ئۇرۇق سېلىش مۇراسىمى
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى
«مايسا بايرىمى» كىشىلەگە باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەگەندىن كېيىن، ھەر بىر دېھقان ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ جىددىي تەييارلىقىغا چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلار خەير - ساخاۋەتلىك، ئۆزئارا كۆيۈمچان خەلق بولغاچقا، تېرىلغۇ مەزگىلدە قولۇم - قۇشنىلار مەسلىھەتلىشىپ لاپقۇتلىشىش گۇرۇپپىلىرىنى تۈزىدۇ. ھەر بىر ئائىلە تېرىلغۇ تەييارلىقى سۈپىتىدە ئۇلاغلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بېقىشقا باشلايدۇ. تېرىلغۇ سايمانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بۇزۇلغانلىرىنى رېمونت قىلىدۇ، ئۇرۇقلۇق بۇغداينى نەمدەپ تەييارلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر مويىسپىت دېھقاننىڭ تەييار بولغان ئېتىزلىقىغا يىغىلىپ، تەجرىبىلىك، ئاقيوللۇق بىر دېھقان قوش ھەيدەپ، ئۇرۇق سېلىشنى باشلاپ بېرىدۇ. بۇ ئېتىزغا قوش چىقىرىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلاش مۇراسىمى دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشۇ مۇراسىمدىن كېيىنلا تەرەپ - تەرەپتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىپ كېتىدۇ. ئېتىزلار قوش ئاۋازى، ناخشا ئاۋازى بىلەن جانلىنىپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر بىر ئەمگەك تۈرىنىڭ ئۆزىگە خاس ناخشا - قوشاقلىرى بولغىنىدەك، ئۆزىگە خاس ئاھاڭ بىلەن قوش ھەيدەش ئەمگىكىنىڭ رىتىمىغا ماس ھالدا قوشچى تەرىپىدىن تۆۋەن ئاۋازدا ئېيىتىلىدىغان «قوشچى ناخشىسى» بار. ئۇنىڭدا قوش مەۋسۇمىنىڭ خاسىيىتى، كىشىلەرنىڭ تېرىلغۇ ئۇلاغلىرىغا بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەزمۇنلار تەسۋىرلەنگەن. (ئا)