بالىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا ئاتا - ئانىسىمۇ ۋاقىتلىق تەن بېرىدۇ. كېيىنچە بالىغا <تىلىۋالدى> <سېتىۋالدى> <سېتىخان>، <نىياسخان> ( نىيازخان) قاتارلىق ئات قويۇلىدۇ. بۇ مۇراسىم قارىماققا ئاددىي ۋە ناھايىتى خۇراپىي تۈسكە ئىگە بولسىمۇ ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئېتىقادىنىڭ ئىزنالىرى ئەكىس ئېتىلگەن. بۇ مۇراسىم ئارقىلىق تۆۋەندىكى مەقسەتلەر ئىپادىلىنىدۇ: ① تۈڭلۈك <كۆككە يەنى ئاسمانغا> سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، بالىنى تۈڭلۈكتىن ئۆيگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق <بالىنى تەڭرى ئىلتىپات قىلدى> دېگەنلىك مەقسەت قىلىنغان. ② بالىنىڭ تىلىنى چىقارغانلىقىغا قاراپ لاتا كېسىش ئارقىلىق <بالا - قازانى كەتتى قىلىش> مەقسەت قىلىنغان. ③ توققۇز ئۆيدىن ئۇن، ياغ تىلەپ قاتلىما پىشۇرۇپ كۆپ بالىنى قاتارغا قوشقان ئاياللارنى مېھمان قىلىش، خەتمە ئوقۇتۇش ئارقىلىق تەڭرىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىغا سېغىنىپ بالىغا ئۆمۈر تىلەش مەقسەت قىلىنغان. ④ بالىنى كۆپ بالىنى قاتارغا قوشقان ئايالغا <بېرىۋېتىش> ۋە كېيىن مەلۇم بەدەل ھېسابىغا ياندۇرۇپ كېلىش ئارقىلىق <بالا سېتىۋېلىندى، تەڭرى ئۇنىڭغا ئۆز ئاكا - ئاچىللىرىغا ئوخشاش ئۆمۈر ئاتا قىلغايسەن> دېگەن ئۈمىد ئىپادىلەنگەن. بوۋاقلارنىڭ تىلىنى چىقىرىشنىڭ يامانلىققا جورۇلىشىغا كەلسەك، ياشانغان پېشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە بوۋاق بالا قىرقى ئىچى ۋە يېشىغا توشقۇچە بولغان ئارىلىقتا تىلىنى تولا چىقارسا بىرەر كېلىشمەسلىكنىڭ ئالامىتىمىش، بالا قاتتىق ئاغرىپ قالارمىش ياكى ئۆلۈپ كېتەرمىش. شۇڭا بوۋاق بالىلارنىڭ تىلىغا يىڭنە ئۇچىنى تەگكۈزۈپ چۆچۈتۈش ئارقىلىق تىلىنى تەزدۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. بۇ ئېھتىمال ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆزىتىش ۋە تەجرىبىسى ئاساسىدا چىقىرىلغان خۇلاسە بولسا كېرەك. شۇڭا بالىلاردا شۇنداق ئەھۋال دائىم كۆرۈلسە، يىڭنە ئۇچىنى تەگكۈزۈش ياكى بارماق بىلەن چېكىپ تۇرۇش ئادىتى ھېلھەم داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى
ئات قويۇش مۇراسىمى | UyghurWiki | UyghurWiki