ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى
<مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىدىن پەقەت تۇرمۇش شارائىتى بىلەنلا ئەمەس، مىللىي مەدەنىيەت خۇسۇسىيەتلىرى ئىپادىلىنىدىغان روھىي قىياپەتلىرىدىمۇ پەرق ئېتىدۇ>. روھىي ھالەت مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ يادروسى.
مەدەنىيەت ئۇقۇمىدىن ئالغاندا، مەنىۋى مەدەنىيەتنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ياراتقان ماددىي بايلىقتىن بەھرىمەن بولۇشى بويىچە مەنىۋى دۇنياسىدا شەكىللەنگەن، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى ئادەت ھادىسىلىرىنىڭ يىغىندىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ماددىي مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە ئوخشاش (مەسىلەن، ھارۋا، ماشىنا، ئايروپىلان، تېلېۋىزور، ئىمارەت، كىيىم - كىچەك، زىننەت بۇيۇملىرى، تاماق قاتارلىق) كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ. كىشىلەر ماددىي مەدەنىيەت ھادىسىلىرىدىن كۆرۈپ، تۇتۇپ، تېتىپ، ئولتۇرۇپ - قوپۇپ ھوزۇرلانسا، مەنىۋى مەدەنىيەتتىن مەنىۋى پائالىيىتى ئارقىلىق ئىچكى دۇنياسىدا ھوزۇرلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى <مەنىۋى ئادەت> دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. دېمەك، مەنىۋى مەدەنىيەت ئىجتىمائىي ئاڭ، ئىجتىمائىي تەشكىلىي قائىدە - تۈزۈم، دىن، ئېتىقاد - ئەقىدە، ئەخلاق مۇراسىملار، ئەدەبىيات - سەنئەت (ھېكايە - چۆچەك، شېئىر - قوشاق، ماقال - تەمسىل، ئەپسانە - رىۋايەت ۋەھاكازالار). ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قائىدە - ئۇسۇللىرى قاتارلىق ناھايىتى كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن مەنىۋى مەدەنىيەتنى ئىنسانلارنىڭ ماددىي بايلىقتىن بەھرىمەن بولۇشتىكى <ئىقتىدارى>، <ئۇسۇل شەكلى> ياكى شەكىلسىز <پىسخىك مەدەنىيەت> ھادىسىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. مەنىۋى مەدەنىيەت ئەنە شۇنداق كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچ، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشاش بولمىسىمۇ خۇددى بىر گەۋدە سۈپىتىدە زىچ باغلانغان بولىدۇ، شۇڭا مەنىۋى ئادەتلەر ھەمىشە ئىقتىسادىي ئادەت ۋە ئىجتىمائىي ئادەتلەر بىلەن گېرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەنىۋى ئادەت ئۈستىدە ئىپادىلىنىدۇ.
يېغىنچاقلىغاندا، ماددىي مەدەنىيەت مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى. مەنىۋى مەدەنىيەت جەمئىيەت ماددىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ماددىي مەدەنىيەت مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرسە، مەنىۋى مەدەنىيەت ئۆز نۆۋىتىدە ماددىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. دېمەك، بۇ ئىككىسى ھامان ئاشۇنداق دىئالېكتىك مۇناسىۋەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئۆزگىرىپ، بېيىپ، رەڭدارلىشىپ كەلگەن ۋە مەڭگۈ شۇنداق مۇناسىپ ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، ئۆزگىرىپ بېيىپ، رەڭدارلىشىپ بارغۇسى. بىز بۇ مۇناسىۋەت قانۇنىيىتى ئاساسىدا، ئالدىنقى بابلاردا بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن خېلى يۈكسەك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە، ئۆزىگە نىسبەتەن خېلى يۈكسەك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە، ئۆزىگە خاس مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.