UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرىبۆشۈك توي مۇراسىمى

بۆشۈك توي مۇراسىمى

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى بۆشۈك توي ئۇيغۇرلارنىڭ مەزمۇنغا باي، ناھايىتى قىزىقارلىق ئۆمۈر مۇراسىملىرى جۈملىسىدىن، بالا تۇغۇلۇپ تا قىرقى توشقۇچە ئاساسەن ئانىسىنىڭ يېنىد يېتىپ بېقىلىدۇ. تۇغۇتلۇق ئايال قىرىق كۈنگىچە تالا - تۈزگە چىقىرىلمايدۇ، ئېغىر - يېنىك ئىش قىلمايدۇ. قىرقى توشقاندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، رەسمىي بۆشۈككە سېلىنغاندىن كېيىن ئانىسى ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ. ئۇيغۇرلاردا بۆشۈك بالىنىڭ <ئىككىنچى ئانىسى> دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى بالا ئانا قورسىقىدىكى تۆرەلمىلىك ھالىتىدىن تا توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز دەقىقە ياشاپ دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ، تىلى، ئايىغى چىقىپ ئۈچ - تۆت ياشقىچە بولغان ھاياتى ئاساسەن بۆشۈك قوينىدا ئۆتىدۇ. بالىنىڭ بۆشۈككە سېلىنىشى ياشاش باسقۇچىنىڭ ئىككىنچى قەدىمىنىڭ باشلانغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان بىر جاننىڭ ياشاش باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقى، ئانا بولغۇچىنىڭ سالامەت بوشۇنۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆي ئىشلىرىغا كىرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئادەت قىلىنغان. شۇڭا بۇ مۇراسىم <بۆشۈك توي> دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرلاردا ئادەتتە تۇنجى بالا ئۈچۈن بۆشۈك توي قىلىدۇ. چۈنكى قىزلار ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن تۇنجى تۇغۇتىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇغىدۇ. ئادەت بويىچە ئەر تەرەپ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشقاندا تېگىشلىك تەييارلىقلارنى قىلىپ، ئۇنى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ قويىدۇ. شۇڭا قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى قىزنىڭ سالامەت پەرزەنت يۈزى كۆرگەنلىك، ئۆزلىرىنىڭ نەۋرە كۆرگەنلىك خۇشاللىقلىرىنى ئىپادىلەش ۋە نەۋرىسى بىلەن قىزنى ئۇزىتىپ قويۇش يۈزسىدىن ئالاھىدە تەييارلىق كۆرۈپ مۇراسىمغا قاتنىشىدۇ. مۇراسىم پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندا كېلىننىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا داستىخان قويۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، كېلىن بىلەن نەۋرىسىنى ئېلپ قايتىدۇ. ياتلىق قىلىنغان قىزلار تۇنجى تۇغۇتىدىن كېيىنكى تۇغۇتىنى كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز ئۆيىدە تۇغىدۇ. چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. بەزى جايلاردا ئايرىم ئائىلىلەردە ئۆز ئالدىغا بۆشۈك توي ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەتتە مۇھىم ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنىسىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئاددىي قائىدە - رەسمىيەت قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. مۇراسىم مەزمۇنى ۋە پائالىيەتلىرى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن يېڭى بۆشۈك ۋە ئوۋۇدا (بۆشۈك ئىچىگە سېلىنىدىغان، ئىچىگە پاختا ياكى يۇمشاق سامان ئېلىپ كۈلتۈك تۆشۈكىگە توغرىلاپ تۆشۈكلۈك قىلىپ تىكىلگەن كۆرپە، بۇ <ئوۋدا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، كۈلتۈك (بوۋاقنىڭ تەرىتى چۈشىدىغان قاپاق ياكى شېشە قاچا)، ئىككى دانە پاختىلىق كۆرپە، قولتاتقۇ، يۆگەك، تىزلىق، كىچىك ياستۇق، يوپۇق، جوغا قاتارلىق بۆشۈك جابدۇقلىرى ھازىرلىنىدۇ. بەزىلەر ئۇدۇم قىلىپ باشقىلارنىڭ بىرنەچچە بالىنى بۆلەپ چوڭ قىلغان بۆشۈكنى مەخسۇ س تىلەپ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ھازىرلىغان يېڭى جابدۇقلارنى ئىشلىتىدۇ. مۇراسىم بوۋاقنىڭ قىرقى توشقان كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمغا ئۇدۇم ئېلىش مەقسىتىدە كۆپ بالىنى قاتارغا قوشقان بىر نەپەر پېشقەدەم ئايال (بۇ <قىرقى ئانىسى، بۆشۈك ئانىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ). شۇ مەھەللىدىكى ئالتە - يەتتە ياشلىق ئەقىللىق، تۈرگۈن، پاكىز بالىلاردىن قىرىق بالا، بىرنەپەر قولى يېنىك، ئۆزى ياۋاش پېشقەدەم ساتىراش تەكلىپ قىلىنىدۇ ۋە قىرىق دانە يېڭى ياغاچ قوشۇق، قىرىق دانە توقاچ، ھالۋا ۋە مېۋە - چېۋە، يېڭى تەڭلە (بەزى جايلاردا ساپال جاۋۇر) ھازىرلىنىدۇ. بىر داسقا مەخسۇس يىلمان <قىرقى سۈيى> تەييارلىنىدۇ. تەكلىپ قىلىنغانلار كېلىپ بولغان ھامان مۇراسىم پائالىيىتى باشلىنىدۇ. پائالىيەت تەرتىپى مۇنداق: بىرىنچى قەدەمدە، يېڭى ئۇستىرا بىلەن بوۋاقنىڭ قىرقى چېچى چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ <چاچ چۈشۈرگە> دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە، قىرقى ئانىسى بالىلارنى بوۋاقنى يۇيىدىغان ئۆيگە قاتار تىزىلدۇرۇپ باشلاپ كىرىدۇ ۋە ئۇلارغا بىردىن قوشۇق تارقىتىپ بوۋاقنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە قىلىدىغان ھەرىكەت، دەيدىغان سۆزلەرنى ئۆگىتىدۇ. بالىلارنى ئۆز رېتى بويىچە بوۋاقنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە داستىكى قىرقى سۈيىدىن بىر قوشۇقتىن ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ چۈچۈك تىللىرى بىلەن بوۋاقنىڭ ئېتىنى چاقىرىپ × × × (جان، بەگ)، (خان، ئاي گۈل) <ئالىم بولۇڭ>، <ياۋاش بولۇڭ>، <موللا بولۇڭ>، <باتۇر بولۇڭ> دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلاپ بوۋاقنىڭ بېشىدىن (بوۋاق بېشى داسقا يانتۇلاپ تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ) قۇيۇپ ئۆتىدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە، قىرقى ئانىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بالىلارغا <زىياپەت> بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىر سىقىمدىن مېۋە (قىش كۈنى قۇرۇق مېۋە، ياز كۈنى يېڭى مېۋە) تارقىتىلىپ، ئۈستىگە بىر قوشۇقتىن ھاۋا ئېلىنغان توقاچ تۇتقۇزۇلىدۇ. بالىلار بۇ نازۇنېمەتلەرنى ئېلىپ خۇشال - خۇرام قايتىپ ئاتا - ئانىلىرىغا كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئېتى پۈتۈن مەھەللىگە تارقىتىلىدۇ. تۆتىنچى قەدەمدە ئانىسىنىڭ ئالتۇن جابدۇقى سېلىنىپ ھازىرلانغان مەخسۇس يىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇندۇرۇلۇپ، يالىڭاچ ھالدا ھازىرلاپ قويۇلغان تەڭلىگە سېلىپ قىرقى ئانىسى بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ بەدەنلىرىنى سىلاپ سېغىزلايدۇ (ھازىر ئۇپىلايدىغان بولدى). ئاندىن زاكىلاپ، يېڭى كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، بۆشۈككە ئادراسمان بىلەن ئىسرىق سېلىپ، بۆشۈكنىڭ ئۈستى - ئاستىدىن توققۇز قېتىم ئايلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىدۇ. مەيلى ئوغۇل، قىز بولسۇن بوۋاينىڭ چۈشۈرۈلگەن قىرقى چېچى يەرگە چۈشۈرۈلمەي پاكىز يىغىۋېلىنىپ، تارازىغا سېلىنىپ، چاچنىڭ ئېغىرلىق ۋەزنى باراۋىرىدە ساتىراشقا كۈمۈش بېرىلىدۇ (كېيىنكى كۈنلەردە مۇۋاپىق مىقداردا پۇل بېرىلىدىغان بولدى). ھاللىقراق ئائىلىلەردە بولسا، بوۋاق چېچى چۈشۈرۈلۈپ بولۇشىغا بىر مال سويۇپ، ئۇنى يەتتە پارچە قىلىپ، يەتتە نەپەر غېرىپ - غۇرۋاغا ياكى مەھەللىدىكى قول - ئىلىكى قىسقا يەتتە ئائىلىگە خام تالاش قىلىپ بېرىپ كەلگەن. شۇنىڭدەك چاچ يېڭى لاتىغا ئورۇلۇپ، تامنىڭ ئېگىز يېرىدىكى بىر تۆشۈككە تىقىپ قويۇلىدۇ ياكى دۇخاۋا، تاۋاردا تۇمار تىكىپ ئىچىگە سېلىپ ساقلىنىدۇ. ئىسرىق سېلىشتا <جىن - شاياتۇنلارنى قوغلاش>، سويۇلغان مالنى يەتتە پارچە قىلىپ خام تالاش قىلىشتا <بالىنىڭ يەتتە ئەزايى ساق، ئېيىپناق بولماي ساغلام چوڭ بولسۇن> دېگەن مەقسەت قىلىنغان. قىرقى ئانىسىغىمۇ بىر كىيىملىك رەخت قويۇلۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلىدۇ. تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا بۆشۈك توي مۇراسىمىدا مۇنداق تېخىمۇ قىزىقارلىق ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇت. بۇ ئالاھىدىلىكلەر مۇراسىمنىڭ بەزى پائالىيەت شەكلى. مەزمۇنىنىڭ ئۆزگىچىلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ: ① تۇرپان رايونىدا مۇراسىم بىرنەچچە بۈۋۈم ۋە بىر نەچچە بالىنى قاتارغا قوشقان ئۈچ - تۆت نەپەر پېشقەدەم ئايال، مۇھىم ئايال تۇغقانلارنىڭ ئىشتىراكىدىلا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ② ، مۇراسىمغا ئاتاپ مەخسۇس قۇيماق، پوشكال ۋە تەكلىپ قىلىنغان بالىلار ئۈچۈن بوغۇرساق، چىلان، كىشمىش ھازىرلىنىدۇ. ③ مۇراسىم بۈۋۈملەرنىڭ خەتمە ئوقۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. ④ چاچ چۈشۈرگىسىگە ئۆزي ياۋا، يۈزى تۆۋەن، قولى يېنىك، بىرقەدەر ياشراق، ئۇستىرا تۇتۇشتىن خەۋەردار بىرى تەكلىپ قىلىنىدۇ. بوۋاقنىڭ چېچىنى ئالىدىغانغا ئۇنىڭ ئوڭ قولىنىڭ بېغىشىغا يېڭى ئاق قول ياغلىق چېگىپ قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا <بالىنىڭ بېشى پاكىز، يارا - چاقىدىن خالىي بولسۇن> دېگەنلىك مەقسەت قىلىنغان، ⑤ بوۋاقنى پېشقەدەم ئايالنىڭ بىرى قىرقى سۈيىگە ئېلىپ، سېغىزلاپ بولغاندىن كېيىن يېڭى تىكىلگەن بوۋاق كۆڭلىكىنى كىيدۈرۈپ، زاكىلاپ، ئاندىن مەخسۇس تىكىلگەن قۇراق چاپاننى كىيدۈرۈپ بۆشۈككە سالىدۇ ۋە يېنىغا بوغۇرساق، مېۋە ئارىلاشتۇرۇلغان جاۋۇرنى قويۇپ بۆشۈك يېنىدا ئولتۇرىدۇ. ئاندىن بالىلارنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتى باشلىنىدۇ، بالىلار بۆشۈك ئۇدۇلىدىن ئۆتكەندە ئېتىنى ئاتىماي، بەلكى <ئىڭىڭانا> دەپ ئۆتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئايال <مانا ساڭا> دەپ چىلان، كىشمىش ئارىلاشتۇرۇلغان بوغۇرساقتىن بىر سىقىمدىن تۇتقۇزىدۇ. قىرىق بالا شۇ تەرىقىدە بۆشۈك ئۇدۇلىدىن ئۆتۈپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىدۇ. قەشقەردە: ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بوۋاقنىڭ قىرقى سۈيى ھازىرلاشتا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق: بىر چىنە ناۋات چىلانغان، بىر چىنە كونا ئۆينىڭ كاكۇل لېيى چىلانغان، بىر چىنە ئەركەك قوي گۆشى كاۋىپى چىلانغان جەمئىي تۆت چوڭ يىلمان سۇ ھازىرلىنىدۇ. بالىلار بوۋاقنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ھەربىرى ھەر چىنىدىن بىر قوشۇقتىن سۇ ئېلىپ، بوۋاقنىڭ ئېتىنى ئاتاپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرنى قىلغاچ ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ يەردە تۆت چىنىدىكى تۆت خىل سۇ تۆت مەقسەتكە سىمۋول قىلىنغان. ناۋات سۈيى <ئەقىللىق، باتۇر، شېرىن سۆزلۈك بولۇڭ>، كاكۇل لاي سۈيى <ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن>، تاختا كۆۋرۈك ياغىچىنىڭ كۆمۈر سۈيى <ئاق كۆڭۈل، ئەدەبلىك بولۇڭ، ئەل پەرزەنتى بولۇڭ>، كاۋاب سۈيى <قاۋۇل، تۈرگۈن، بەخىتلىك بولۇڭ> دېگەن مەقسەتكە سىمۋول قىلىنغان. چۈنكى ناۋات شېكەرنىڭ جەۋھىرى كىشىنىڭ زېھنى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. بىر ئۆي سېلىنىپ ئۇنىڭ كونىراپ ئۆرۈلۈش ۋاقتى ئاساسەن 60 - 70 يىلغا باراۋەر كېلىېدۇ. كۆۋرۈك يۇرت، جامائەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ھەممە ئادەم تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ ۋە كۆڭلى سۆيىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى