UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرىدىنىي مۇراسىملار

دىنىي مۇراسىملار

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئۇچرايدىغان ھەر خىل مۇراسىم - بايراملارنىڭ شەكىللىنىش مەنبەسى مۇئەييەن بىر دىنىي ئېتىقاد - ئەقىدە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا مۇراسىم - بايرام پائالىيەتلىرىدە دىنىي ئېتىقاد - ئەقىدىلىرىنىڭ تەسىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. روشەنكى بۇنداق ئېتىقاد ئەقىدىلەر ئىپتىدائىي ئاڭ، ئېتىقاد ۋە سىنىپىي جەمئىيەتتە مەيدانغا كەلگەن ئېتىقاد - ئەقىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەرقى شۇكى، مەيلى قايسى تۈردىكى ئېتىقاد - ئەقىدە بولمىسۇن، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭغا خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى جەريانىدىكى ھەر خىل ئارزۇ - ئىستەك، ئىنتىىشلىرى ئۈزلۈكسىز سىڭىپ، ئۇنىڭ بىر خەلقنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئادەت تۈسىنى ئالغانلىقى بىلەن خاراكتېرلەنسە (يۇقىرىدا تونۇشتۇرغانلىرىمىز ئەنە شۇنداق مۇراسىملار جۈملىسىدىن)، بىر قىسمى خەلقنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا يەنىلا نۇقۇل دىنىي خاراكتېردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى رېئال تۇرمۇشىدا ئۇچرايدىغان نوقۇل مۇراسىملارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، شەكىللىنىش مەنبەسى ئىسلام دىنى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پائالىيەت جەريانىغا ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ روھى سىڭدۈرۈلگەنلىكى ، قىسمەن مۇراسىم پائالىيەتلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن شەكىل - قائىدە، ۋاقىت، بىر خىل سورۇن ۋە مەخسۇس دىنىي خادىملارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ناماز، روزا تۇتۇش، مەۋلۇد، ھەج قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئەنە شۇنداق نۇقۇل دىنىي مۇراسىملار جۈملىسىدىن. 1)ناماز: ناماز ئىسلامىيەتنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان بەش پەرھىزنىڭ بىرى، شۇنىڭدەك ئەڭ سىستېمىلاشقان، ئەڭ ئاساسلىق مۇراسىم شەكىل بولۇپ، كۈندىلىك بەش ۋاخ ناماز، جۈمە نامىزى، ئىككى ھېيىت نامىزى، تەۋەرى (تاراھ) ۋە مېيىت نامىزى قاتارلىق نامازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش ۋاخ ناماز ئىسلام مۇرىتلىرىنىڭ كۈندىلىك ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتى قىلىپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا ھەر كۈنى بەلگىلىك ۋاقىتتا مەسچىتكە بېرىپ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇلىدۇ. بەش ۋاخ ناماز <ناماز بامدات>، <ناماز پىشىن>، <ناماز دىگەر>، <ناماز شام>، <ناماز خۇپتەن> (قىسقارتىپ بامدات، پىشىن، دىگەر، شام، خۇپتەن) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇلار پارىسچە بولۇپ، ئۇيغۇرچە <ئەتىگەنلىك (قىلىنىدىغان) ئىبادەت>، <چۈشلۈك ئىبادەت> ، <ئارىلىقتىكى (چۈش - كەچ ئارىلىقى) ئىبادەت>، <كەچلىك ئىبادەت>، <كېچىلىك (ئۇخلاش ئالدىدىكى) ئىبادەت> دېگەنلىك بولىدۇ. جۈمە نامىزى: <جۈمە> ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئۇيغۇرچىدە <يەكشەنبە>، <ھەپتە> دېگەن بولىدۇ. جۈمە نامىزى <جەملىشىپ> (توپلىشىپ) قىلىنىدىغان <ھەپتىلىك ئىبادەت> دېگەنلىك بولىدۇ. يەكشەنبە، شەنبە، خرىستىئان دىنى بىلەن كاتولىك دىنىدىكىلەرنىڭ ئارام ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئىسلام دىنىدا ئۇلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن <جۈمە> ئارام ئېلىش كۈنى قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇ خىرىستىئان، كاتولىك دىنىنىڭ ئەقىدىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ ئىككى دىندا <ئاللا دۇنيانى يەكشەنبە كۈنى يارىتىشقا باشلاپ جۈمە كۈنى تاماملىغان> دەپ قارىلىدۇ. ئىسلام دىنىدىمۇ مۇشۇ ئەقىدە ئاساسىدا ئاللانىڭ دۇنيانى جۈمە كۈنى يارىتىپ بولغانلىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن جۈمە دەم ئېلىش كۈنى قىلىنىپ ۋە بۇ كۈنى پېشىن نامىزىغا قوشۇپ مەخسۇس ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش بەلگىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. جۈمە نامىزى ئەمەلىيەتتە چوڭ دىنىي مۇراسىم. شۇڭا ئۇ مەخسۇس چوڭ مەسچىتتە ئوقۇلىدۇ. مۇنداق مەسچىت <ئازنا مەسچىت> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشلاپ ئەسىرىمىزنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر جۈمە كۈنى ئارام ئېلىپ كەلگەن. جۈمە كۈنى ھەممە ساھەدىكىلەر ئىش - ئوقىتىنى توختىتىپ دەم ئالاتتى. ئەر - ئاياللار بۇ كۈنى ئەتىگەندە يۇيۇنۇپ - تارىنىپ، چاچ - ساقاللىرىنى ئالدۇرۇپ، كىيىملىرىنى يۆتكەپ، پاكىز كىيىنىپ ئارام ئالاتتى. چوڭلارنىڭ ئۆيىگە ئازنىلاپ باراتتى، دوست - ئاغىنىلىرى بىر - بىرىنى يوقلىشىپ ئۆز ئارا مېھمان بولۇشاتتى. خەلق ئىچىدىكى <جۈمە كۈنى يولغا چىقسا يامان بولىدۇ> دەپ يول - سەپەرگە چىقماسلىق ئادىتى جۈمە كۈنىنىڭ <خاسىيەتلىك كۈن> دەپ قارالغانلىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئۇلاردا 30 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يەكشەنبە كۈنى دەم ئېلىش ئادىتى تەدرىجىي ئومۇملىشىپ ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، جۈمە نامىزى ئوقۇش خەلق ئىچىدە يەنىلا دىنىي مۇراسىم سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھېيىت نامىزى: ھېيىت نامىزى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ ئىككى بايرىمى - روزى ھېيىت، قۇربان ھېيىت كۈنى مەخسۇس ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكەت نامازغا قارىتىلغان. بۇ ناماز ھەر يىلى شۇ ئىككى بايرام كۈنى ئەتىگەنلىكى تەخمىنەن سائەت ئالتە - يەتتە ئارىلىقىدا ئوقۇلىدۇ. بايرام پائالىيىتى نامازدىن كېيىن ئاندىن باشلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى رەكەت نامازنى بايرام مۇراسىمى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ ئىككى بايرام ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە پائالىيەت شەكىلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەچكە ئاللىبۇرۇنلا شۇ مىللەتلەرنىڭ ئەنئە نىۋى مىللىي بايرىمىغا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى )مەخسۇس ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش( ئۆزىنىڭ نوقۇل دىنىي خاراكتېرىنى يوقاتماي داۋاملىشىپ كەلمەكتە. قۇربان ھېيىت نامىزىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، جامائەت ناماز ئوقۇلىدىغان چوڭ جامە ياكى ۋاقىتلىق بەلگىلەنگەن سورۇنغا بارغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا يەتتە ئورۇنداپ توختاپ <ئاللاھۇ ئەكبەر (ئاللا ئۇلۇغ)> دەپ تەگبىر ئېيتىپ بارىدۇ. بۇ ئادەت ھازىر ئۇنتۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. مېيىت نامىزى: ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى دەپنە مۇراسىمىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى - مۇسىبەت بولغاندا يىغا - زارە قىلىش، مېيىتنى يەرگە كۆمۈش، قارىلىق تۇتۇش قاتارلىق قەدىمكى ئادەت - قائىدىلىرى بىلەن مېيىتنى سۇغا ئېلىش، كېپەنلەش، مېيىت ئۈچۈن ناماز چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىسلام ئادەت - قائىدىسىنىڭ گىرەلەشكەن ھالدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ ئادەت قائىدىلەر ئىچىدە تەرك قىلغىلى بولمايدىغان ئەڭ مۇھىمى مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈش. چۈنكى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە جەڭدە ۋە ھەر خىل بالا - قازا تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەرنى دەپنە قىلىشتا مېيىتنى سۇغا ئېلىش، كېپەنلەش قاتارلىق قائىدە - رەسمىيەتلەر ئورۇندالسىمۇ چوقۇم ئۇلارنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈشى شەرت. مېيىت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى باشقا نامازلارغا قارىغاندا ئاددىي، جامائەت ئالدىدىكى تاۋۇتنى بويلاپ قىبلىگە قاراپ ئۆرىسىگە سەپكە تۇرىدۇ. ئىمام ئايەت ئوقۇپ ئۈچ قېتىم تەگبىر ئېيتقاندىن كېيىن ناماز ئاخىرلىشىدۇ. ئۇنىڭ رولى ئۆلگۈچىنىڭ ئاللاغا بەندىچىلىك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۈممەتچىلىك بۇرچىنى ئورۇندىغان مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. 2) روزا تۇتۇش: روزا تۇتۇش ئىسلامىيەتنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان بەش پەرزنىڭ بىرى. روزا تۇتۇش ئاشۇ پەرزنى ئادا قىلىشنىڭ بىر شەكلى بولۇپ، بۇ پائالىيەت ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 9 - ئايدا رامزان ئېيىدا بىر ئاي ئېلىپ بېرىلىدۇ. <روزا تۇتۇش> دېگەن بۇ سۆز ئەسلى پارىسچە <كۈن> دېگەن مەنىدىكى روزا سۆزىگە ئۇيغۇرچە <تۇتۇش> دېگەن ھەرىكەت نامىنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنتىقى مەنىسى <پەرز ئادا قىلىش كۈنى> دېگەنلىك بولىدۇ. روزا تۇتۇش پائالىيىتى رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقىچە ئوتتۇز كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ جەرياندا روزا تۇتقۇچى ھەر كۈنى تاڭ يۇرۇماستا ئورنىدىن تۇرۇپ (بۇ زورلۇققا تۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تاماق يەپ، روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىش بىلەن كۈن بويى يېمەك - ئىچمەك، كەيىپ - ساپا قاتارلىقلاردىن خالىي بولىدۇ، كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن بىر يۇتۇم سۇ ياكى ھۆل مېۋە بىلەن ئىپتار قىلىپ (ئېغىز ئېچىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ناماز شامنى ئوقۇپ ئاندىن تاماق يەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كۈندىلىك بەش ۋاخ ناماز تەركى ئىتلمەي ئوقۇلغاندىن تاشقىرى ناماز خۇپتەنگە يەنە ئىككى راكەت <تەرەۋى> (تاراۋىھ) نامىزى قوشۇلۇپ ئوقۇلىدۇ. شۇنىڭدەك تەرەۋى نامىزىغا قارىلار تەكلىپ قىلىنىپ، قۇرئان باشتىن - ئاياغ ياتقا ئوقۇلىدۇ. (بۇ <خەتمە> دەپ ئاتىلىدۇ). يۇقىرىقى پائالىيەتلەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى (ھىجرىيە 10 - ئايغا ئۆتىدىغان كۈن) يېڭى ئاي كۆرۈنۈش بىلەن ئاخىرلىشىپ، ئەتىسى روزا تۇتۇش پەرزىنىڭ ئادا قىلىنغانلىقى تەنتەنىسى قىلىنىپ بايرام قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە رامزان ئېيىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نۇقۇل دىنىي پائالىيەتلەردىن تاشقىرى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىىلىككە ئىگە پائالىيەتلەرمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇز كۈن روزا ئىچىدە كىشىلەر كەچقۇرۇنلۇقلىرى ئۆز ئارا ئىپتارغا چىللىشىپ، بىر - بىرىنى مېھمان قىلىشىپ ھەمسۆھبەتتە بولۇشىدۇ. بالىلار روزىنىڭ ئونىنچى كۈنىدىن كېيىن مەھەللە ئارىلاپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ رامىزان قوشاقلىرىنى ئېيتىشىپ ئوينايدۇ. ئۆي ئىگىلىرى ئۇلارغا ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى ۋە پۇل - مال سوۋغا قىلىدۇ. رامىزان قوشاقلىرى تۆۋەندىكىدەك ھەر خىل مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: روزىنىڭ ئونى كۈنى قەدرى كۈنى، روزىنىڭ زاكاتىنى بېرىڭ قېنى، (نەقرات) رامزانۇ - رامىزان، ئاللاھۇ شەررا مىزان، مۇھەممەد ئۈممەتىگە شەررامىزان. رامىزان ئېيىتپ كەلدۇق ئىشىكىڭگە، خۇدايىم بالا بەرسۇن بۆشۈكۈڭگە، (نەقرات) ئۆيىڭىزنىڭ ئارقىسىدا ئاي كۆرۈنەر، ھەممە ئۆيدىن مۇشۇ ئۆي باي كۆرۈنەر. (نەقرات) ئۆيىڭىزنىڭ ئارقىسىدا قاتار - قاتار قوينىڭ ئىزى، بىزگە بىر پاقلان بېرىڭ باينىڭ قىزى. (نەقرات) رامزاندا ئۆلتۈرگىنىڭ بوز - ئالا قوي، گۆشىنى ئۆزۈڭ يېسەڭ تۆشىنى قوي. (نەقرات) قۇزۇقىڭنى ئۇ يەرگە قاق، بۇ يەرگە قاق، تاغىرىڭد ئۇن بولمىسا سۇپۇرۇڭنى قاق. (نەقرات ) قوندىغىدا توخۇلىرى قاقاقلايدۇ، پىخسىق خوتۇن نان بەرمەي ۋالاقشىيدۇ. (نەقرات) ئۆيىڭىزنىڭ ئارقىسىدا ئوتۇن بىلەن لوقاق بىزگە نان بەرمىگەن ئاغىچام پوقاق. (نەقرات) ئاق توخۇ ئاپئاق توخۇ يەر تاتىلا، ئاغىچامنىڭ بەرگەن نېىنى خام - خاتىلا. (نەفرات) خەلق ئچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاددىي پەلسەپىۋى تۈسكە ئىگە تۇرمۇش قارىشى ئىپادىلەنگەن تۆۋەندىكىدەك رامىزان قوشاقلىرىمۇ بار: روزا تۇتتۇم جان ئۈچۈن، كېچە قوپتۇم گال ئۈچۈن، تۇتماي دېسەم قورقىمەن، گۆردە توقماق بار ئۈچۈن. بۇ ئالەم گويا بىر كەپتەرخانىدۇر، بىرى كەتسە، بىرى كېلىپ قونادۇر. بۇ روزا ئۆتۈپ يەنە روزا كېلۇر، كىم ئۆلۈپ كىم قالۇر ئاللا بىلۇر. 3) مەۋلۇد مۇراسىمى: مەۋلۇد مۇراسىمى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ توغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم. <مەۋلۇد> ئەرەبچە سۆز بولۇپ، <تۇغۇلغان ۋاقىت> دېگنلىك بولىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەبلەرنىڭ كونا كالېندارى )شەمسىيە( بويىچە رەبىئول ئەۋۋەل (3- ئاي)نىڭ 9 - كۈنى، مىلادى 571 - يىل 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەتىگەندە تۇغۇلغان. كېيىن ئىسلام كىلاسسىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەبىئول ئېيىدا تۇغۇلغانلىقى شەرىپىگە بۇ بىر ئاينى مەۋلۇد ئېيى قىلىپ بەلگىلەشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەۋلۇد مۇراسىمى شۇ ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ئۇنىڭدىن باشقا كۈنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆتكۈزۈلۈۋىرىدۇ. مەۋلۇد مۇراسىمىدا ئاساسلىقى مۇھەممەد پەيغەمبەرگە مەدھىيە - مەرسىيە ۋە ئۇنىڭ نەسابنامىسى، تەرجىمھالى، ئىش ئىزلىرى ئوقۇلىدۇ. شۇڭا بۇ پائالىيەت ئادەتتە <مەۋلۇد ئوقۇش> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پائالىيەت ئاساسەن مەھەللە مەسچىتلىرىدە، شۇنىڭدەك تەقۋادار كىشلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە مەۋلۇد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە مەۋلۇد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە مەۋلۇد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە ئالاھىدە زىياپەت ھازىرلىنىپ مەھەللە جامائىتى تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن مەۋلۇد ئوقۇلۇپ ئاندىن زىياپەت بېرىلىدۇ. مەۋلۇد مەيلى قانداق سورۇندا ئوقۇلمىسۇن ئوتتۇرىغا ئەتىرگە چىلانغان تۈگۈن پاختا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سورۇندىن خۇش پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. مەۋلۇد تاماملانغاندىن كېيىن كىشىلەر مەۋلۇد خاتىرىسى قىلىپ تۈگۈن پاختىدىن بىر نەچچىدىن ئېلىپ ئۆيلىرىگە قايتىدۇ. 4)بارائەت مۇراسىمى: بارائەت مۇراسىمى ئىسلام كالېندارى (ھىجرىيە) بويىچە ھەر يىلى شەھبان (8- ئاي) ئېيىنىڭ 14 - كۈنى ئاخشىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ كۈن ئەسلى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھ - كەبىرلىرىنى يۇيۇش كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر بىر ئائىلىدە ياغ پۇرۇتۇپ، پوشكال - قۇيماق سېلىپ، چوڭلار بولۇپمۇ تەقۋادار ئەر - ئاياللار ئايرىم ئۆيلەرگە يىغىلىپ توۋا - ئىستىغپار ئېيىتىپ، دۇئا - تەلەپ بىلەن تۈنەپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ <تۈنەك> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمما كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇ مۇراسىم پائالىيەت شەكلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس باشقا شەكىل، مەزمۇنلار قوشۇلۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن: تەقۋادار كىشىلەر تائەت - ئىبادەت بىلەن تۈنەپ چىقسا، ياشلار تەڭ يىغىش قىلىپ بىرەر مال سويۇپ، ئون نەچچىدىن بىر سورۇنغا توپلىنىش بىلەن نەغمە - ناۋا، ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن يېرىم كىچىگىچە كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇش قىلىدىغان بولغان. ئۆسمۈرلەر كونا ياغلىق قاپاقلارنى ئۇزۇن خادا ياغاچقا بېكىتىپ ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ: <بارات كەلدى بۈگۈن كىچە، ئۇخلىماڭلار تاڭ ئاتقۇچە، بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ، قازانغا ياغ قۇيدۇڭلارمۇ، پوشكال - قۇيماق سالدىڭلارمۇ، بىزگە ئاتاپ قويدۇڭلارمۇ؟> دېگەندەك بارائەت قوشاقلىرىنى ئېيتىپ، مەھەللە ئارىلاپ ئويناپ، قاپاقلىرى كۆيۈپ تەگىگەندە بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھەر قايسى ئۆيلەردىن سوۋغا قىلىنغان پوشكال - قۇيماق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەچ ھېكايە - تېپىشماق ئېيىتىشىپ يېرىم كىچىگىچە ئوينايدىغان بولغان. بارائەت مۇراسىمى ئۇيغۇرلار ئىچىدە شۇ تەرىقىدە 40 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا بىر مۇراسىم سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولدى. ھازىر ئاز ساندىكى تەقۋادار كىشىلەرمۇ بۇ كۈنى ئۆز ئۆيلىرىدە ياغ پۇرۇتۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ تۈنىمەيدىغان بولۇپ قالىدى. 5) ھەج تاۋاب قىلىش : ھەج قىلىش ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان، خەلقئارالىق زور كۆلەمدىكى نوقۇل دىنىي مۇراسىمى. بۇ مۇراسىمنىڭ باشقا دىنىي مۇراسىملارغا ئوخشىمايدىغان بىر پەرقى شۇكى بىرىنچىدىن، ھەج قىلىش ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ساغلام، ئىقتىسادى تولۇق ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆمرىدە بىر قېتىم ئادا قىلسا بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ مۇراسىم پەقەت ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىلا ئۆتكۈزۈلىدۇ. <ھەج تاۋاپ قىلىش> ياكى <ھەج قىلىش> مەككىدىكى <بەيتۇللا شىرىپ> (ئاللا مۇقەددەس قىلغان ئۆي، خانا دېگەن بولىدۇ.) يەنى <كەئىبە> نى زىيارەت قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ساغلام، ئىقتىسادى يار بەرگەن ھەر بىر مۇسۇلمان سەپەر ئامانلىقى بولغان شارائىتتا ئۆمرىدە بىر قېتىم مەككىگە بېرىپ زىيارەت قىلىشنى ئۇلۇغ ئىش دەپ قارايدۇ. ھەج تاۋاب قىلىش مۇراسىم پائالىيىتى ھىجرىيە 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە بەش كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ جەرياندا تازىلىق قىلىشتەك تەييارلىق پائالىيىتى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسەن مەككىدىكى <مەسچىدى ھەرەم> دېگەن مەسچىتكە كىرىپ <كەئىبە> نى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ ئاندىن شەرقىي - جەنۇبىي بۇرجىكىگە قويۇلغان <ھەجرۇلئەسىۋەت> ناملىق قارا تاشنى سىلاپ كۆزگە سۈرتۈش، سۆيۈش، بەيتۇللانىڭ يېنىغا جايلاشقان ئىبراھىم خەلىلۇللانىڭ تۇرغان جايىنى زىيارەت قىلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش، زەمزەم سۈيى ئىچىش، ساپا، مەرتىۋە تېغى ئوتتۇرىسىدا يېنىشلاپ يەتتە قېتىم يۈگۈرۈش، ئاراپات تېغىدا بىر كېچە تۈنەپ، توۋا - ئىستىغپار ئېيتىپ دۇئا - تالاۋەت قىلىش، شەيتانغا تاش ئېتىش، ھەر بىر كىشى بىردىن مال قۇربانلىق قىلىش، ئاخىرقى قېتىم بەيتۇللارنى يەنە بىر قېتىم ئايلىنىپ ۋىدالىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاندىن ھەج مۇراسىمى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ كەلگەنلەر <ھاجى> (ھەج قىلىش پەرزىنى ئورۇندىغان ئادەم) دەپ ئاتلىدۇ. 6) مازار تاۋاپ قىلىش مۇراسىمى: مازار تاۋاب قىلىشمۇ ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر خىل دىنىي مۇراسىم. مازار تاۋاب قىلىش جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئادەت. <مازار> مۇ ئەمەلىيەتتە <قەبرىستانلىق>، ئۇ ئىسلام دىنىنى دەسلەپ قوبۇل قىلغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن تاتلار يەنى بۇددىست ئۇيغۇرلار (كېيىنكى دەۋرلەردە <قالماق> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن) ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇشتا ئۆلگەن مۇسۇلمان ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ئاتاقلىق سەركەردىلىرى، باتۇرلىرى، جەڭچىلىرى ۋە دىن تارقاتقۇچىلار دەپنە قىلىنغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەتتىكى قەبرىستانلىقلاردىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، خوتەن رايونىدىكى <جەپپىرى سادىق>، قەشقەر رايونىدىكى <ئوردام>، <ئارسلان خېمىم>، <ھەزسۇلتان>، كۇچا رايونىدىكى <مەۋلانا راشىدىن>، كورلا رايونىدىكى <كۆنچى مازىرىم>، تۇرپان رايونىدىكى <ئەساۋۇل كەئىبە> يەنى <تۇيۇق غوجان> قاتارلىقلار. بۇ مازارلار ئىچىدە <ئوردام> بىلەن <تۇيۇق غۇجام> بىر قەدەر مەشھۇر بولۇپ، بۇ ئىككى جاينى تاۋاب قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەر يىلى كىشى كېلىپ تۇرىدۇ. مازار تاۋاب قىلىش پائالىيىتى شۇ جايلاردا ياتقان <مەشھۇر قەھرىمان، باتۇرلار> نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نەزىر - چىراغ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ روىغا سېغىنىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، ھەر خىل مۈشكۈللىرى ئۈچۈن مەدەت تىلەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پائالىيەت جايلارنىڭ ئادىتى بويىچە كوللېكتىپ ياكى شەخسلەر بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەيلى قايسى شەكىلدە ئۆتكۈزۈلمىسۇن، تاۋاب قىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاۋاب قىلىشقا كەلگەنلەر مازارغا تۇغ - شەددىلەر تاقاپ، ئۆلتۈرگەن قوي - قوشقارلىرىنىڭ بېشىنى ئېسىپ خاتىرە قالدۇرۇپ قايتىدۇ. مازار تاۋاب قىلىش مۇراسىمى بويىچە قەشقەر رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان <ئوردام مۇراسىمىنى > ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى تۇراقسىز بولۇپ، ئادەتتە ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرى تاۋاب قىلغۇچىلارنىڭ خالىغان كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭغا يۇرت - يۇرتلاردىن ئون نەچچە مىڭلاپ كىشى كېلىپ قاتنىشىدۇ. تاۋاپقا كەلگەنلەر ئادەتتە ئۆز ئالدىغا كەپە، ساتما، سايىۋەن سېلىپ جايلىشىدۇ. مۇراسىم بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىدۇ. مۇراسىم كۈنلىرى ھەر خىل ئوقەتچىلەرمۇ چىقىپ تاپاۋەت قىلىدۇ. مازار تاۋاب قىلىش گەرچە ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي مۇراسىم بولسىمۇ، كېيىنچە ئۇنىڭغا تەدرىجىي سېھىرگەرلىك، رەمباللىق،داخانلىق قاتارلىق باش دىنىي ئەقىدىلەر ئاساسىدا كېلىپ چىققان ھەر خىل خۇراپىي ئادەتلەرمۇ ئارىلىشپ كەتكەن بولۇپ، بەزى مازارلار ئاشۇنداق خۇراپىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان سورۇنغا ئايلىنىپ قالغان. ئازادلىقتىن كېيىن ئىلىم - پەن ساۋاتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ مازار تاۋاب قىلىش ئادىتى ئادەت كۈچىدىن قالماقتا.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى