UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرىھۈنەر - كەسىپ مۇراسىملىرى

ھۈنەر - كەسىپ مۇراسىملىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى ئۇيغۇرلاردا بىر قەدەر بۇرۇنقى دەۋرلەردىن باشلاپ ھەرخىل ھۈنەر - كەسىپ ۋە سودا - تىجارەتنى ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىك مەنبەلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كەلگەن ۋە ئۆز كەسپى، سودا - تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئالدىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈشنى ئادەت قىلغان. بۇ ساھەدىكى مۇراسىمنى ئۇستاز تۇتۇش مۇراسىمى، شاگىرىت چىقىرىش مۇراسىمى، تىجارەت باشلاش مۇراسىمى دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. 1) ئۇستاز تۇتۇش مۇراسىمى: يېڭىدىن ھۈنەر ئۆگەنگۈچى ھەربىر كىشى ئالدى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۆگەنمەكچى بولغان ھۈنەر - كەسىپنىڭ ئەھلىدىن بىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇنىڭغا قول بېرىدۇ. شۇڭا بۇ <ئۇستاز تۇتۇش مۇراسىمى> دەپ ئاتالغان. ھۈنەر ئۆگەنگۈچى كىچىك بالا بولسا، مۇراسىمنى شۇ بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر چوڭ ئادەم بولسا، ئۆزى ئۆتكۈزىدۇ. مۇراسىمغا ئادەتتە شۇ كەسىپ ئەھلىدىن تۆت - بەش كىشى، قولۇم قوشنىلاردىن بىر - ئىككىسى (چوڭ كىشى بولسا، كەسىپ ئەھلىدىن باشقا ئۆز تەڭتۇشلىرىدىن بىر - ئىككىسىنى تەكلىپ قىلىدۇ). تەكلىپ قىلىنىپ ئائىلە زىياپىتى بېرىلىدۇ. شۇ كۈنى بالىغا يېڭى ئۈستىباش كىيىندۈرۈپ زىياپەت ئاخىرلاشقاندا ئۇستامغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئۇستامغا تون يېپىلىدۇ ياكى بىر كىيىملىك رەخت قويۇلىدۇ. 2) شاگرىت چىقىرىش مۇراسىمى: بۇ <دۇكان ئايرىش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مۇراسىم شاگىرىت بولغۇچى شۇ كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولغان چاغدا ئۇستاز تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇستاز بولغۇچى شۇ كۈنى ئائىلە زىياپىتى ھازىرلاپ بالىنىڭ دادىسى ۋە ئۆز كەسىپداشلىرىدىن بىر نەچچىنى تەكلىپ قىلىدۇ. زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شاگرىتقا شۇ ھۈنەردە ئىشلىتىلىدىغان جابدۇق - سايمانلارنىڭ ھەر بىرىدىن بىردىن شاگرىتنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. ۋە شاگرىتتىن تىرىشىپ ئۆز ھۈنىرىنى تېخىمۇ كامالەتكە يەتكۈزۈشنى، ھالال، پىششىق ئىش قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن شاگرىتنىڭ دادىسى بالىسىنىڭ ئۇستازىغا بىر كىيىملىك رەخت قويۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. مۇراسىم شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن شاگرىتنىڭ ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىش ياكى داۋاملىق شۇ دۇكاندا ئىش قىلىش ئىختىيارى ئۆزىدە بولىدۇ. ئەگەر ئۇستازىنىڭ دۇكىنىدا ئىشلىسە، ئۆزى قىلغان ئىش ھەققىنى ئۆزى ئالىدۇ. شاگرىتلىق جەريانىدا بولسا، قىلغان ئىش مانچىسى ئۇستام ھېسابىغا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شاگرىت ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇستامنىڭ ئىشلىرىنى ھەقسىز قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ شاگرىتلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئايرىم ساندىكى ئادىل، ئاقكۆڭۈل ھۈنەرۋەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئادەتتە ھۈنەرۋەنلەر مۇتەئەسسىپراق كېلىدۇ. شۇڭا شاگرىت بولغۇچى بۇرۇن ئۈچ - تۆت يىلسىز ھۈنەر ئۆگىنىپ چىقالمايتتى. 3) تىجارەت باشلاش مۇراسىمى: بۇ ئاساسەن سودا - تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم بولۇپ، يېڭى تىجارەت باشلايدىغان كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ كۈنى ئالاھىدە زىياپەت ھازىرلىنىپ، يۇرت مۆتىۋەرلىرى، ئۇرۇق - تۇغقان، يارۇ - بۇرادەرلەر ۋە پېشقەدەم تىجارەتچىلەر، دۇكان ئېچىش تەييارلىقىنى كۆرۈش جەريانىدا ياردەم كۆرسەتكەنلەر تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ھۈنەر - كەسىپ رىسالىلىك ۋە رىسالىسىز ياكى پىرلىق ۋە پىرسىز ھۈنەر دەپ ئايرىلىدۇ. رىسالىلىك ھۈنەرلەر تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق، ئاشپەزچىلىك، ماشىنچىلىق، تامچىلىق قاتارلىق بىرقەدەر يىرىك تىپتىكى، مۇنتىزىمراق ھۈنەر - كەسىپلەرنى، رىسالىسىزلىرى قوشۇمچە خاراكتېردىكى، ھەرخىل مەيدە ھۈنەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رىسالە - <دەستۇر>، <قائىدە نىزام> دېگەنلىكتىن ئىبارەت. <پىر> دەستۇر، قائىدە - نىزامى بار ھۈنەرنى تۇنجى قېتىم كەشىپ قىلغان <كامالەت ئىگىسى> دېگەن سۆز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر كەسىپنىڭ بىر پىرى بار دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلىرى <داۋۇت پەيغەمبەر>نى تامچى، قاسساپ، تۆمۈرچى، ئاشپەزنىڭ پىرى )كۆمۈر، ئوتۇن كۆيدۇرىدىغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كىشىنى <پىر> ھېسابلايدۇ(. <نوھ پەيغەمبەرنى> ياغاچچىنىڭ پىرى، <موسا پەيغەمبەر>نى قويچىنىڭ پىرى، <ئىدىرىس پەيغەمبەر>نى ماشىنچىنىڭ پىرى دېگەندەك ھەربىر ھۈنەرۋەن ئۆزى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەردىن بىرىنى <پىرىم> دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان ھۈنەرنى تۇنجى قېتىم شۇ <پەيغەمبەر> ياراتقانمىش، <رىسالە> شۇلار تەرىپىدىن يېزىلغانمىش. <رىسالە> دە ھەتتا ھۈنەرۋەن ئەتىگەنلىكى دۇكانغا تاھارەتسىز كىرمەسلىك، چاچ، ساقال - بۇرۇتلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئۆستۈرمەسلىك، جىڭ - تارازىدا ئادىل بولۇش، كىشى ھەققىنى يېمەسلىك، ھارامخۇرلۇق قىلماسلىق قاتارلىق رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك كونكرېت بەلگىلىمىلەر بەلگىلەنگەن. ئۇيغۇرلاردا مەيلى ھۈنەرۋەن بولسۇن - بولمىسۇن، بىرەر ئىش قىلىشتا بەزىدە قىلماقچى بولغان ئىشىى يادىغا كېلىپ ئولتۇرغان جايىدىن قوپۇشتا <ياپىر - كامىل> دېيىشى ئەنە شۇ قاراش ئاساسىدا بىرخىل ئادەت تىلغا ئايلىنىپ قالغان. روشەنكى پەيغەمبەرلەرنى <پىر> ساناش، ئىسلام دىنىغا ئەگىشىپ خەلق ئىچىگە تارالغان رىۋايەتلەر ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. ھۈنەر - كەسىپ رىسالىلىرىمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھۈنەرۋەن، تەقۋادار ئىسلام مۇرىتلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان. چۈنكى قويمىچىلىق، تۆمۈرچىلىك، تامچىلىق قاتارلىق ھۈنەر - كەسىپلەر ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلمىگەن دەۋرلەردىلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىگىلىك تارمىقىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە ئومۇملاشقان كەسىپ ئىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى
ھۈنەر - كەسىپ مۇراسىملىرى | UyghurWiki | UyghurWiki