ئىشلەپچىقىرىش مۇراسىملىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى
ئىشلەپچىقىرىش مۇراسىملىرىمۇ مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن مەدەنىيەت ھادىسىلىرى جۈملىسىدىن بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئادەت - ئەنئەنىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىشلەپقىرىش مۇاسىمىنىڭ بەزىلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادىي ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تەبىئەتكە چوقۇنۇش، خۇراپاتچىلىق ئەقىدىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭا تەبىئەتكە چوقۇنۇش، خۇراپاتچىلىق ئەقىدىلىرى كۈچلۈك ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ. بەزىلىرى كېيىنكى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن سۈنئىي دىن ئېتىقادىي ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا شۇ دىندا ۋە شۇ دىنغا ئائىت، رىۋايەتلەردە ئوبرازلاشتۇرۇلغرن شەخسىلەرگە چوقۇنۇش ۋە ئۇلارنى <پىركامىل> دەپ ھېسابلايدىغان ئەقىدىلەر تىپىك ئىپادىلەنگەن بولىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا ئىشلەپچىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئادىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. <دىۋان> دا بېرىلگەن مۇنۇ قوشاق شۇنىڭ دەلىلى:
(ئەسلى)
يىگىتلىرىڭ ئىشلەتۇ،
ياغاچ يەمىش ئىرغاتۇ.
قۇلان كېيىك ئاۋلاتۇ،
بەزرىم قىلىپ ئاۋنالىم.
چاغىر بېرىپ قۇشلانۇ،
تايغان ئىزىپ چىشلەتۇ.
تۈلكە، توڭگۇز تاشلاتۇ.
ئۇرۇپ،
ئەردەم بىلەن ئوكلەلىم.
(يەشمىسى)
يىگىتلەرنى ئىشلىتىپ،
مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغىتىپ.
قۇلان - كېيىك ئوۋلىتىپ،
بايرام قىلىپ ئاۋۇنايلى.
(كۆڭۈل ئاچايلى)
قارچىغا بېرىپ قۇشلىتىپ،
تايغان سېلىپ چىشلىتىپ.
تۈلكە، توڭگۇزنى تاش بىلەن
پەزىلەت بىلەن پەخىرلىنەيلى.
بۇ قوشاقتىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق دەۋرىدىلا مۇراسىم ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئېھتىمال ئۇلار مۇنداق مۇراسىملارنى ئوۋغا چىقىش ئالدىدا ئۇتۇق تىلەش، قايتقاندا ئوۋ غەلبىسىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىدىغان بولسا كېرەك. ئەمما، بۇ ئادەت كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇنتۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىزنالىرى مەشرەپ قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مەزمۇنى سۈپىتىدە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ھايۋانات سىياقىدا ياسىنىپ ئوينىلىدىغان <شىر ئويۇنى> قاتارلىقلارنىڭ ئۇنتۇلغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا دولان مەشرىپىدە ئوينىلىدىغان ئوۋچىلىق ھەرىكىتىگە تەقلىد قىلىنغان ئۇسسۇل، بۈگۈر، شايار قاتارلىق جايلارنىڭ تارىم ئېقىنى بويىغا جايلاشقان يېزا - قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇرلاردا ئوينىلىدىغان <جىرەن - كېيىك> ئۇسسۇلى قاتارلىقلار شۇنى ئىسپاتلايدۇ.
<ئات ئويۇنى>، <ئات بەيگىسى> قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئەجدادلىرىمىز كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىكى مۇراسىم ئادەتلىرىنىڭ ئىزنالىرىدىن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما ئۆز دەۋرىدە ئۇنداق مۇراسىمنىڭ شەكلى، ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى، ئۆتكۈزۈش مەقسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز، شۇڭا كېيىنكى دەۋرلەردە دېھقانچىلىق، ھۈنەر - كەسىپ قاتارلىق ئىشلەپقىرىش ساھەلىرىدە ئادەت قىلىنغان مۇراسىم پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.