UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرىكۆك مەشرىپى

كۆك مەشرىپى

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان قەدىمكى بايرام ۋە مۇراسىملاردىن بىرى - «مايسا مەشرىپى» (ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىگە دائىر مەنبەلەردە «مىلىس بايرىمى» دېيىلگەن) بولۇپ، ئۇ قۇمۇل، پىچان، تۇرپان قاتارلىق شەرقىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ مۇراسىم ھازىر قۇمۇلدا «كۆك مەشرىپى» دەپ ئاتالسا، پىچان رايونىدا بۇرۇنقى نامى بىلەن «مىلىس مەشرىپى»، «مايسا ئويۇنى» دەپ ئاتالغان. «كۆك مەشرىپى» پەسىل خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، بۇ ھەر يىلى 11 - ئايدا باشلىنىپ، كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە داۋاملىشىدۇ ۋە مۇئەييەن ۋاقىت مۆلچەرلەنگەن مۇراسىم كۈنى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. «كۆك مەشرىپى» بىۋاسىتە دېھقانلار تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان بولۇپ، كۆك (مايسا) كە بولغان سېغىنىش ئاساسىدا مول ھوسۇلنى نامايەندە قىلىدىغان قۇمۇل خەلق ئاساسىدا مول ھوسۇلنى نامايەندە قىلىدىغان قۇمۇل خەلق مەشرەپلىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر. «كۆك مەشرىپى» نىڭ بىر قەدەر بۇرۇنقى ئادەت - يوسۇنلىرى مۇنداق بولغان: ئىۋرىقنىڭ بېشىنى ئېلىۋېتىپ گۈل تەشتىكىدە يۇمىلاق ھالغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىگە توپا سېلىپ بىر - ئىككى سىقىم بۇغداي ياكى ئارپىنى تېرىغان، بۇغداي ئۈنۈپ مايسا بولغاندىن كېيىن، ھەرخىل بېزەكلەر بىلەن ئۇنى كاتتا جايدۇپ، خۇددى ساھىبجامال قىزغا ئوخشاتقان. بۇ «كۆك» دەپ ئاتالغان. كۆكنى تەييارلىغۇچى ساھىبخان يەنە قۇرۇق ئۈزۈم، ئۆرۈك قېقى (گۈلە)، شاپتۇل قېقى، چىلان،جىگدە، گازىر، ئالما قېقى، قوغۇن قېقى، دادۇر قاتارلىق توققۇز خىل قۇرۇق مېۋە - چېۋىلەردىن بىر تەخسىدىن تەييارلاپ ھال - ئوقىتىگە يارىشا تاماق راسلاپ، مەھەللە كويلىرىنى ۋە يېقىنلىرىنى چىللاپ كەچلىكى مەشرەپ ئۇيۇشتۇرغان. مەشرەپ ئاياغلاشقاندا كۆكنى كۆڭلى تارتقان بىرىگە «كۆك مەشرىپى» ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ «كۆك» ئۇ قولدىن بۇ قولغا ئۆتۈپ، دەۋرىي ھالدا ئايلىنىپ، تاكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغۇچە «كۆك مەشرىپى» ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ. كۆكنى تاپشۇرۇۋالغۇچى كىشى ئۇنىڭ شەرىپىگە چوقۇم مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ۋە بۇ مەشرەپنى تەشكىلەۋاتقان «كۆك» نى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، قۇرۇتۇپ قويماسلىقى شەرت. كۆك مەشرىپىگە قاتناشقۇچىلار خۇشال - خۇرام، كۈلكە - تاماشا ئىچىدە «مەن بىر ئوق ئاتتىم» دېسە،يەنە بىرى «مەن بىر ئوق ئاتتىم» ... «مەن ئۈچ ئوق ئاتتىم» ... دېيىشىپ، كېيىنكى قېتىملىق كۆك مەشرىپىنى ئۆتكۈزۈش نۈۋىتىنى بەلگىلەشكەن. بىر ئوق ئاتىقىنى ئەتە ئاخشىمى،ئىككى ئوق ئاتقىنى ئۆگۈن ئاخشىمى، ... شۇنداق قىلىپ كۆك قىشىچە ئايلىنىپ،ئۆز ئىگىسىگە قايتىپ كەلگۈچە ئەتىياز كېلىپ قالىدۇ. دېمەك، كۆك مەشرىپىنى كىم ئۇيۇشتۇرغان بولسا، قائىدى - يوسۇنى بىلەن يەنە ئۆز ئىگىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. كۆك مەشرىپى قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىغا قاراپ، يىگىرمە، ئوتتۇز، ئەللىك ... ئوققىچە بارىدۇ. «كۆك مەشرىپى» ئۆتكۈزۈش ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى بېيىپ تېخىمۇ مۇقىملاشقان. ھازىرمۇ ئاساسەن قەدىمكى ئەنئەنىۋى شەكىلنى يوقاتمىغان ھازىرقى شەكىلىدە بۇغداي مايسىسىنى قىش كۈنى ئۆيدە ساپال، تۆمۈر ياكى چىنە - قاچىلارغا ئۈندۈرۈپ، خوراز - مېكىياننىڭ شەكلىنى چىرايلىق قىزىل قەغەزدىن ئويۇپ، ئۇلارنى بىر - بىرىگە قارىتىپ مايسا ئىچىگە سانجىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەنە قىزىل چېچەكلەر سانجىغاندىن باشقا، قوناقنى ئېتىلدۇرۇپ تىكەنلىك چىتقا سانجىپ، قار شەكلىگە كەلتۈرۈپ ئۇنىمۇ مايسا ئەتراپىغا قۇيۇشىدۇ. ئاندىن كۆكنى قىزىل، يېشىل تاۋارلار بىلەن بېزەپ، ئۈستىنى ياغلىق بىلەن يېپىپ قويىدۇ. كۆك ئۈندۈرگۈچى ساھىبخان بىر كىيىملىك رەخت، تاماق ۋە توققۇز تەخسە قۇرۇق مېۋە - چېۋە تەييارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئون بەش - يىگىرمە جۈپ ئەر - ئايالنى چاقىرىپ «كۆك مەشرىپى» نى باشلىۋېتىدۇ. مەشرەپكە بېيىتچى، نەزمىچى، قىقاسچى (ھاي - ھاي سالغۇچى) قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىدۇ. غېجەكچى، راۋابچى، داپچى قاتارلىق سازەندىلەر بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئولتۇرىدۇ، باشقىلار ياش قۇرامىغا قاراپ تۆرىدىن باشلاپ ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇشىدۇ. مەشرەپ كېچىچە داۋاملىشىپ ئاخىرلىشاي دېگەندە يۈزى يېپىلغان كۆك مايسىنى ۋە بىر كىيىملىك رەخت، توققۇز تەخسە قۇرۇق مېۋە - چېۋىنى ساھىبخان ئەر - ئايال ئىككىنچى بىر جۈپ ئەر - ئايال نەزمىچىگە ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ. بۇ مەزگىلىدە سازەندىلەر سازنى توختىتىدۇ، مەشرەپ ئەھلىنىڭ دىققىتى ئۇلارغا مەركەزلىشىدۇ. كۆكنى سۇنغۇچى ساھىبخانلار قىزىق گەپلەر بىلەن بېيىت باشلايدۇ. ئەر ساھىبخان: «قىش - زىمىستاندا ئۈنگەن سەۋزە، باھارنىڭ ئاۋۋىلى. ياخشىلارنىڭ ھىيلىسىدىن چېچەك ئۈندى قىشلىقى ... بۇ چېچەكنىڭ تەرىپىنى مەي بىلەن نام ئەيلىدۇق، ھەم چېچەكنىڭ تەرىپىنى ھەممىلىرىگە تۆھپە ئەيلىدۇق. ھەم چېچەكنىڭ سايىسىدە ئولتۇرسىلا كۆڭۈللىرى ئاچىلۇر، بۇ چېچەكنى ئالغان كىشىنىڭ بېشىغا گۈللەر ساچىلۇر ... بۇ چېچەكنى تەربىيىلەپ ياخشى ئوبدان كۆرىسىلە، ھەر كۈنى خىيال قىلىپ، ئىگىسىنى سۆيسىلە» دېسە، ئايال ساھىبخان: «ئۇل خۇدانىڭ قۇدرىتىدىن بىرلا كۆكەردى شۇ كۆكۈم، شارى مەڭلىك غۇنچە رەڭلىك دەر مەھەل يەتكىل كۆكۈم. گۈل تېۋەڭە، ئولتۇرادۇر بويلىرى ئالتۇن كۆكۈم. گۈل تېۋەڭە، ئولتۇرادۇر بويلىرى ئالتۇن كۆكۈم. بويلىرى ئالتۇن كۆكۈمنىڭ سۆلىتى سۇلتانچە بار، ئاي يۈزىگە نۇر چۈشۈپتۇ يېڭى ئۈزگەن گۈلچە بار. ... قىشلىقى كۆك ئۈندۈرمەك بىزگىمۇ ئاسان ئەمەس، بۇ ئويۇنلارنى ئوينىماق بىزگە ھەم مەنۇر ئەمەس، بۇ سۆزلەرنى يالغان دېمىسىلە، بىرىمۇ يالغان ئەمەس، كۆكنى تۇتتۇق خوش ئالسىلا، جىم بولۇپ قالمىسىلا، ئېگىز - ئېگىز ئۆيلىرىنى پىشقىن بىلەن ئاقلىسىلا، كۆكنى تۇتقان بىز ئىدۇق، بىزنى خاتىرىدە ساقلىسىلا، دۇنيا - جاھاننىڭ كارىنى يىراققىنا تاشلىسىلا، غازنى ئوتتۇز، قوينى توققۇز، ھەممىگە تەڭ راسلىسىلا، تېشى ياقۇت، ئىچى مارجان بىر جۈپ جۇۋاننى راسلىسىلا، چالغىلى بەرباپ، راۋاب، قالۇن، ساتارنى راسلىسىلا ... » دەيدۇ. مەشرەپ ئەھلى «ۋاي رەھمەت»، «خۇدا نېسىپ قىلسۇن» دېيىشىپ، كۆكنى تاپشۇرۇۋالغان كىشىنى تەبرىكلىشدۇ. مايسىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئەر - ئايال مەشرەپ ئەھلىگە ئېگىلىپ تەزىم قىلىدۇ ۋە سورۇندىكىلەرنى ئەتە ئاخشاملىققا ئۆز ئۆيىگە مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئاندىن ئەر - ئايال ئىككىسى كۆكنى قولىدا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. قىقاسچى تەخسە - تېۋەڭدە مېۋە - چېۋە كۆتۈرۈپ چىقىپ، سورۇندا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ: «قاقشالمۇ - قاقشال، چارۋاغدا قاقشال، بىر ئائىلىلىك ئۇسسۇل ئويناپتۇ، گۈلزەپەرگە ئوخشار...» دەپ قىقاس سالىدۇ. ساھىبخان بىر تېۋەڭدە ئەتلەس - شايى كۆتۈرۈپ چىقىپ، چوڭ - كىچىك مېھمانلارنىڭ، ھاپىز (ھېپىز) لارنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ: «جوۋاپتۇ، جوۋاپتۇ، ھەي يىگىتلەر بارىكاللا قىقاس !» دەيدۇ. كۆپچىلىك ئەگىشىپ «بارىكاللا قىقاس !» دەپ جور بولىدۇ. خۇشاللىق ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. مەشرەپ ئەھلى كۆكنى كۆك ئالغۇچىنىڭ ئۆيىگە ناخشا - ساز بىلەن كۆچۈرۈپ قويىدۇ. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى