تۇغۇت مۇراسىمى
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلاردا تۇغۇت ئىنسان ئۆمرىدىكى زور ۋەقە سۈپىتىدە ھايات - ماماتلىق جېڭى دەپ قارىلىدۇ. <تۇغۇت - جەڭ> دېگەن ماقال شۇ قاراش ئاساسىدا شەكىللەنگەن. چۈنكى تۇغۇت دۇنياغا يېڭى بىر جاننىڭ تۆرىلىدىغانلىقىنى يەنى ئىنسان ئۆمرىدىكى ياشاش باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىش بىلەن تەڭ قايغۇ - ھەسرەتلىك ۋەقە سادىر بولۇشتىنمۇ دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئايالنىڭ سالامەت كۆزى يورۇشىنى تىلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەمما مۇراسىم تۇغۇت ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىم مەزمۇنى مۇنۇ پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
① چوڭ تازىلىق قىلىنىپ، ھامىلدار ئايال تۇغىدىغان ئۆيگە ئادىراسمان ياكى ئالما قېقى بىلەن ئىسرىق سېلىنىدۇ. ھامىلدار ئايال پاكىز يۇيۇندۇرۇلۇپ، پاكىز كېيىندۈرۈلىدۇ. ② يىت بۇرۇتۇلۇپ قۇيماق، پوشكال سېلىنىدۇ. ③كىندىك ئانىسى، كۆپ پەرزەنتلىك بولغان بىر قانچە پېشقەدەم ئايال بىر - ئىككى نەپەر بۈۋۈم چايغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇ <ئانىلار چېيى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چايغا ئاتاپ قۇيماق - پوشكال سېلىنغاندىن باشقا يەنە مەخسۇس ئىككى قاتلىما پىشۇرۇلىدۇ. قاتلىما پىشۇرۇلۇش ئالدىدا ئوتتۇرىسىغا پىيالىنىڭ قوڭى پاتۇرۇلۇپ يۇمىلاق ئىز چىقىرىلىدۇ. يەنە مەخسۇس ھالۋا ئېتىلىدۇ. مېھمانلارغا چاي تارتىلغاندىن كېيىن قاتلىمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇمىلاق ئېلىنىپ ئۈستىگە ئازراقتىن ھالۋا قويۇلۇپ، تۇغىدىغان ئايال بىلەن ئېرىگە يېگۈزۈلىدۇ. قالغان قىسمى پارچىلىنىپ مېھمانلارغا قويۇلىدۇ. بەزىلەر بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن مېھمانلارنى مەخسۇس ئۆپكە - ھېسىپ ياكى چۆچۈرە بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. مېھمانلار ئالدىدا تۇغىدىغان ئايالنىڭ بىر قۇر كونا - يېڭى كىيىمى غېرىپ - غۇرۋا، يېتىم - يىسىرلارغا ئاتا قىلىنىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن پېشقەدەم ئاياللاردىن بىرى قولىغا بىر تۇخۇم ئېلىپ تۇغىدىغان ئايالنى تۈگمەن نورى بېشىغا باشلاپ ئاپىرىپ نودىن ئاتلاپ ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ئاتلىشى بىلەن تەڭ قولىدىكى تۇخۇمنى سۇغا تاشلىۋېتىدۇ. تۈگمەن يوق جايلاردا بېشىدىن بىر چىنە سۇ قويۇۋېتىلىدۇ. بۇ <تۇغۇتى نودىن ئاققان سۇدەك تېز ۋە ئاسان بولسۇن> دېگەنگە جورۇلىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە ياتلىق قىلىنغان قىزلارنىڭ تۇنجى تۇغۇتى يېقىنلاشقاندا ئاتا - ئانىسى بىر كىيىملىك رەخت بىلەن داستىخان قىلىپ، ئەر تەرەپكە بېرىپ، قىزنى سوراپ ياندۇرۇپ كېلىدۇ، سالامەت بوشۇنۇپ، ئىدىرى (قىرقى) توشقاندا ئەر تەرەپمۇ ئوبدان داستىخان قىلىپ كېلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، بالا بىلەن ئانىسىنى ئېلىپ قايتىدۇ. ھازىر يېزا - قىشلاقلاردا يۇقىرىقىدەك مۇراسىم - رەسمىيەتلەرنىڭ قىسمەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاياللارنى دوختۇرخانىدا تۇغدۇرۇش ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. ئەمما، ياتلىق قىلىنغان قىزلارنىڭ تۇنجى تۇغۇتىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇغۇش، ئادەت - ئەنئەنىمىز بويىچە ئىدىرى (قىرقى) توشقۇچە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئاسرىلىدۇ.