دەپنە مۇراسىمى
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى
ئۆلۈم - ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى يەنى ياشاش باسقۇچىنىڭ تاماملانغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۆلۈمنى ئىنسان ھاياتىدىكى ئىزىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئەڭ زور يوقىتىش، ئەڭ قايغۇ ھەسرەتلىك ۋەقە سۈپىتىدە قاراپ ئاخىرقى قېتىم ئۆلگۈچىنىڭ ئىنسانلىق ئىززەت - ئابرويىنى، ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ جۇدالاشقانلىقىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىشنى ئادەت قىلغان. بۇ ھەممە مىللەتكە ئورتاق ئادەت. ئۇيغۇرلاردا دەپنە مۇراسىم خەلق ئىچىدە <ئۇزىتىش> دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇرلاردىمۇ باشقا بەزى مىللەتلەرگە ئۇخشاش <ئادەم ئۆلسىمۇ روھى ئۆلمەيدۇ، ئادەم ئۆلگەندە ئۇنىڭ روھى تېنىدىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كېىتىدۇ> دېگەندەك قاراش بولغاچ دەپنە مۇراسىمى داغدۇغىلىق، جىددىي ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ مۇھىم تارىخىي ھۈججەتلىرىدىن بولغان <ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى> قاتارلىق خەنزۇچە تارىخىي ھۈججەتلىرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋردە مۇسىبەت بولغاندا، ھازىدارلارنىڭ چېكىسىنى پىچاقتا جىراپ قان ئاققۇزۇپ، مېيىت ياتقۇزۇلغان چېدىرنى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ ئاھ ئۇرۇپ يىغا - زارە قىلىدىغانلىقلىرى، ئات - كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ نەزىر - چىراغ قىلىدىغانلىقلىرى ۋە مېيىتنى يەرلىك (گۆر) كولاپ كىيمى بىلەن يەرگە كۆمىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى مىللىي ئادىتى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مېيىتنى بىر تەرەپ قىلىش، دەپنە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلامىيەت قائىدىسىمۇ تەدرىجىي مىللىي ئادەت تۈسىنى ئالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى تۆۋەندىكى جەريان - رەسمىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1 ھازا ئېچىش: ھازا ئېچىش يەنى يىغا - زارە قىلىش ئۇيغۇرلاردا مۇسىبەت بولغانلىقىنىڭ بىرىنچى بەلگىسى، ئۇيغۇرلار بىر ئائىلىدە بىر كىشى ۋاپات بولغان ھامان ۋە شۇ ئائىلە ئەزالىرىدىن غەيرىي جايدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەن ھامان پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى جۇدالىق ھەسىرىتىدە يىغا - زارە قىلىشىدۇ. يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىش بىلەن قۇلۇم - قۇشنىلار پەتىگە كىرىدۇ. يىغلاش مېيىتنى دەپنە قىلىشقا ئېلىپ ماڭغاندا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. قۇلۇم - قوشنىلار، يارۇ - بۇرادەرلەر ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەندە ۋە مېيىتنى ئېلىپ مېڭىش ئالدىدا ھازىدارلار قوشاق قوشۇپ يىغلايدۇ.
2) خەۋەر قىلىش: ئۆلگۈچى جان ئۈزۈش بىلەن تەڭ يىراق - يېقىندىكى ئۇرۇق - تۇغقان، يارۇ - بۇرادەرلەرگە خەۋەر قىلىنىدۇ. خەۋەر قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن مۇنۇ رەسمىيەتلەر ئورۇندىلىدۇ:
ئۆلگۈچىنىڭ پۇت - قولى تۈز قىلىنىپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ، ئاق ماتا (ھازىر ئاق خەسە) بىلەن ئېڭىكى تېڭىلىپ، كۆزى، ئاغزى يۇمدۇرۇلۇپ، ئۈستىگە ئاق رەخ يېپىپ قويۇلىدۇ. بۇ رەسمىيەتلەر ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۇرۇق - تۇغقان يارۇ - بۇرادەرلەرگە خەۋەر بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۆلگۈچى يېرىم كېچىدە جان ئۈزگەن بولسا، كېچىسى كېچە دېمەي ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر بېرىلىدۇ. قولۇم - قوشنىلار يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن (كېچە بولسا كېچىدە) ئارقا - ئارقىدىن پەتە قىلىپ كىرىپ ھازىدارلارغا تەسەللىي بېرىدۇ. بەزىلەر بولۇپمۇ، ئەرلەر ھازىدارلارغا ھەمراھ بولۇپ ئۆلگۈچىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردەملىشىدۇ. ئادەتتە مېيىت ئۆيدە ئۇزۇن تۇرغۇزۇلماي مۇمكىنقەدەر تېز دەپنە قىلىنىدۇ. ئەگەر بولسا، ئىككىنچى كۈنى سەھەر جامائەت ناماز بامداتتىن يېنىشىغا نامىزى چۈشۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئەتىگەندە جان ئۈزگەن بولسا، پېشىن نامىزىدىن كېيىن دەپنە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئاشۇ ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا ئۆلگۈچىنىڭ يىراق - يېقىندىكى مۇھىم ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمىسە بىر كۈن، ئايرىم جايلاردا ئىككى كۈن ساقلاپ قىلىنىدۇ.
3(سۇغا ئېلىش: ئۆلگۈچى جان ئۈزگەندىن كېيىن دەپنە قىلىشتىن بۇرۇن پاكىز سۇدا ئۈچ قېتىم يۇيۇلىدۇ. بۇ سۇغا ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. سۇغا ئېلىشقا ئادەتتە مەھللىدىكى ئۆزىنى توختاتقان تەجرىبىلىك بىر - ئىككى ئادەم ياكى مەھەللىنىڭ مەزىنى تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۆلگۈچى ئايال بولسا، ياشانغان ئاياللار ياكى بۈۋىلەر تەكلىپ قىلىنىدۇ. مېيىتنى سۇغا ئېلىشتا ئۆلگۈچىنىڭ مويىسپىت تۇغقانلىرىدىن بىرەرى ھازىر بولىدۇ. سۇغا ئېلىش ئالدىدا مېيىت ئوڭدا ۋە دۈم قىلىنىپ تەكشۈرۈلىدۇ. بەدەندىكى مويلار تازىلىنىدۇ. مېيىتنى يۇيۇشتا سوپۇنلاشقا توغرا كەلسە ئىلاجى بار يەرلىك سوپۇن ئىشلىتىلىدۇ. مېيىتنى سۇغا ئېلىشقا ھازىرلىق كۆرۈش بىلەن تەڭ بارلىق چوڭ - كىچىك ھازىدارلارنىڭ ھەممىسى بىلىگە ئاق باغلايدۇ. ئاياللار بىلىگە ئاق باغلىغاندىن تاشقىرى بېشىغا ئاق چاسا داكا ياغلىق سالىدۇ. ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ئۇرۇق - تۇغقان، يارۇ - بۇرادەر ۋە قولۇم - قوشنىلارنىڭ چوڭلىرىغىمۇ ئاق باغلايدۇ. ئاياللارغىمۇ ئاق باغلاپ ئاق ياغلىق سېلىپ قويىدۇ. ئاساسلىق ھازىدار ئاياللار يەتتە نەزىر بېرىلگۈچە ئاق كۆڭلەك كېيىدۇ. مېيىت سۇغا ئېلىنغاندىن كېيىن كېپەنلىنىپ يېڭى ئاق كېگىزگە ئوراپ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ تاۋۇتقا سېلىنىدۇ. كېپەنلىك ئادەتتە ئاق ماتا )ھازىر خەسە ياكى ئاق رەخت( دا قىلىنىدۇ. يىڭنە بىلەن تىكىلمەي كېپەنلىك ماتا )رەخ(نىڭ ئۆزىدىن يىپ چىقىرىپ، يۆمەپ چىگىپ قويۇلىدۇ.
ئەرلەر ئۈچ قات، ئاياللار بەش قات كېپەنلىنىدۇ. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدا مېيىتنى دەپنە قىلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈم پەتىسى قىلىپ كەلگەن ئەر - ئايالنىڭ ھەممىسىگە بىلىگە باغلاش، بېشىغا )ئاياللارغا( ئارتىش ئۈچۈن ئاق تارقىتىلىدۇ. بۇ ئەسلى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بولۇپ، ئۇ ئادەت ھازىر قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن قەبىلىداش بولغان، ئالتاي ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان توۋالاردىمۇ بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا ئۆلگۈچى ياشانغان پىشقەدەم ئادەم بولسا، ئۇنىڭ سۈيىگە كىرگۈچىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى يۇيۇشقا قول بارماقلىرىغا لاتا قاپچۇق سېلىپ يۇيىدۇ. بۇ قاپچۇقلارنى ئۆلگۈچىنىڭ بالا - چاقا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تۇمار قىلىپ ساقلاشنى، كۆزى ئاغرىپ قالغاندا ئۇنى كۆزگە سۈرۈشنى ئادەت قىلغان.
4) ناماز چۈشۈرۈش: مېيىت تاۋۇتقا سېلىنىپ ئېلىپ مېڭىلىشنىڭ ئالدىدا ئۆلگۈچىنىڭ بالا - چاقىلىرى ئۆلگۈچى بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ئاندىن تاۋۇت شۇ ئەتراپتىكى مەسچىتكە (ئەگەر ئۆلگۈچى يۇرت ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم بولغان تەقدىردە شۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتكە ياكى ئېتىزلىقتىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە) ئېلىپ بېرىلىدۇ، ناماز چۈشۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئورۇندىيالمىغان شەرىئەت مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ھېسابىغا ئىسقات بېرىلىدۇ. ئەرلەر ئىسقاتى ئۈچۈن پۇل، سەرەڭگە، نان؛ ئاياللار ئۈچۈن يىپ - يىڭنە، تارغاق، يېلىم قاتارلىق نەرسىلەر تارقىتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى نام - ئەھۋالى قىسقىچە تەرىپلىنىدۇ ۋە ئۆلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ۋەكىلى جامائەتتىن ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغان ئۆتنە - يېرىم، قەرىز - مۇئامىلىسى بار - يوقلۇقىنى سوراپ، بار بولغان تەقدىردە ئۆزلىرىنىڭ ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەزى جايلاردا بۇ ئۈچ خىل رەسمىيەت توپا بېشىدا ئورۇندىلىدۇ. ئىستىقات تارقىتىش ئۇسۇلى جايلاردا ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تاۋۇت ھويلىدا ياكى كەڭرەك جايغا توختىتىلىپ مېيىتنى ئىگىسى، توغقانلىرى ھاسا تۇتقان ھالدا تاۋۇتنى ئايلىنىپ ياكى تاۋۇت بېشىدا تۇرۇپ يىغا - زارە قىلىشىدۇ ۋە بېشىغا ئۇزۇن ئارغامچا باغلانغان بىر ئات ياكى ئۇي يېتلەپ كېلىنىپ، ئارغامچىنىڭ ئۇچى ئۆلۈم ئۇزاتقىلى كەلگەنلەردىن 41 كىشىگە نۆۋەت بىلەن تۇتقۇزۇلىدۇ. ئاندىن ئات (ئۇي) نى باھاغا سۇندۇرۇپ تەخمىنەن شۇ باھا بېشىغا چىققانلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن نان، نان يىمىگەنلەرگە بىر نان قىممىتىدە سەرەڭگە تارقىتىلىدۇ. قۇمۇل رايونىدا بىر سىقىمدىن پۇرچاق ياكى چىلان، كىشمىش تارقىتىلىدۇ. توپا بېشىدىن يانغاندا ئۆلگۈچىنىڭ سۈيىگە كىرگەنلەر بىلەن توپا بېشىدىن ھازىدارلارغا تەسەللىي بەرگىلى كەلگەنلەرگە ئاش تارتىلىدۇ. بۇ <شەرەت ئېشى> دەپ ئاتىلىدۇ. مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە ئېلىپ ماڭغاندا ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىغا قاراپ تاۋۇت ئۈستىگە يېپەك گىلەم ياكى يۇڭ ئەدىيال ياكى پاكىز، كۆركەم يىپ ئەدىيال يېپىپ تۆت ئادەم كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. ئەركەكلەر ۋە بالاغەتكە تەتمىگەن قىز ھازىردارلار تاۋۇت ئالدىدا <ۋاي دادام (ئانام)، ۋاي قېرىندىشىم> دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ ماڭىدۇ. جامائەت ئىچىدىن ھەر ئۈچ - تۆت مىنوتتا ئۆزلىكىدىن تۆت ئادەم چىقىپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆتىدۇ. بۇنىڭدا ساۋابلىق ئىزدەش مەقسەت قىلىنغان. ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن تاۋۇت قەبرىستانلىققا ئېلىپ چىقىلىدۇ. (ھازىر شەھەر رايونلاردا ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ چىقىدىغان بولدى) ئادەتتە نامازغا قاتناشقان جامائەتنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەبرىستانلىققا چىقىدۇ.
لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغا قەدەر ئۆزگىچە ناماز چۈشۈرۈش ئادىتى داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، ناماز چۈشۈرۈشتە ئوقۇلىدىغان مەخسۇس ئايەت ئوقۇلماي مۇنداق بېيىت ئوقۇلاتتى:
ئوڭ قۇلاقىڭغا بەردىم سالاتۇقامەت،
مۇرۇڭغا (بۇرنۇڭغا) بەردىم نۇشىئى تاھارەت.
بىزمۇ بىللە بارالى(بارايلى) دەۋىدۇق(دېۋىدۇق).
ئۈزۈڭ ئالدىراپ كېتىپ ماڭدىڭ،
بىز بارغۇچە خۇداغا ئامانەت، ئاغام - دوغام! ئاغام - دوغام!
بۇ بېيىت ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مېيىتنىڭ ئوڭ قۇلىقىنى ئىككى قېتىم سوزۇپ قويۇپ ئاندىن دەپنە قىلىناتتى. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى قەبرىنى <ئاگاي>، قەبرىستانلىقنى <ئاگايلىق>، يەككە قەبرىنى <ماقات> دەيدۇ.
قۇمۇل رايونىدا تاۋۇتقا يېپىلغان يوپۇق ئۈستىگە ئۆلگۈچى ئەركىشى بولسا دەستا، ئايال بولسا قۇمۇل ئاياللىرى كىيىدىغان ئەنئەنىۋى دوپپا (توپىىكى موگۇسىمان يۇمىلاق، پىلتە بېرىپ قاتۇرۇلغان، ئۈستى كالۋۇتۇن بىلەن تورمۇزلىنى، رەڭدار سەدەپ دانچىلىرى قوندۇرۇلغان، جۇلالىنىپ تۇرىدۇ) قويۇپ ئېلىپ مېڭىلىدۇ.
6( دەپنە قىلىش: تاۋۇت قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئالدىن كولاپ قويۇلغان يەرلىككە دەپنە قىلىندۇ. يەرلىك تاشقى يەرلىك، ئىچكى يەرلىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. تاشقى يەرلىك تەخمىنەن ئىككى مېتىر ئۇزۇن، بىر مېتىر كەڭ، ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتا چاسا كولىنىدۇ. ئىچكى يەرلىك ئۇنىڭ يان تەرىپىدىن مېيىت ئازادە پاتقۇدەك كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇقتا لەختە شەكلىدە كولىنىدۇ.
مېيىت ئىچىدىكى يەرلىككە قويۇلىدۇ. مېيىت يەرلىككە قويۇلۇشتا يۈزى قىبلىگە )غەربىي جەنۇبقا(، پۇتى شەرققە قارىتىپ قويۇلىدۇ. توپىسى قۇمساڭ كەلگەن جايلاردا يەرلىك مەلۇم چوڭقۇرلۇق، كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇقتا كولىنىپ، كېسەك بىلەن كېمىرىپ قەبرە ياسىلىپ، بىر بېشى ئۇچۇق قويۇلۇش بىلەن مېيىت شۇ يەردىن ئېلىپ كىرىلىدۇ. قەشقەر قاتارلىق جايلاردا شامگۆر دېيىلىدىغان بىر خىل گۆر شەكلى بولۇپ، مەلۇم چوڭقۇرلۇقتا تىك كولىنىپ، ئايلاندۇرۇپ، قاتارى بىر نەچچە ئىچكى يەرلىك قىزىلىدۇ. ئىچكى يەرلىككە ئۇيۇق - تەكچىلەر چىقىرىلىدۇ. شامگۆر بىر جەمەت ئائىلە ئاساسىدا ھازىرلىنىدىغان بولۇپ، شۇ جەمەتتىن ۋاپات بولغانلار شۇنىڭغا قويۇلىدۇ. ئەگەر كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىچكى يەرلىك يېتىشمەي قالسا، بۇرۇن قويۇلغان جەسەتلەرنىڭ سۆڭەكلىرىنى يىغىپ ئۇيۇق - تەكچىلەرگە ئېلىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى جەسەت قويۇلىدۇ. مېيىت يەرلىككە قويۇلغاندىن كېيىن توپا بېشىدىكى پېشقەدەملەردىن بىرى مۈچەل ھېسابى بويىچە ئۆلگۈچىنىڭ يىلىنى سورايدۇ. يېشى چوڭ تۇغقانلىرىنىڭ بەرگەن جاۋابى بويىچە مەرھۇمنىڭ قانچىنچى يىلى دۇنياغا كېلىپ قانچە يېشىدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئاندىن ئىچكى يەرلىكنىڭ ئاغزى ئېتىلىپ، ئۆلگۈچىنىڭ جەمەتلىرىدىن بىرى گۆرگە يەتتە كەتمەن توپا تاشلايدۇ. ئارقىدىنلا توپا بېشىدا ئولتۇرغان جامائەت ئىچىدىن ئىمام ياكى قارى قۇرئان تالاۋەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا جامائەت ھەممىسى بىر سىقىمدىن توپا ياكى يەتتە تال تاش ئېلىپ ئايەت ئوقۇلۇپ بولۇشىغا ئۇنىڭغا سۇپكەشلەپ، ئۇنى يىغقىلى كەلگەن ئادەمنىڭ ئېتىكىگە سېلىپ بېرىدۇ. ئۇ ئادەم ئۇنى گۆرگە تاشلايدۇ. بۇنىڭدا ئۆلگۈچىنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا بولۇشىنى تىلەش مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، يەرلىك ئۈستىگە توپا دۆۋىلەپ، توقۇز دانە تاش قويۇپ، جامائەت قايتىدۇ. پۈتۈن دەپنە مۇراسىم شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
جايلاردا يەرلىكنى كۆمۈش ئۇسۇلى ھەر خىل. بەزى جايلاردا يەرلىك ئۈستىگە توپا دۆۋىلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەك ياكى تاش باسۇرۇپ بەلگە قىلىپ قويسا، بەزى جايلاردا توپا دۆۋىسىنىڭ بېشىغا ياغاچ قاداپ ئۆلگۈچىگە بېرىلگەن نەزىرىدە سويۇلغان قوشقار بېشىنى ئېسىپ قويىدۇ. ئاياللارنىڭ توپا بېشىغا بولسا، ئۈچ بورجەك لاتا پارچىلىرى ئېسىپ قويۇلىدۇ. بەزى جايلاردا كېسەكتە سۇپا شەكلىدە ياكى يۇمىلاق ياكى يۇمىلاق كۆپتۈرمە شەكلىدە ئۇزۇنچاق قەبرە قاتۇرۇلىدۇ. بەزى جايلاردا ھەر خىل تىپتا مەخسۇس گۈمبەز ياسىلىدۇ. يېقىنقى دەۋرلەردىن بۇيان خاتىرە تاش ياكى تاختاي تىكلەش ئادىتى ئومۇملىشىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلاردا قەبرىستانلىق مەھەللە سىرتىدىكى قاتناش يول بويلىرىغا يېقىن، قۇرغان، ئېگىز جايلارغا قىلىنىدۇ. ئۆينىڭ ئالدى - كەينىگە، ئېتىز بېشىغا قەبرە قىلىنمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا قەبرىستانلىق بار يەردىن ئۆتكەندە )ئۇلاغتىن چۈشۈپ ياكى ئۇلاغنى توختىتىپ تۇرۇپ( توختاپ، ياتقانلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ ئۆتۈش ئادەت قىلىنغان.
مەن ئۆلەرمەن، مەن ئۆلەرمەن،
يولدا قويماڭلار مېنى،
يولدا قويساڭلارمۇ قويۇڭلار،
چۆلدە قويماڭلار مېنى،
دېگەن بۇ قوشاق ئەنە شۇ ئادەت ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەپنە مۇراسىمى نورمال ۋە بىر ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە ھەر خىل ۋەقەلەر تۈپەيلى يۈز بەرگەن ھادىسلىرىدىكى ئادەت - قائىدىلەردىن ئىبارەت. ئەگەر ئۆلگۈچى مۇساپىر، ئىگە - چاقىسىز بولغان تەقدىردە شۇ جايدىكى مەسچىت جامائىتى ئۇنىڭ جەسىتىنى سۇغا ئېلىش، كېپەنلەش، نامىزىنى چۈشۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى ئورۇنداپ خالىس ەپنە قىلىپ قويىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم - يېتىمگە مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ئادەتلەرمۇ مەۋجۇت:
① ۋەسىيەت قىلىش: ئۆلگۈچى ئائىلە باشلىقى بولۇپ، ئادەتتە كېسەل بولۇپ، ساقىيىش ئۈمىدى بولمىغان تەقدىردە يىراق - يېقىندىكى بىۋاستە تۇغقانلىرىنى جەم قىلىپ رازىلىشىپ، ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئارزۇ - ئۈمىدلىرى ۋە مال - مۈلۈك ۋارىسلىقى توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلىدۇ. مال - مۈلۈك ۋارىسلىقى توغرىسىدىكى ۋەسىيەتنامىگە شاھىتلىق ئۈچۈن جامائەت مۆتىۋەرلىرىدىن بىر - ئىككىسى قول قويىدۇ. ياقا يۇرتتا قازا يېتىپ تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بالا - چاقىلىرى ئىلاجى بار ئۇنىڭ جەسىتىنى ياكى سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز يۇرتىدا قايتا دەپنە قىلىدۇ، شۇنىدەك كېسەل بىلەن ياقا يۇرتتا ياكى دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ ساقىيىش ئۈمىدى بولمىغاندا ئۆز يۇرتىغا ياكى ئۆيىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىشتەك ئادەتمۇ بار، بولۇپمۇ ياشانغانلار دوختۇرخانىدا جان ئۈزۈشنى خالىمايدۇ.
② دېمىدە ئىچكۈزۈش: ئۆلگۈچى ساكىرات ھالىتىگە چۈشۈپ قالغاندا جان ئۈزگۈچە ئۇنىڭ ئاغزىغا دېمىدە سۈيى )ئايەت ئوقۇپ سۈپكەش قىلىنغان سۇ( تېمىتىلىپ تۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدا ئۇنىڭ قىينالماي جان ئۈزۈشنى تىلەش مەقسەت قىلىنغان.
③ قۇرئان تالاۋەت قىلىش: مېيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن شۇ ئاخشىمى ياكى ئۇدا ئۈچ ئاخشام توپا بېشىدا، بەزى ئائىلىلەردە مېيىت ياتقۇزۇلغان ئۆيدە ئۈچ كۈن ئەتىگەندە قۇرئان تالاۋەت قىلدۇرۇلىدۇ، بەزى جايلاردا ھەتتا قىرىق كۈنگىچە تاشقى يەرلىك ئىچىدە ئولتۇرۇپ قۇرئان تالاۋەت قىلىنىپ، ئاندىن گۆر ئاغزى ئېتىلىپ، توپا دۆۋىلەپ قەبرە شەكلى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بۇنداق ئىككى خىل قۇرئان تالاۋەت قىلىنشتا، ئۆلگۈچىنى يالغۇز تاشلىماسلىق، ئۇنىڭغا ساۋابلىق ۋە جەننەت ئاتا قىلىنىشنى تىلەش مەقسەت قىلىنغان. شۇنىڭدەك مېيىتنى سۇغا ئېلىپ دەپنە قىلغۇچىلىك ئارىلىقتا مېيىت ياتقۇزۇلغان ئۆيگە مۈشۈك كىرىپ قېلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىدىغان ئادەتمۇ بار. بۇ ئادەت مۈشۈكنىڭ ئاساسە قاراڭغۇ تۈندە ھەرىكەتلىنىدىغىنىغا قاراپ، ئۇ قاراڭغۇلۇقنى خالايدۇ، ئەگەر مۈشۈك مېيىتنى ئاتلاپ ئۆتسە پېشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ دېگەن قاراش ئاساسىدا شەكىللەنگەن.
④ چىراغ ياندۇرۇش: ئۆلگۈچى ئائىلە باشلىقلىرىدىن بولغان تەقدىردە ئۇ دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، ئادەتتە مېيىت ياتقۇزۇلغان ئۆيدە شۇ كېچىدىن باشلاپ ئۈچ كېچە، بەزى ئائىلىلەردە بولسا، يەتتە كېچە تاڭ ئاتقۇچە چىراغ ياندۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدا ۋارىسلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئۆينى يورۇتۇپ كەلگەن چىراغقا سىموۋول قىلىپ ئۇنى ئەسلەش، ئۇنىڭ روھىدىن مەدەت تىلەش مەقسەت قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھازىردارلار ھازا قوشاقلىرىدا <چىرىغىڭنى ئۆچۈرمەيمىز دادا)ئانا(> دەپ يىغلايدۇ.
⑤ توپا بېشىنى يوقلاش: ئۇيغۇرلاردا ئادەتتە ئۆلگۈچى دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن ئۈچ نەزىرگە قەدەر ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى توپا بېشىغا چىقىپ قۇرئان تالاۋەت قىلىپ كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئاتا - ئانىسى ۋە ياشانغان بىۋاستە قېرىنداشلىرى ۋاپات بولغاندا بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. يەتتىسى، قىرقى، يىل نەزىرى بېرىلىدىغان كۈنلىرى بالاغەتكە يەتمىگەنلەردىن باشقا ئەر ھازىردارلارنىڭ چوقۇم توپا بېشىغا چىقىپ قۇرئان تالاۋەت قىلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر ئازنا - پەيشەنبە، ھېيىت - ئايەم كۈنلىرى توپا بېشىغا چىقىپ قۇرئان تالاۋەت قىلىپ، قەبرىگە بىرەر سىقىم بۇغداي ياكى قوناق چېچىپ قويۇپ قايتىپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇ <توپا بېشى ياكى تۇپرا بېشىنى يۇقلاش> دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدا مەرھۇمنىڭ روھىغا سېغىنىش، روھىدىن مەدەت تىلەش مەقسەت قىلىنغان. شۇنىڭدەك بەزىلەر سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، مۈشكۈل ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە ۋە شۇ مەرھۇملار چۈشىگە كىرىپ قالغان كۈنلەردە يەنە شۇنداق مەقسەتكە مەخسۇس ياغ پۇرۇتۇپ توپا بېشىنى يۇقلايدۇ، سەدىقە بېرىدۇ.
⑥ ئىسسىقلىق بېرىش: ئۇيغۇرلار مۇسىبەت بولغان ئائىلە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەنئەنىگە ئىگە. مەلۇم بىر ئائىلىدە مۇسىبەت بولغان ھامان يۇرت - مەھەللە جامائىتى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ تەزىيە بىلدۈرۈپ تەسەللىي بېرىدۇ. بولۇپمۇ قۇلۇم - قوشنىلار كېچە كۈندۈز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھازىدارلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېتىشەلمىگەن ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدۇ. قويۇق - سۇيۇق غىزا قىلىپ ئەكىرىپ ئۇلارغا ئىسسىق ئىچۈر ىدۇ. يەنە تونۇش - بىلىش، يارۇ - بۇرادەرلەرنىڭ ئائىلىىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا غىزا تاماق قىلىپ ئۆلۈم پەتىسى قىلىپ كېلىدۇ. مۇسىبەت بولغان ئائىلىدە ئادەتتە ئۈچ كۈنگىچە غىزا - تاماق ئېتىلمەيدۇ. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇسىبەت كۈنلىرى پەتىگە كېلەلمىگەن، ئىسسىقلىق بېرەلمىگەنلەر كېيىن ئايرىم كېلىدۇ.
⑦ قارىلىق تۇتۇش: ئۇيغۇرلاردا ئۆلگۈچى ئۈچۈن قارىلىق تۇتۇش ئادىتى بولۇپ، قارىلىق تۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئۆلگۈچىنىڭ مەرتىۋىسىگە قاراپ بولىدۇ. ئائىلە باشلىقى ۋاپات بولسا، ئادەتتە قىرىق كۈن، بەزىلەر ھەتتا ۋاپات بولغۇچىنىڭ يىلى توشقۇچە قارىلىق تۇتۇپ ئويۇن - تاماشا، توي - تۆكۈنلەرگە بارمايدۇ. ئادەتتىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن ۋاپات بولغۇچىلار ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە قارىلىق تۇتىدۇ. قارىلىق تۇتۇشنىڭ شەكلى ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ:
① ئەرلەر ئاق باغلايدۇ. ئاياللار ئاق باغلىغاندىن تاشقىرى بېشىغا ئاق ياغلىق سالىدۇ، ئىلاجى بار ئاق كۆڭلەك كىيىدۇ، بۇ شەكىلىدىكى قارىلىق تۇتۇش ئادەتتە ئۆلگۈچىنىڭ يەتتە نەزىرى بېرىلىپ بولغۇچە داۋاملىشىدۇ. يەتتە نەزىر ئاياغلاشقاندا قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلىرى ئەرلەرنىڭ بېلىدىكى، ئاياللارنىڭ بېشى، بېلىدىكى ئاقنى ئېلىپ تاشلايدۇ.
② ئۆلگۈچىنىڭ قىرقى نەزىرى بېرىلىپ بولغۇچە ئادەتتە ئەر ھازىدارلار چاچ، ساقال - بۇرۇتىنى ئالدۇرمايدۇ. ئاياللار چېچىنى يۇيۇپ تارىمايدۇ. ئەر - ئايال ھازىدارلار )نارەسىدىلەر بۇنىڭ سىرتىدا( ئويۇن - كۈلكىدىن قاتتىق ساقلىنىدۇ. توي - تۆكۈنگە بارمايدۇ. بەزىلەر ھەتتا ئۆلگۈچىنىڭ يىل نەزىرى ئۆتكۈزۈلمىگۈچە ئويۇن - تاماشادىن، توي - تۆكۈنگە بېرىشتىن ساقلىنىدۇ. ئەمما توي - تۆكۈننىڭ ئادەمگەرچىلىك رەسمىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئايرىم ئادا قىلىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ قىرقى نەزىرى بېرىلىپ بولغان كۈنى ئاساسلىق ھازىدارلار ۋە بىۋاستە ئۇرۇق - تۇغقانلار ئۆز ئارا بىرەر كىيىملىكتىن رەخت تۇتۇشۇپ بىر - بىرىنىڭ قارىسىنى سۇندۇرىدۇ. بەزى يېقىن ئۆتىدىغان دوست - ئاغىلىنىلەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قارىلىق تۇتۇش مۇددىتى ئاخىرلىشىپ، ئەرلەر چاچ، ساقال - بۇرۇتلىرىنى ئالدۇرىدۇ. ئاياللار چاچلىرىنى يۇيۇپ - تاراپ ئادەتتىكىدەك كىيىنىپ يۈرىدۇ.
نەزىر - چىراغ قىلىش ئادىتى: ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نەزىر قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئادەت ئەنئەنىسى بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بۇ ئادەت ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ تاھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئۆلگۈچى ئۈچۈن <ئۈچ نەزىرى>، <يەتتە نەزىرى>، <قىرقى نەزىرى>، <يىل نەزىرى> دەپ تۆت قېتىم نەزىر بېرىلىدۇ. خەنزۇچە تارىخىي ھۈججەتلەردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئادەم ئۆلگەندە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئات - كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ نەزىر - چىراغ قىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، تەپسىلاتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما، تارىختا ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدە بولغان، ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان تۇۋارلاردا ئۆلگۈچىنىڭ يىگىرمە نەزىرى، يۈز نەزىرى بېرىلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تۆت قېتىم نەزىر - چىراغ قىلىنىدۇ. ۋەھالەنكى خوتەن، قەشقەر، قۇمۇل، بۈگۈر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇۋالارغا ئوخشاش ئۆلگۈچىنىڭ يىگىرمە كۈنلۈكىنى ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە خاتىرىلەش ئادىتى مەۋجۇت. شۇنىڭدەك قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدا ئۆلگۈچىنىڭ يىل نەزىرىدىن كېيىن ئۈچ - تۆت يىلغىچە ھەر يىلى )ئاساسەن ياشانغانلار ئۈچۈن( شۇ كۈنى ئاددىي خاتىرە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئادەتلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈش ئادىتىنى ئىسلامىيەتنىڭ خەتمىقۇرئان قىلىش قاتارلىق قىسمەن قائىدىلىرى قاتارىدا ئىسلامىيەت شارائىتىغا ماسلىشىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قەدىمكى ئادەت ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ھازىر ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىر - چىراغنىڭ تەرتىپى ۋە مەزمۇنى:
ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۈچىنچى كۈنى ئۆلگۈچىنىڭ بالا - چاقىلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى يىغىلىپ بىر نەچچە قوشنا، مەھەللە مەسچىتنىڭ ئىمام ياكى مەزىنى، ئۆلگۈچىنىڭ سۈيىگە كىرگەنلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا پوشكال - قۇيماق، نان ۋە سۇيۇق - سىلەڭ تاماق ھازىرلاپ نەزىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. تاماقنىڭ ئالدىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىدۇ. قۇرئان تالاۋەت تۈگەپ، تاماق تارتىلىپ داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن ئۆلگۈچىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ بىر قىسمى )يۇيۇپ پاكىزلاپ( ئۆلگۈچىنىڭ سۈيىگە كىرگۈچىلەرگە ۋە مەزىن ئاخۇن، غېرىپ - غۇرۋالارغا بېرىلىدۇ. بىر قىسمى تەۋەرۈك قىلىپ ساقلاش ئۈچۈن ئۆلگۈچىنىڭ بەزى ۋارىسلىرى ۋە قولى قىسقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا بېرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن نەزىر ئاخىرلىشىدۇ. يۇقىرى رەسمىيەت بەزى ئائىلىلەردە ئۆلگۈچىنىڭ يەتتە كۈن بولغاندا ئۇنىڭ ۋارىسلىرى مەخسۇس تەييارلىق كۆرۈپ يۇرت - مەھەللە جامائىتىنى تەكلىپ قىلىپ بىر قەدەر چوڭ دائىرىدە نەزىر ئۆتكۈزىدۇ. يەتتە نەزىردە ھەر ئائىلە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ پوشكال، قۇيماق ۋە مەزە ھازىرلىغاندىن تاشقىرى بىر ياكى ئىككى قوي ئۆلتۈرىدۇ. بەزىلەر بىرەر كالا ئۆلتۈرىدۇ. نەزىرگە ئەر، ئايال بىردەك تەكلىپ قىلىنىدۇ. نەزىرگە كەلگۈچىلەر ئادەتتە بەش ناننى داستىخان قىلىپ كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. داستىخاننى ئاياللار كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئۆلۈم پەتىسى قىلالمىغان، ئىسسىقلىق بېرەلمىگەنلەر ئايرىم تاماق ئېتىپ داستىخان قىلىپ كېلىدۇ. مېھمانلار ئۇزاپ ماڭغاندا داستىخان قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ داستىخنىغا ئىككىدىن نان يۆگەپ بېرىلىدۇ. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا نەزىر سوۋغىسىغا نان كۆتۈرۈپ كېلىنەتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا نان ئۈستىگە بىر كىيىملىك ياكى بىر مېتىردىن بىر يېرىم مېتىرغىچە رەخت، بىرەر تاختا چاي، بىر - ئىككى بولاق قەنت سېلىپ كېلىدىغان بولدى. ھازىر يەنە تەدىرىجىي بۇرۇنقى ئادەت ئەسلىگە كەلمەكتە. ئۆلگۈچىنىڭ قىرقى نەزىرىمۇ ئاساسەن يەتتە نەزىرى كۆلىمىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىرقى نەزىرى بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن يۇقىردا بايان قىلىنغاندەك ھازىدارلارنىڭ قارىلىقىنى سۇندۇرۇش رەسمىيىتى ئورۇندىلىدۇ. يىل نەزىرى بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىرقى ۋە يىل نەزىرىدىمۇ يەتتە نەزىرىگە ئوخشاش مېھمانلار ئۆز لايىقىدا داستىخان قىلىپ كېلىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ ئۈچ نەزىرىدىن باشقا نەزىرلىرى ئايرىم شەھەر، رايونلاردا چۈش ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئادەتتە ھەممە يەردە ئەتىگەن تەرەپتە ئۆتكۈزۈلىدۇ. نەزىردىن خەۋەر تاپقانلىكى ئادەم نەزىرگە كېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان يېتىم - يېسىر، غېرىپ - غۇرۋالارغا نەزىر ئېشى ئاپىرىپ بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم نەزىرىدىن باشقا ئادەملەر ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىقىش ئالدىدا ۋە تاسادىپىي خېيىم - خەتەردىن ئامان قالغاندا، دائىم چۈشى بۇزۇلىدىغان بولۇپ قالغاندا، يۇرت - مەھەللە جامائىتىنى چاقىرىپ نەزىر ئۆتكۈزۈدىغان ئادەتمۇ بار. مۇنداق نەزىر ئۆتكۈزۈلگەندە ئەرلەرلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا سەپەرنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى ۋە ئەجدادلار روھىغا سېغىنىپ ئامان - ئېسەنلىك تىلەش مەقسەت قىلىنغان.
ھازا قوشاقلىرى: ئۆلگۈچىگە ھازا ئېچىشتا قوشاق قوشۇپ يىغا - زارە قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مىللىي ئادەت ئەنئەنىلىرىدىن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھازا قوشىقى <مەرسىيە قوشىقى> ياكى <مەرسىيەنامە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەدىبلەر تەرىپىدىن توقۇلغان مەرسىيەنامىلەرنى ۋە ئۇنى ئوقۇش ئۇسلۇبىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئادەتتىكى ھازا قوشاقلىرىنىڭ بەلگىلىك مەزمۇن ۋە كۈي ئاھاڭى يوق بولۇپ، مەرھۇمنىڭ ۋارىسلىرى ئۆزى توقۇپ ئېيتىش ئارقىلىق بولغان مېھىر - مۇھەببەت، ئالىي ھۈرمەتلىرى، مەرھۇمنىڭ خىسلەت پەرىلەتلىرىنى ئەسلەيدۇ. ئادەتتىكى ھازا قوشاقلىرى كۆپنچە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ۋاي دادام!ۋاي دادام!
يېتىم قالدۇق ئەمدى بىز،
كىمنى دادا دەيمىز.
ۋاي دادام، دادام!
دۆلىتىم دادام، تاخى - تەختىم دادام،
دەريا كۆڭۈل دادام، كۈن چىراي دادام.
دادا)ئانا( دەپ خوش بولاتتىغۇ كۆڭلىمىز،
مەن )بىز( دادام )دادىمىز( دىن ئايرىلىپ،
سۇندى قاناتىم )قاناتىمىز( قايرىلىپ.
مەن )بىز( يىغلىماي كىم يىغلىسۇن،
جان دادام )دادىمىز(دىن ئايرىلىپ.
دادام )دادىمىز( ئۆلگەنگە يىغلايمەن)يىغلايمىز(
ئانام )ئانىمىز( ئۆلگەنگە يىغلايمەن )يىغلايمىز(.
ساماندەك سارغىيىپ
يېتىم قالغانغا يىغلايمەن )يىغلايمىز(.
دادا )ئانا( ئاھ ئۇرۇپ يىغلاي )يىغلايمىز(
سۆزۈڭنى يادلىنىپ يىغلاي )يىغلايمىز(
ئىزىڭنى سۈرتۈپ كۆزۈمگە)كۆزۈمىزگە(
غۇلاچ كېرىپ يىغلاي )يىغلايمىز(
بۇ جۇدالىققا ئەمدى قانداق چىدايمىز،
ۋاي ئانام، ۋاي ئانام
يايلىقىم ئانام، بايلىقىم ئانام،
دەريا بولۇپ ئاقاتتى ئانىلىق مېھرىڭىز،
كېچە - كۈندۈز بالام دەپ،
قانماي كەتتىغۇ باغرىڭىز.
ۋاي ئانام، ۋاي ئانام.
ئەمدى كىمگە تەلمۈرەي،
غۇلاچ كېرىپ بوزلىنىپ ئەمدى كىمگە ئەركىلەي،
ۋاي ئانام، ئانام.
ئەمدى غايىپ بولدۇڭغۇ!
موللا قىلىمەن بالام دەپ،
ئالىم قىلىمەن بالام دەپ،
كۈندە سىلايتتىك بېشىمنى،
ئەمدى كىم سىلار بېشىمنى،
ۋاي دادام، دادا!
ۋاي بالام، بالام، )ۋاي بالام جان خان(
جىگىرىم - باغرىم بالام،
كۆڭلۈمنىڭ ئارامى،
ھالىمەن جان بالام.
قولۇمغا قول، پۇتۇمغا پۇت،
ۋاپادار، كۆيۈمچان بالام،
ۋاي بالام، بالام!
جىگىرىم - باغرىم بالام
ئانام دەپ كەينىمدىن،
ھازا قىلار دەپتىمەن.
تۈگىمەس ھەسرەتتە قويۇپ،
كېتەرىڭنى بىلمەپتىمەن،
ۋاي بالام، بالام!
كۆزۈمنىڭ نۇرى ئىدىڭ،
كۆڭلۈمنىڭ بېغى ئىدىڭ،
سەن كەتكۈچە مەن كەتسەم،
ئانام دەپ يىغلار ئىدىڭ.
ۋاي بالام، بالام.
ئەمدى كىمنى بالام دەي،
دېسەم ساڭا ئوخشارمۇ؟
جىگىرىم بالام، باغرىم بالام،
بۇ جۇدالىققا قانداق چىداي!
ۋاي بالام، بالام!
مەرسىيىنامىلەر ئادەتتە خەلق ئىچىدىكى مەشھۇر زاتلارغا، خەلق قەھرىمانلىرىغا بېغىشلانغان بولۇپ، داستىخان خاراكتېرىدە ئۆزىگە خەس بەلگىلىك ئۇسلۇب ۋە كۈي ئاھاڭىدا ئوقۇلىدۇ.
مەسىلەن:
ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،
يامان دۇنيا قالدىمۇ؟
پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ؟
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.
ئەجدادلىرىمىزدا ئۆلۈم - يېتىمگە ئالاقىدار مۇنداق ئادەتلەرمۇ بولغان:
1) يەرلىك توپىسىنى دەپنە قىلىش: ئائىلە چوڭلىرى ياقا يۇرتتا ۋاپات بولۇپ شۇ يەردە دەپنە قىلىنغان تەقدىردە، كېيىن بالا - چاقىلىرى بېرىپ ئۇنىڭ يەرلىك توپىسىدىن بىر ئوچ توپا ئېلىپ كېلىپ ئۆز يۇرتىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئادەت <يەرلىك توپىنى دەپنە قىلىش> دەپ ئاتالغان.
2( ئالدىئالا يەرلىك )جاي( تاللاش ۋە ھازىرلاپ قويۇش: بۇ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئادەت بولۇپ، ئۇنىڭغا پېشقەدەملەر ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بەزىلەر ھازىرلانغان يەرلىككە ئارىلاپ كىرىپ يېتىپ كۆرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئادەت لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بۇرۇنقى دەۋرلەردە ناھايىتى ئومۇملاشقان. ئۆز دەۋرىدە ياشانغانلارنى ئالدىنئالا قېرى توغراق كاۋاكلىرى ۋە دۆڭلۈكلەردىن يەرلىك تاللاپ قوياتتى. بۇ ئادەت ئۇلارنىڭ ياشىغان مۇھىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى بۇرۇن ھازىرقى لوپنۇر ناھىيسىنىڭ %70 دەك ئورنى سۇلۇق ئىدى.
يەرلىك تاللاش ئادىتى تۈركىي قوۋملارغا بىر قەدەر ئورتاق ئادەت بولۇشى مۇمكىن. ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىدىن بولغان تۇۋالاردا بۇ ئادەت بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ھال يەرلىك تاللاش ئادىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىنى چۈشەندۈرىدۇ.