ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھەرقايسى يەرلىك مەشرەپلەر ئىچىدە تارقىلىش دائىرسىنىڭ كەڭلىكى، مەزمۇنىنىڭ مولۇقى، تەشكىلىي تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللىكى قاتارلىق ئالاھىدلىكلىرى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغىنى «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» دىن ئىبارەت.
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مەشرىپى بولۇپ، ئۇ قاتنىشىش دائىرسى پەقەت ئەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدىغان مەشرەپنىڭ نامى ھەم توي - تۆكۈن مەشرەپلىر ۋە باشقا ھەر خىل ئاممىۋى مۇراسىملارنى تەشكىللەپ باشقۇرىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ نامى. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» تارقالغان ھەر بىر يېزا، كەنت - مەھەللىلەرنىڭ ئۆزئالدىغا «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرەپ تەشكىلى» بولغان.
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشىپى» نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئاساسەن مەشرەپ بېگى (قازىبەگ)، ئەمەللەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەزىپىلىرى بولغان.
مەشرەپ بېگى (قازىبەگ) - «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» دىكى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپ نامى بولۇپ، ئۇ ئاساسەن مەشرەپنىڭ پۈتۈن جەريانلىرىغا نازارەت قىلغۇچى، مەشرەپتىكى دەۋا - دەستۇر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدۇر.
يىگىتبېشى - مەشرەپنىڭ ئاساسىلىق تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ، مەشرەپ پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.
دارىگەي بېگى (دارا بېگى) - ئاساسەن مەشرەپنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋە ناخشا - ئۇسۇل، مۇزىكا قاتالىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. شۇڭا دارىگەي بېگى شۇ يېزا - كەنتتىكى ناخشا - مۇزىكىغا ماھىر سەنئەتكارلار ئارىسىدىن سايلاش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.
كۆلبېگى - مەشرەپنىڭ پۈتكۈل مالىيە - ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ، ئادەتتە مەشرەپكە لازىم بولىدىغان بارلىق يېمەك - ئېچمەك قاتارلىقلارنى كۆلبېگى ھەل قىلىدۇ. مەشرەپنىڭ كۈتكۈچىلىرى كۆلبېگىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بويىچە ئىش بېجىرىدۇ.
پاششاپ - مەشرەپنىڭ ئىنتىزام باشقۇرغۇچىسى بولۇپ،ئادەتتە «ساقچى» ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ. مەشرەپنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە جازانى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. مەشرەپ قاتناشچىلىرى شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە پاششاپنىڭ باشقۇرۇشىغا شەرتسىز بويسۇنىدۇ. پاششاپنىڭ قولىدا ئادەتتە «گۈل تاياق» دەپ ئاتىلىدىغان دەررە بولىدۇ. «گۈل تاياق» يۇمشاق تال چىۋىقلىرى ياكى تېۋىلغىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئېلاسىتىكىلىقى ناھايىتى يۇقىرى. جازا ئىجرا قىلىشقا توغرا كەلسە پاششاپ جازالانغۇچىلارنى ئەنە شۇ «گۈل تاياق» بىلەن يەڭگىل دەررىلەيدۇ.
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» گە ئەزا بولغۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. ئەمما بىر مەشرەپ تەشكىلى ئوتتۇز - قېرىق كىشىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» گە ئەزا بولۇش تۈزۈملىرى مۇكەممەل بولۇپ، مەشرەپكە ئەزا بولغۇچى بەلگىلىك شەرتلەرنى ئورۇنداش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئالدى بىلەن مەشرەپكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغۇچى يىگىتنى دادىسى يېتىلەپ مەشرەپ سورۇنىغا ئەكېلىدۇ. پاششاپ بۇ ئەھۋالنى مەشرەپ بېگى ھەم يىگىتبېشىغا خەۋەر قىلىدۇ.ئۇلار رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن يىگىتنىڭ دادىسى مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ ئالدىدا ئوغلىنى مەشرەپكە ئەزا قىلىش ھەققىدە ئىلتىماس قىلىدۇ. مەشرەپ بېگى ھەم يىگىتبېشىغا : «بالىنىڭ ئۇستىخىنى بىزنىڭ، گۆشى سىلەرنىڭ، ئەدەب - ئەخلاق ئۆگەنسۇن، دەپ مەشرەپكە ئەكەلدىم» دەيدۇ. يىگىتبېشى بالىغا: «بۇ مەشرەپنىڭ تاتلىق چېيى،ئاچچىق تايىقى بار. چىدىسىڭىز كىرىشكە رۇخسەت» دەيدۇ. بالا: «چىدايمەن» دەپ جاۋاب بەگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەشرەپكە قېتىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.بۇ چاغدا مەشرەپ ئەھلى بۇ بالىنىڭ سورۇنغا قانداق سوۋغىلارنى ئەكەلگەنلىكىنى سورايدۇ. بالىنىڭ دادىسى «ئوتتۇز ئوغۇلنى گۈللىرى» گە ئاتاپ، نەچچە تۆگە، نەچچە ئات، كالا، قوي ئەكەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە دېيىلگەن ھايۋانات ناملىرى مەشرەپتە ئومۇملاشقان سىمۋوللۇق ناملار بولۇپ، تۆگە دېگىنى قوغۇن - تاۋۇزنى،ئات دېگىنى تۇخۇمنى، كالا ياكى قوي دېگىنى ئالمىنى كۆرستىدۇ. بۇ سوۋغىلارنى پاششاپ جامائەتكە كۆرسەتكەندىن كېيىن، كۆلبېگىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مەشرەپكە قوبۇل قىلىنماقچى «ئوتتۇز ئوغۇل» نىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بېرىشى شەرت. ئەگەر ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى بولمىسا مەلۇم بىر ھايۋان ياكى بىرەر قۇشنىڭ سايرىشىنى دوراپ بەرسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ مەشرەپكە قېتىلغانلىقى شەرىپىگە «ئوتتۇز ئوغول» نى ئۆيىگە مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ.
يىگىتبېشى مەشرەپكە قوشۇلغان بۇ يېڭى ئەزاغا «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» نىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى تەپسىلىي ئۇقتۇرىدۇ. مەشرەپكە ئەزا بولۇپ كىرگەن كىشى «مەشرەپ» كوللېكتىپىنىڭ رۇخسىتىسىز مەشرەپتىن چىقىپ كېتىشكە ياكى سەۋەبسىز قاتناشماسلىققا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەگەر مەشرەپتىن چېكىنىمەكچى بولسا، سەۋەبلىرىنى «ئوتتۇز ئوغۇل» نى قايىل قىلغۇدەك بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق دەپ قارىغان بىرەر ياشنى تۇنۇشتۇرۇپ مەشرەكە قوشقاندىن كېيىن ئاندىن چېكىنىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» مۇ باشقا يەرلىك مەشرەپلەرگە ئوخشاش ناخشا - ساز ۋە ئۇسسۇل، چاقچاق ۋە لاپ ئۇرۇش، مەشرەپ ئويۇنىلىرى ۋە جازادىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ھەر بىر باسقۇچنىڭ مەزمۇن دائىرسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە.
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» نىڭ قائىدە - تۈزۈمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازا ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، ئىقتىسادىي جازا، يەنە بىرى سەۋەنلىك جازاسىدىن ئىبارەت. ئىقتىسادىي جازا، يەنە بىرى سەۋەنلىك جازاسىدىن ئىبارەت.ئىقتىسادىي جازا ئەيىبلەنگۈچىنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىر - يىنىكلىكىگە ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي جازا «ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈللىرى» ئۈچۈن ئۆز نۆۋىتىدىن سىرت بىر قېتىملىق «ناماقوللۇق مەشرىپى» ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. يېنىكلىرىگە كېلەر قېتىملىق مەشرەپ ئۈچۈن مېۋە - چېۋە، قەنت - گېزەك قاتارلىقلارنى ئەكېلىش بۇيرۇلىدۇ.
سەۋەنلىك جازاسى كۆپ خىل بولۇپ، «سامسا يېقىش»، «جۇۋازغا قېتىش»، «ئۆپكە قۇيۇش»، «سۈرىتىنى تامغا تارتىش»،«مونەك تۈگۈش»، «ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش»، «كاككۇك سايرىتىش»، «پاختەك ئۇچۇرۇش»، «توشقان تەپتى» «كاۋا چاقتى»، «دەررىگە بېسىش»، «سازايى قىلىش»، «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»، «پىر ئوينىتىش»، «ئەنجۈر يېگۈزۈش»، «يۈزىگە كۈيە سۈركەش»، «باغدىن ئالما ئۈزۈش» قاتارلىق كۈلكىلىك، ھەجۋىي ئويۇنلاردىن ئىبارەت. بۇ جازالار پاششاپ تەرىپىدىن ھەرىكەتلىك ئىجرا قىلىنىدۇ.
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» ئاساسەن كۈزلۈك ھوسۇل يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن باشلىنىپ، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغىچە داۋاملىشىدۇ.
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» دە يۇقىرىقىدەك تۆت باسقۇچلۇق ئويۇندىن باشقا، يەنە ھەر قېتىملىك يىغىلىشتا مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ بەزى مۇھىم ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، مەسلىھەت بېرىلىدۇ، شۇ يۇرتتىكى جامائەت ئىشلىرى ھەققىدە كېڭەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. توي - تۆكۈن ۋە ئۆلۈم - يېتىم بولغان ئائىلىلەردىن ھال سوراش ۋە ياردەم بېرىش قارارلاشتۇرۇلىدۇ. شۇڭلاشقا «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» نىڭ يۇرت - جامائەت ئىچىدىكى ئىناۋىتى ۋە ئابرويى يۇقىرى بولۇپ، شۇ يۇرت كىشىلىرى مۇشۇ مەشرەپ كوللېكتىپى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان.
قىسقىسى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئوتتۇز ئوغول مەشرىپى» خەلقنىڭ «سەنئەت مەكتىپى» ۋە «ئەدەب - ئەخلاق بۆشۈكى»، شۇنداقلا باشقا خىلدىكى ئاممىۋى مەشرەپ، مۇراسىملارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە قانات يايدۇرغۇچىسىدۇر. (ئا)