UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرىئۆي سېلىش مۇراسىمى

ئۆي سېلىش مۇراسىمى

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆي سېلىش ئەر ئۆمرىدە بىر قېتىم بولىدىغان، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۆمرىدە مۇمكىن بولمايدىغان چوڭ ئىشلاردىن دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆي سېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۆي پۈتكەندىن كېيىن <ئۆي چېيى> ئۆتكۈزىدۇ. ئۇزۇن، پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ، تەييارلىق پۈتكەندە رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئۆيگە ئۇل قويىدۇ. ئۆي سېلىش مۇراسىمىنىڭ شەكلى ھەرخىل بولىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ھەركىمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بولىدۇ. بەزىلەر بىرەر مالنى قان قىلىپ جامائەتكە ئاش تارتسا، بەزىلەر بىرەر مالنى قاق قىلىپ جامائەتكە ئاش تارتسا، بەزىلەر قۇيماق - پوشكال سېلىپ، قويۇق - سۇيۇق غىزا ئېتىپ، پېشقەدەم تامچىدىن بىرنى ۋە ئۇرۇق - تۇغقان، يارۇ - بۇرادەرلىرى بىلەن قولۇم - قوشنىلىرنى تەكلىپ قىلىپ داستىخان سالىدۇ. مۇراسىم مەيلى قايسى شەكىلدە ئۆتكۈزۈلمىسۇن، داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن مەھەللە پېشقەدەملىرىدىن بىرەرى ياكى پىشقەدەم تامچى ئۇستام ئۆينىڭ قىبلىسىنى توغرىلاپ بېرىش بىلەن، ئۇل سىزىقىنىڭ ئوڭ بۇرجىكىدىن بىر كەتمەن توپا ئېلىش ئۇل تېشى قويۇپ بىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىدۇ. ئاندىن مۇراسىمغا ھازىر بولغانلار ئۇستامنىڭ باشچىلىقدا قولمۇقول ئۇل قويۇپ تام قوپۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۆي پۈتكۈچە مەھەللە جامائىتى، قولۇم - قوشنا، يار - بۇرادەرلەر ئۆز چامىسىغا يارىشا ياردەم بېرىپ، بىر نەچچە كۈندىلا ئۆي پۈتكۈزۈلىدۇ. ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى كونكىرېت ياردەم بېرەلمىگەنلەرمۇ بىرەر ۋاق تاماق ئېتىپ ئۆي سېلىۋاتقانلاردىن ھال سورايدۇ. ئۆي ئېگىسى ئۆي سېلىشقا قاراشقانلارنى پەقەت ياخشىراق تاماق بىلەنلا كۈتۈپ باشقا ھەق بەرمەيدۇ. بۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئەھمىيەتلىك بىرخىل ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ئادەتتۇر. ئۆي چېيى: ئۆي چېيى ئۆي پۈتۈپ كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن شۇ يېڭى ئۆيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆي چېيىغا ئۆي سېلىشقا ياردەملەشكەنلەر ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغاندىن تاشقىرى ئۆز مەھەللىسىنىڭ جامائىتى، قوشنا مەھەللىدىكى تونۇش - بىلىش، يارۇ - بۇرادەرلەر، بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلار تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۆي چېيى ئۆتكۈزۈشتە بىرىنچىدىن، ياردەملەشكەنلەرگە رەسمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئىككىنچىدىن، ئۆينىڭ قۇتىشىنى تىلەش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئۆي چېيى ھەر ئادەمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەزىلەر ئالاھىدە نان - توقاچ يېقىپ، ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى ھازىرلاشتىن تاشقىرى بىر - ئىككى مال سويىدۇ. بەزىلەر بىر مال سويىدۇ ۋە ئۆي چېيىغا ئاتاپ مەخسۇس قۇيماق - پوشكال سالىدۇ. ئۆي چېيى ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىرىنچى، قەدەمدە مەھەللىدىكى پېشقەدەم جامائەت، ئىمام، مەزىنلەر ئۇزۇتىلىدۇ. ئۇلار كېلىپ جەم بولغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن خەتمە قۇرئان قىلىنىدۇ. خەتمە قۇرئان تاماملانغاندىن كېيىن داستىخان سېلىنىپ چاي قويۇلىدۇ. ئاندىن ئاش تارتىلىدۇ. مەھەللە پېشقەدەملىرى ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن باشقىلارغا داستىخان سېلىنىپ مېھمان قىلىنىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن مېھمانلار ئېلىپ كەلگەن تەبرىك، سوۋغاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يېڭى ئۆينى مۇبارەكلەيدۇ. ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - ئاغىينىلەر بىرەر پارچە گىلەم، تەڭلىمات كىگىز، ئەدىيال، جوزا - شىرە قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغات قىلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆي چېيى ئاخىرلىشىدۇ، قايتىشنى خالىغانلار خوشلىشىپ قايتىدۇ. قالغانلىرى ئايرىم سورۇن تۈزۈپ نەغمە - ناۋا، ناخشا - ئۇسسۇل ۋە قىزىق چاقچاق، كۈلكە - پاراڭلار بىلەن كەچكىچە ئولتۇرۇپ ئاندىن قايتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى
ئۆي سېلىش مۇراسىمى | UyghurWiki | UyghurWiki