سۈننەت توي مۇراسىمى
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈننەت قىلىدۇ. سۈننەت قىلىش <خەتنە> قىلىش، جۈملىدىن سۈننەت توي، <خەتنەتوي> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزىلەر بالىنى <ئولتۇرغۇزۇش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سۈننەت قىلىش ئەسلىدە ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئوغۇل بالىنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ تازىلىقى نەزەردە تۇتۇلغان ياخشى ئادەت. بۇ ئادەت ئەرەبلەردە ئىسلام دىنى مەيدانغا كېلىشتىن ناھايىتى بۇرۇن يەنى ئىبراھىم پەيغەمبەر دەۋرىدە كېلىشتىن ناھايىتى بۇرۇن يەنى ئىبراھىم پەيغەمبەر دەۋرىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىگە ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلاردىمۇ تەدىرىجىي مىللەت ئادەت تۈسىنى ئالغان.
سۈننەت توي مۇراسىمى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەزىلەر بىرقەدەر كىچىك دائىرىدە ئائىلە زىياپىتى ئارقىلىق ئۆتكۈزسە، بەزىلەر بىرقەدەر كەڭ دائىرىدە مەخسۇس زىياپەت بېرىش ئارقىلىق ئۆتكۈزىدۇ. زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغۇچىلارنىڭ سانىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ بولىدۇ. مەيلى قايسى دائىرىدىكى زىياپەت بولمىسۇن، ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلەر ئاساس قىلىنىدۇ ۋە مەخسۇس بىر نەپەر خەتنىچى تەكلىپ قىلىنىدۇ. مۇراسىمدىن بۇرۇن بىر نەپەر سۈننەت قىلىنغۇچىغا بىر قۇر يېڭى ئۈستىباش، يوتقان - كۆرپە، ياستۇق ھازىرلىنىدۇ، سۈننەت قىلىنغۇچى مۇراسىمدىن بىر كۈن بۇرۇن يېڭى ئۈستىباشلىرىنى كېيىپ، مەھەللىدىى تەڭتۇشلىرى بىلەن بىرلىكتە مەھەللە ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىنى ئارىلاپ مەخسۇس بىر كۈن ئوينايدۇ. بەزى جايلاردا بولسا، سۈننەت قىلىنغۇچى ئۆز تەڭتۇشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەخسۇس ئات مىنىپ (ئۆزىنىڭ ياكى ھەمراھلىرىنىڭ ئېتى بولمىغان تەقدىردە ئىلاجى قىلىپ بىر ياۋاش ئات ئارىيەت ئېلىنىدۇ). مەھەللە ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىنى ئارىلاپ ئوينايدۇ. بالا مىنگەن ئاتنىڭ يۈگەن، ئېگەر، توقۇم، قوشقۇن، يوپۇقلىرى چىرايلىق بېزىلىدۇ.
بالا مەھەللە ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئارىلاش جەريانىدا قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. مەھەللىدىكى بالىلار سۈننەت قىلىنغۇچىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە مەخسۇس بىر باشلامچى سايلايدۇ ۋە ئاددىي تەييارلىق كۆرۈپ قويىدۇ. ئۇرۇق - تۇغقانلىرى مەخسۇس سوۋغات ھازىرلايدۇ. بالا ئالدى بىلەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى مەخسۇس سوۋغات ھازىرلايدۇ. بالا ئالدى بىلەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئارىلاپ ئاندىن مەھەللىنى ئارىلاپ قايتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇرۇق - تۇغقانلىرى سوۋغاتلىرىنى بېرىدۇ. تون ھازىرلىغانلىرى بولسا تون ياپىدۇ. رەخت ھازىرلىغانلىرى بولسا بالىنىڭ بېلىگە بىر كىيىملىك رەخت باغلاپ قويىدۇ. ئېتىنىڭ ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ئېتىنىڭ بېشىغا ئۇزۇن - ئۇزۇن رەڭدار رەخت پارچىلىرىنى ئېسىپ قويىدۇ. ھەمراھلىرىغا بىردىن قولياغلىق سوۋغات قىلىدۇ. بالا مەھەللە ئىچىنى ئارىلاپ ئۆتكەندە مەھەللە بالىلىرىنىڭ باشلامچىسى بالىلارغا ۋەكالىتەن بالىنىڭ بىلىگە پوتا ۋە بالىنىڭ يېزا ئارىلاپ ئوينىشى بىرىنچىدىن، سۈننەت قىلىنىپ ئورنىدىن تۇرغۇچە قانغۇدەك ئوينىۋېلىشىنى مەقسەت قىلسا، ئىككىنچىدىن، <ئەتە مېنىڭ سۈننەت تويۇم، ئەل - مەھەللە سىلەرنى تەكلىپ> دېگەن بېشارەتتىن ئىبارەت.
مۇراسىم جەريانى: ئالدى بىلەن مېھمانلارغا زىياپەت بېرىلىدۇ. زىياپەت ئاخىرلىشىپ مېھمانلار سوۋغاتلىرىنى قويۇپ ئۇزىغاندىن كېيىن بالىنىڭ ئورنى سېلىنىپ، ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلۇپ ئىشتىنى سالدۇرۇلىدۇ. خەتنىچى ئۇستام جابدۇقلىرىنى يوشۇرۇن ئېلىپ بالىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ. بالىغا ھېچ ئىش يوقلۇقىنى جىكىپ، بىر قولىدا بالىنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۇچىنىڭ تېرىسىنى سىلىغاچ ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن قومۇش قەلەمنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قىسىدۇ - دە، ئۇستۇرىدا شارت قىلىپ كېسىپ تاشلايدۇ ۋە قان توختىتىش ئۈچۈن كۆيدۈرۈلگەن پاكىز پاختىنى كېسىلگەن جايغا بېسىپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قانمۇ توختايدۇ. كېسىش ۋاقتىدا بالا قورقۇنچ ۋە ئاغرىشتىن يىغلىغان ھامان ئاقلاپ تەييار قىلىپ قويۇلغان تۇخۇمدىن بىرى ئاغزىغا سېلىپ قويۇلىدۇ. بالا تۇخۇمنى چايناش بىلەن قېلىپ قورقۇنچ ۋە ئاغرىشتىن خالىي بولىدۇ. بالا سۈننەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن خەتنىچى ئۇستامغا بىر كىيىملىك رەخت ياكى مەلۇم مىقداردا پۇل قويۇپ ئۇزىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ.
سۈننەت قىلىنغۇچى بالا ئورنىدىن تۇرغۇچە ئۇ ياتقان ئۆينىڭ ھارارىتى نورمال، ھاۋاسى ساپ، تازىلىقى ياخشى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا سۈننەت توي ئادەتتە كۈز پەسلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بەزى جايلاردا، بولۇپمۇ ئارا تۈرك ئۇيغۇرلىرىدا ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىراق ئائىلىلەر بالىسىنى سۈننەتكە ئولتۇرغۇزۇشقا ھازىرلىق كۆرەگەندە مەھەللىدە سۈننەت قىلىش يېشىغا توشقان بالىلار بولۇپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرمىگەن تەقدىردە، شۇنداق ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆز بالىسىغا قوشۇپ ئولتۇرغۇزۇپ بېرىدۇ ۋە بۇ بالىلار ئۈچۈنمۇ بىر قۇر ئۈستىباش قىلىپ بېرىدۇ. ئەمما، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ھەرقانداق شەكىل ئارقىلىق ھەق تەلەپ قىلىنمايدۇ. بۇ ئاراتۈرك ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ئومۇملاشقان بىر ياخشى ئىجتىمائىي ئادەت.
سۈننەت قىلىنغۇچى بالىلارنىڭ ئاتقا مىندۈرۈپ ئوينىتىلىشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىكى ئادەت - ئەنئەنىسىنىڭ ئىزنالىرىدىن. ئۆز دەۋرىدە ئەجدادلىرىمىز مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئوغۇل بالىلارنى كىچىكىدىنلا ئاتقا مىندۈرۈپ مەسق قىلدۇراتتى. بۇ ئادەت قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەردە ھازىرمۇ مەۋجۇت.