UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرىروزى ھېيت

روزى ھېيت

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى روزى ھېيىت ئۇيغۇرلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بولۇپ، ھەر يىلى ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 10 - ئاي (شاۋۇل) نىڭ 1 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ كۈن ئەسلى ئىسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن بەش پەرزنىڭ بىرى - 30 كۈن روزا تۇتۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ ئادا قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرە كۈن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كۈننى خاتىرىلەيدىغان بولغان. ئەمما خاتىرىلەش مۇراسىمىدىكى ئورتاقلىق - كوللېكتىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ كۈننى ھەر قايسى مىللەت خەلقى ئۆزلىرىگە خاس ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلەپ ئادەتلەنگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ بايرام شۇ مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تەدرىجىي ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام تۈسىنى ئالغان. روزا ھېيتتا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ: ئالدى بىلەن ھەر بىر ئائىلىدە شەخسىيلەر بويىچە تازىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. قۇدرىتى يېتىدىغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە مەخسۇس نان - توقاچ يېقىش ، ساڭزا، پوشكال، قۇيماق، بوغۇرساق (كېينچە ھەر خىل پېچىنە، پىرەنىككە ئوخشاش تاتلىق يېمەكلىكلەر ھازىرلىنىدىغان بولدى) قاتارلىق ھېيتلىق نازۇ - نېمەتلەر ھازىرلىنىدۇ. بىر قۇردىن يېڭى ئۈستىباش تىكتۈرۈلىدۇ. ھېيىت كۈنى تەخمىنەن كۈن نەيزە بويى ئۆرلىشىگە ھيېت مۇراسىمى رەسمىي باشلىنىدۇ: ئەرلەر جنستىكى چوڭ - كىچىك ، ياش - قېرىلار مەسچىتلەرگە ياكى ۋاقىتلىق بەلگىلىك بىر مەيدانغا توپلىشىپ ئىككى رەكەت ھېيىت نامىزى ئوقۇيدۇ. ناماز ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن ئىمام كۆپچىلىككە ھېيىت نامىزىنى ئوقۇش قائىدىسىنى بىر نەچچە قېتىم ئۆگىتىدۇ، ناماز ئوقۇلۇپ بولۇش بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىپ ھېيىت پائالىيىتى باشلىنىدۇ. نامازدىن يانغان جامائەت ئالدى بىلەن <ئايەمگە مۇبارەك> دەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش بىلەن ئۆز ئارا تەبرىكلىشىدۇ. ئاندىن غېرىپ - غۇرۋالارغا پۇل سەدىقە قىلىدۇ. ئەسلى ئىسلام بەلگىلىمىسى بويىچە روزا تۇتقان ھەر بىر ئادەم ئائىلىسىدىكى جان سانىغا قاراپ بىر جانغا بىر جىڭ تۆت سەر ئۇن ياكى شۇنىڭ قىممىتىگە باراۋەر پۇل سەدىقە بېرىش شەرت. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەم ئۇنى بىردەك ئورۇنداپ بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن پۇل سەدىقە قىلىش ئادەت قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن قەبرىستانلىققا چىقىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ توپا بېشىنى يوقلاپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ قايتىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن ھەممە ئۆيلىرىگە قايتىپ بالا - چاقىلىرى بىلەن ھېيتنى مۇبارەكلىشىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا توپا بېشىدىن يانغاندىن كېيىن چوڭلارنىڭ ئۆيىنى ھېيتلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قولۇم - قوشنا، ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىنىلەر ئۆز ئارا ھېيتلىشىدۇ. روزا ھېيتقا ئادەتتە ھەر بىر ئۆيدە نان - توقاچ، ساڭزا، پوشكال، قۇيماق، بۇغۇرساق، ھەر خىل پېچىنە - پىرەنىك، تاتلىق - تۈرۈم، مېۋە - چېۋە قاتارلىق نازۇ - نېمەتلەرگە داستىخان ھازىرلىنىدۇ. ھېيىتلىغۇچىلار شۇ نازۇ - نېمەتلەرگە ئېغىز تەگكۈزۈپ، بىرەر پىيالىدىن چاي ئىچىپ، رەھمەت ئېيتىپ چىقىشىدۇ. غىزا - تاماق قويۇلمايدۇ. ئەمما ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىلىنىلىرى كەچ تەرەپتە نۆۋەت بىلەن بىر - بىرىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ ئايرىم ئولتۇرۇش قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. ھېيتلاش مەركەزلىك ھالدا بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچى، ئىككىنچى كۈنى ئاساسەن ئەرلەر ھېيتلىشىدۇ، ئاياللار ئۈچىنچى كۈنىدىن باشلاپ ھېيىتلىشىدۇ. ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىنىلەر، ئاياللار ئۈچ كۈندىن ھېيت ئىچىدە ھېيىتلىشىپ بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈچ كۈندىن باشقا ھەر كۈنى ئەتىسى - ئاخشىمىدا ھېيتلاش پائالىيىتى بولۇپ تۇرىدۇ. دېمەك ھېيتلاش ھېيت ئېيى چىقىپ كەتكۈچە داۋاملىشىدۇ. ھېيتلاپ كەلگۈچىلەر، بولۇپمۇ ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىنىلەر شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىلارغا ھېيتلىق بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى
روزى ھېيت | UyghurWiki | UyghurWiki