UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرىقېيىت مەشرىپى

قېيىت مەشرىپى

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى قېيىت مەشرىپى - شەرقىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان مەشرەپلەرنىڭ بىرى. «قېيىت» - ئەسلىدە «قەيت» سۆزىنىڭ جانلىق تىلدا بۇزۇلغان شەكلى بولۇپ، «ھۆكۈم قىلىش»، «بېكىتىش» دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بېرىدۇ. دېمەك، «قېيىت مەشرىپى» ماھىيەتتە «ھۆكۈم چىقىرىش مەشرىپى» دېمەككتۇر. خەلق ئارىسىدا «قېيىت مەشرىپى» ئەسلىدە «قەتىل قىلىش مەشرىپى» (ئۆلۈم جازاسى بېرىش) نىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى دېگۇچىلەرمۇ بار، ھەر ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش مەشرەپنىڭ خاراكتېر جەريانلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. قېيىت مەشرىپى ئىككى خىل شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ: بىرى، دائىرىسى تارراق بولغان قاتار مەشرەپ شەكلى. يەنە بىرى، توي - تۆكۈنلەردە قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن توي - تۆكۈنلەردە قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن توي ئاخشىمىدىن تارتىپ ئەتىسى بىر كۈن كەچقۇرۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان قېيىت مەشرىپى. توي شەرىپىگە بېغىشلانغان بۇ مەشرەپنىڭ دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول بولۇپ، بىر يۈز - ئىككى يۈزدەك كىشى قاتنىشىدۇ. بۇ مەشرەپكە پەقەت تويى بولغان يىگىت ۋە قىزنىڭ تەڭتۈش دوستلىرى تەكلىپ قلىنىدۇ. مېھمانلارنىڭ ئولتۇرىدىغان ئورۇنلىرىغا گىلەم، كىگىز قاتارلىق بىسات سېلىنىدۇ. ئاندىن ھەر ئۈچ يىگىتنىڭ ئالدىغا بىردىن پاكار شىرە قويۇلىدۇ. مەشرەپ سورۇنىنىڭ تۆرىگە مەشرەپكە «پادىشاھ» بولغۇچى ئۈچۈن بىر يوغان يۇمىلاق شىرە قويۇلىدۇ. سورۇننىڭ ئوڭ قول تەرىپىگە يەنە بىر يۇمىلاق شىرە قويۇلىدۇ. بۇ «قازى» بولغۇچى ئۈچۈن تەييارلانغان ئورۇن بولىدۇ. قائىدە بويىچە «پادىشاھ» يىگىت تەرەپ مەھەلىسىدىن، «قازى» بولغۇچى قىز تەرەپ مەھەللىسىدىن تەيىنلىنىدۇ. كۆپچىلىك كېڭىشىپ، خەلقچىل ئۇسۇل بىلەن مەشرەپكە ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلالايدىغانلاردىن پادىشاھ، ۋازىر، قازى، مۇپتى، بازار بېگى، كۆلبېگى (خەزىنە بېگى)، ئەنگىزە (قوزغاتقۇچى)، چايچى، ئۆرۈمچى (پەتنۇس ئۆرۈگۈچى)، قىقاسچى قاتارلىقلار سايلاپ چىقىلىدۇ. ئاندىن كېيىن كۆلبېگى توي ئىگىسى تەييارلاپ قويغان قەنت - گېزەكلەردىن ھەر بىر شىرەگە يەتتە - توققۇز قائىدە - نىزامى توغرىسىدىكى «پادىشاھ»نىڭ پەرمانى بازاربېگى ياكى ئەنگىزە تەرىپىدىن جاكارلىنىدۇ. قىزلار بولسا مەشرەپ سورۇنىنىڭ چېتىگىرەك تەييارلاپ قويۇلغان جايدا توپلىشىپ ئولتۇردۇ. ياشانغانلار ئەتراپتا قاراپ مەشرەپنى نازارەت قىلىدۇ. قېيىت مەشرىپى تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: بىرنچى باسقۇچ، پادىشاھنىڭ پەرمانى جاكارلانغاندىن كېيىن ناغرا - سۇنايچىلار بىرەر مۇقامنى باشلاپ،ئۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچچىنچى، تۆتىنچى مەشرەپلىرىنى ئورۇندايدۇ. ناخشا - ئۇسسۇل ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. ئاخىرى جولا، نازىركوم ۋە مۇقام چۈشۈرگۈسى بىلەن بىر باسقۇچ ئويۇن تاماملىنىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ،بىر دۆرە داۋا - دەستۇر، ھەرخىل كۈلدۈرگە ئويۇنلار باشلىنىدۇ. ئالدىنقى بىر دۆرە ئويۇن جەريانىدا پادىشاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپ ئىشلارنى سەزگەن مەشرەپ ئەھلى پادىشاھقا داد ئېيتىپ، ئەرزشىكايەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەشرەپ قازىسى «گۇناھكار» نى نەق مەيداندا سوراق قىلىدۇ. سوراق نەتىجىسىنى پادىشاھقا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن «گۇناھكار» غا قەتل قىلىش جازاسى ياكى باشقا خىلدىكى جازا بېرىلىدۇ. قازى بولغۇچى «نىكاھلار» نىڭ بۆكىنى ئېلىپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى، دەپ جاكارلايدۇ. ئاندىن جازالانغۇچى مەشرەپكە تەكلىپ قىلىنغان سېتىقچىدىن ئۈچ - تۆت تەخسە قەنت - گېزەك ئېلىپ، پەتنۇسقا سېلىپ، ئەدەب ۋە ھۆرمەت بىلەن پادىشاھقا سۇنىدۇ. تۆۋەن قىلىپ، گۇناھىنى تىلەيدۇ. پادىشاھ گۇناھىدىن ئۆتسە،ئەنگىزە بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ ئۆتكۈزمەسلىككە نەسىھەت قىلىپ بۆكىنى بېرىدۇ. جازاغا كۆنمەي تەتۈرلۈك قىلغانلانى مەشرەپتىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. بەزىلىرىگە «تېرىسىنى تەتۈر سويۇش»، «سۈرىتىنى تامغا تارتىش»، «سامسا يېگۈزۈش»، «پاختا ئۇچۇرۇش»، «بىر ئاپقۇر سوغۇق سۇ ئىچكۈزۈش»، «چىلان توقماق» قاتارلىق جازالار بېرىلىدۇ ياكى كۆپچىلىكنى كۈلدۈرگۈدەك بىرەر قىزىقچىلىق قىلىپ بېرىش بۇيرۇلىدۇ. بۇ خىل «جازا» لارنىڭ ھەممىسى مەشرەپكە قىزىق تۈس بېرىدىغان كۈلدۈرگە ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت. بۇ باسقۇچنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر دۆرە ناغرا - سۇناي چېلىنىش بىلەن ناخشا - ئۇسسۇل ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ ۋە مۇقام چۈشۈرگۈسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ، قىزىقچىلار ۋە لاپچى (پوچى) لار ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەرىكەتلىك لاپ ئۇرۇپ مەشرەپ ئەھلىنى كۈلدۈرىدۇ. يەنە بەزى قىزىقچىلار «قىرىق بىر يالغان» قاتارلىق كۈلدۈرگە ھېكايىلەرنى ئېيتىدۇ. بۇ باسقۇچ ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، يەنە ناغرا - سۇنايغا تەڭكەش قىلىنغان ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. تۆتىنچى باسقۇچ، پادىشاھ ۋە قازىنىڭ ئىجازەت بېرىشى بىلەن ئەنگىزە تەرىپىدىن سوئال سوراش باشلانغانلىقى جاكارلىنىدۇ. سوئال سورىماقچى بولغان كىشى ئالدى بىلەن توققۇز تەخسە قەنت - گېزەك كۆتۈرۈپ كىرىپ، قازىنىڭ ئالدىغا قويغاندىن كېيىن، سوئال سوراشنى باشلايدۇ. سورالغان سوئالغا قازى ۋە مۇپتى بولغۇچىلار كېڭىشىپ جاۋاب بېرىدۇ. جاۋابى توغرا بولسا، مەشرەپ ئەھلى چاۋاك بىلەن ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەگەر جاۋاب توغرا بولمىسا قازى بولغۇچى كىشى سوئال سورىغۇچى ئەكەلگەن توققۇز تەخسە قەنت - گېزەكنىڭ ھەر بىرىگە ئون ھەسسە قوشۇپ، جەمئىي توقسان توققۇز تەخسە قەنت - گېزەك قايتۇرىدۇ. ھەم ئۆزىنىڭ قازىلىق ئورنىنى سوئال سورىغۇچىغا بېرىپ مەشرەپتىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە قايتا ئىككىنچى قېتىم قازى بولۇش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. شۇڭا «قېيىت مەشرىپى» گە قازى بولغۇچى شۇ يۇرت - مەھەللىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق، ھوشىيار ۋە بىلەرمەن ياشلارئىچىدىن تاللىنىدۇ. سورىلىدىغان سوئاللارنىڭ مەزمۇنى خەلق ئارىسىدىكى ئىلىم - پەن، ھېساب، تېپىشماق ۋە سۆز ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ، كۆپرەك تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تېپىش نۇقتا قىلىنىدۇ. سوئال - جاۋاب ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە بىر دۆرە ئويۇن ئوينىلىپ، ئاخىر «نازىركوم»، «چاققاق- جۈمبۈرچاق» دېگەن قىزىقارلىق مۇزىكا - ئۇسسۇللار بىلەن چۈشۈرگۈسى چۈشۈرلىدۇ. پادىشاھ بولغۇچى مەشرەپنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى پەرمان ئارقىلىق كۆپچىلىككە ئېلان قىلىپ مەشرەپنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. «قېيىت مەشرىپى» نىڭ باشقا مەشرەپلەردىن ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئىلىم - پەنگە ئائىت ھەرخىل مەزمۇنلارنى سوئال - جاۋاب شەكلى بىلەن تەبىئى ھالدا ئامما ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى