UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرىقۇربان ھېيىت

قۇربان ھېيىت

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى قۇربان ھيىت بايرىمىمۇ روا ھېيتقا ئوخشاش ئەسلى ئىسلامىيەت ئەقىدىسى بويىچە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرام بولۇپ، خۇددى روزا ھېيتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمىغا ئايلىنىپ قالغىنىغا ئوخشاش جەريان ئارقىسىدا تەدرىجىي ھالدا مىللىي بايرام تۈسىنى ئالغان. قۇربان ھېيىتمۇ ئىسلام كالېندارى (ھىجرىيە) بويىچە 12 - ئاي (زۇلھەججە) نىڭ 10 - كۈنى يەنى روزا ھېيىتتىن 70 كۈن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش، ھېيتلىق راسلانغان داستىخانغا روزا ھېيتتا قويۇلىدىغان نازۇ - نېمەتلەر قاتارىدا گۆش قويۇلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇراسىم پائالىيىتى ۋە باشقا پائالىيەت مەزمۇنلىرى روزا ھېيتقا ئوخشاش . ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى: ① قۇربان ھېيىت تېخىمۇ داغدۇغىلىق ۋە باياشات ئۆتكۈزۈلىدۇ. قۇدرىتى يەتكەنلىكى ئۆيلەردە، بىردىن مال قۇربانلىق قىلىنىدۇ. ھەر سەۋەبلەر تۈپەيلى قۇربانلىق قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلەر بازارنىڭ جىڭ گۆشىدىن ئېلىپ قازان قاينىتىدۇ. ھەقىقەتەن قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئۆيلەرگە قۇربانلىق قىلغانلار قۇربانلىق قىلغان مېلىنىڭ گۆشىدىن ئۈچ - تۆت كىلودەكتىن گۆش ئاپىرىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ قازان قاينىتىپ ھېيتلاپ كەلگۈچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. ② ھېيىت نامىزى ئوقۇشقا ماڭغان جامائەت، بىر توپ - بىر توپ بولۇپ مەسچىتكە يېتىپ بارغۇچىلىك يەتتە ئورۇندا توختاپ يەتتە قېتىم تەگبىر ئېيتىدۇ، مەسىلەن. <ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر> (بۇ <ئاللا ئۇلۇغ> دېگەنلىك بولىدۇ). ③ ھېيتلاش باشلىنىش بىلەن تەڭ ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشلىنىپ كېتىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئاساسەن يەككە ۋە كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ. ھېيىت كۈنى چۈشلەرگە يېقىن چوڭ جامە پەشتاقلىرى ياكى ۋاقىتلىق ھازىرلانغان مەيدان - سورۇن يېنىدىكى ئۆگزىلەردىن ناغرا - سۇناي ساداسى ياڭرايدۇ. بۇنى ئاڭلىغان خەلق ئارقا - ئارقىدىن بۇ مەيدانغا قاراپ ئېقىپ ئۇسسۇل - ساما باشلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەيدان تەدرىجىي ئۇسسۇل - ساما قاينىمىغا ئايلىنىدۇ، رەڭگارەڭ چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرى قاينىمىغا ئايلىنىدۇ، رەڭگارەڭ چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرى بىلەن بېزەلگەن چوڭ - كىچىك، قېرى - ياش، ئەر - ئايال بەس - بەستە مەيدانغا چۈشۈپ ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدۇ. ساما - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، مەيداننىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ 40 - 50 كىشى، ھەتتا نەچچە يۈز كىشى تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئورۇنىلىدۇ. ساما ئۇسسۇلى جەنۇبىي شىنجاڭدا، بولۇپمۇ قەشقەر رايونىدا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، قىزغىن - جۇشقۇن كەيپىياتتا ئوينىلىدۇ. ھەر يىلى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيتگاھ مەيدانىدا نەچچە يۈز كىشى بىرلا ۋاقىتتا ساما سالىدۇ. سامانىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، دولقۇنسىمان شەكىلدە ئوينىلىدۇ. ئوينىغۇچىلارنىڭ قول - پۇت ۋە بەدەن تولغىنىش - ئايلىنىش ھەرىكەتلىرى بەلگىلىك تەرتىپتە ناغرا - سۇناي كۈيىگە رىتىملىق ماسلاشتۇرۇلىدۇ. ساماغا چۈشكەن شۇنچىۋالا نورغۇن كىشىنىڭ ھەرىكىتى بىر - بىرىگە شۇنداق ماسلىشىدۇكى، كۆز ئالدىڭىزدا خۇددى بىر ئادەم ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك ھاياجانلىقتا ھاڭقېتىپ قالىسىز. قۇربان ھېيىتتا تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك <ھارپا كۈنى چاچ ئالدۇرسا، گىلدىڭ باش بولۇپ قالىدۇ> دېگەن بىر خىل غەيرىي - رەسمىي ئادەت قارىشىمۇ مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت بەزى چېچىنى ئالدۇرۇشقا قېرىق ياش - ئۆسمۈرلەرنى شۇ ئۇسۇل بىلەن چۆچۈتۈش ئارقىلى ق بايرام ئالدىدا شەخسىي تازىلىق قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. روزا ھېيىت بىلەن قۇربان ھېىيىت بايرىمىدىكى ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى تۇراقسىز. بۇ ئىككى بايرام ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەچكە ۋاقتى ھەر يىلى ئون كۈن ئالدىغا سۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھىجىرىيە كالېندارىدا ھەر ئاينىڭ كۈن سانى يېڭى ئاي كۆرۈنگەن كۈنىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مىلادى كالېندارى بىلەن ھىجرىيە كالېندارى ئوتتۇرىسىدا ھەر يىلى ئون كۈن پەرق كېلىپ چىقىدۇ. بۇ پەرق بويىچە بۇ ئىككى بايرامنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ھەر يىلدا ئون كۈن، ھەر ئۈچ يىلدا بىر ئاي ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر ئوتتۇز يىلدا بىر يىل دەۋر قىلىدۇ. دېمەك بىر يىل ئىچىدە تۆت پەسىلنىڭ ھەر بىر ئېيىدا بايرام ئۆتكۈزۈش نۆۋىتى كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى