UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرىيۈز ئاچقۇ مۇراسىمى

يۈز ئاچقۇ مۇراسىمى

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلار بالاغەتكە يەتكەندە ياتلىق قىلىش، بىر - ئىككى تۇغۇتلۇق بولغاندىن كېيىن يۈزىنى ئېچىپ قويۇش ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇڭا، ئۇيغۇرلار قىزلار ياتلىق قىلىنىپ بىر - ئىككى تۇغۇتلۇق بولغاندىن كېيىن قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ ئۇنىڭ رەسمىي ئاياللار قاتارىغا ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئادەتلەنگەن. بۇنىڭغا پېشقەدەملەر ھېلىھەم ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. 1) مۇراسىم تەييارلىقى: ① قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى قىزى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا ياكى بىر ئۈزۈك، بىر يېڭى ئۈستىباش، سويىدىغانغا بىرەر مال ھازىرلايدۇ. كۈيۆسىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ تەييارلىق كۆرىدۇ. ②مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئىككى نەپەر ئايال يۈزى ئېچىلغۇچىنىڭ باش - كۆزىنى يۇيۇپ - تاراپ، ماڭىلاي ۋە سېكىلەك چېچىنى قايرىپ، چېچىنى ئىككى تال ئۆرۈيدۇ. يۈزىنى ئېلىپ، قاش - قاپاقلىرىنى تېرىپ، ئۇپا - ئەڭلىكڭ سۈرۈپ، چىرايلىق كىيىندۈرىدۇ. مۇراسىمغا ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنا ۋە قويۇق ئۆتىدىغان ئاياللارلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. مۇراسىم مىھمانلار كىلىپ بولغاندىن كېيىن داستىخان سېلىنىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئالدى بىلەن قىزنىڭ ئانىسى: <ھەر قايسىڭلارنى جۇۋالغۇغا سېلىشىمىز بالىمىزنىڭ يۈزىنى ئاچماقچى، داستىخنىمىز غورىگۈل، كۆپ ئورنىدا كۆرگەيسىلەر، بالىمىز گۈدەك، ئالدىڭلاردىن توغرى ئۆتۈپ قويغان يەرلىرى بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر!> دەپ مېھمانلارنى چايغا تەكلىپ قىلىدۇ. زىياپەت ئاخىرلىشىپ داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن يۈزى ئېچىلغۇچى بىر - ئىككى ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا مىھمانلار ئالدىغا كىرىپ تەزىم بەجا كەلتۈرىدۇ. مىھمانلار ئورنىدىن تۇرۇپ ھەممەيلەن تەڭ <مۇبارەك بولسۇن!> دېيىشىپ ئورۇنلىرىدا ئولتۇرىدۇ. ئاندىن قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە كۈيۆسى تەييارلىغان سوۋغاتلار قىزنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىدىنلا مىھمانلارمۇ ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىنى بىر - بىرلەپ جوز ئۈستىگە قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىپ مىھمانلار رەھمەت ئېيتىشىپ خوشلىشىپ قايتىشىدۇ. مۇراسىمدىن كېيىن قىز جەمئىيەتتە ئاياللار ئىچىدە ھەر قانداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. ئىختىيارى پەرداز قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ رەسمىيەت <يۈز ئاچقۇ> دەپ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى
يۈز ئاچقۇ مۇراسىمى | UyghurWiki | UyghurWiki