UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرىسەيلە - باراۋەت

سەيلە - باراۋەت

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى سەيلە - باراۋەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، باھار، ياز، كۈز پەسىللىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، سەيلە - باراۋەت <باھار سەيلىسى>، <باغ سەيلىسى> نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1) باھار سەيلىسى: باھار سەيلىسى <مايسا سەيلىسى>، <گۈل سەيلىسى>، <دالا سەيلىسى> دىن ئىبارەت ئۈچ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سەيلىلەر كەڭ تەبىئەت ئويغىنىپ يەر يۈزى يېشىل تونغا پۈركەنگەن، دەل - دەرەخلەر ياشىرىپ گۈل - گىياھلار پۈرەكلەپ چېچەك ئېتىشقا باشلىغان كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ① مايسا سەيلىسى: مايسا سەيلىسى باھار سەيلىسىنىڭ باشلانمىسى ھېسابلىنىدۇ. كەڭ - يېزا - قىشلاقلاردا دېھقانلار، بولۇپمۇ ياشلار باھار بەخش ئەتكەن شادلىق تۇيغۇسىدا باھار قۇياشىنىڭ يىللىق مېھرى تەپتىدىن ياشناشقا باشلىغان ئېتىز - ئېرىق، باغ - ۋارانلارنى ئايلىنىپ، يەردىن باش كۆتۈرۈپ چىققان مايسىلارنى سەيلە قىلىپ باھار مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىپ كەلگەن. بۇ سەيلە مۇناسىۋىتى بىلەن سەيلىدىن قايتقانلار يەر يۈزىنى يېشىل رەڭدە بېزەۋاتقان قىياق، بۇغداي مايسىلىرى ۋە ھەر خىل ئوت - گىياھلاردىن ئون - ئونبەش تالدىن يۇلۇۋېلىپ، چىرايلىق دەستە قىلىپ مەھەللىگە قايتىشىدۇ. بۇ كۆك مايسا دەستىلىرى ئىززەت - ئىكرام بىلەن ئاتا - ئانىلارغا تۇتۇلۇپ، ئۇلارنىڭ باھارغا ساق - سالامەت ئۇلاشقانلىقى تەبرىكلىنىدۇ. يىگىت - قىزلار بىر - بىرىگە كۆك مايسا دەستىلىرىنى تۇتۇش ئارقىلىق قەلبىدە يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان مېھىر - مۇھەببەتلىرىنى ئىزھار قىلىشىدۇ، ئاتا - ئانىلارغا مايسا دەستىسى سۇنۇلغاندا <رەھمەت بالام، ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولغاي، خۇدا ياشناپ كۆكلىگىلى نېسىپ قىلغاي> دەپ ئالىدۇ ۋە <يېڭىلىق> دەپ كۆزگە سۈرتىدۇ. يىگىت - قىزلار بولسا تەبەسسۇم بىلەن <يېڭىلىقىڭىزغا ھەشقاللا> دەپ ئېلىپ ئۇنى پۇراپ سۆيىدۇ. ئاندىن تۇتۇلغان بۇ يېڭىلىق بەخش ئەتكەن مېھىر تۇيغۇ شەرىپىگە يىگىتلەر، قىزلارغا دوپپا كەيدۈرۈپ قويسا، قىزلار يىگىتلەرگە قولياغلىق تۇتىدۇ. بەزىلەر يېڭىلىق <شەرىپىگە ياندۇرۇق قىلىش> ۋەدىسى بېرىشىدۇ. بۇ ۋەدە بويىچە يىگىتلەر قىزلارغا بىرەر رومال ياكى بىر خىل تۇمار، قىزلار يىگىتلەرگە بىر كۆڭلەك ياكى بەلباغلىق تۇتىدۇ. ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار <ۋاپاسىز> دەپ ئەيىبلىنىدۇ. مايسا سەيلىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، كۆك بېدە چۆچۈرىسى ئېتىپ باھار قۇتلىنىپ، يىلنىڭ توقچىلىق بولۇشى تىلىنىدۇ، سەيلە باشلىنىش بىلەن جۇۋان - چوكانلار، قىزلار ۋە بالىلار سەيلە قىلغاچ بېدە تېرىپ كېلىدۇ. ھەر قايسى ئۆيلەردە خاس بېدە بىلەن چۆچۈرە تۈگىدۇ، چۆچۈرە تەييار بولغاندا ئائىلە ئەزالىرى ھەممىسى داستىخانغا جەم بولۇپ ئالدىغا بىر قاچىدىن چۆچۈرە قويۇلىدۇ، ئۆينىڭ چوڭى ئالدى بىلەن بىر تال چۆچۈرىنى ئېلىپ <يېڭى ئاش، ئاغزى بۇرنۇمدىن تاش> دەپ بىسمىللا بىلەن ئاغزىغا سالىدۇ، باشقىلارمۇ ئىچىدە شۇ سۆزنى تەكرارلاپ ئاندىن چۆچۈرىگە ئېغىز تەگكۈزىدۇ. قوشنىلارغىمۇ بىر قاچىدىن چۆچۈرە سۇنۇلۇپ ئۇلارمۇ يېڭىلىق بىلەن تەبرىكلىنىدۇ. <مايسا سەيلىسى> بۇنداق خاسىيەتكىمۇ ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى جايلاردا <يېڭىلىق تۇتۇش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ② گۈل سەيلىسى: ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن گۈلخۇمار خەلق. گۈلنى بەخت، ساپ مۇھەببەت ۋە ياخشىلىقنىڭ سىمۋولى قىلىپ قەدىرلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرت - شارائىتى بارلا ئادەم ئىشىك ئالدىغا گۈل ئۆستۈرۈشىنى ۋە قىش - ياز تاشتەكلەردە گۈل بېقىشنى ئادەت قىلغان، شەھەر رايونلىرىدا مەخسۇس گۈلچىلىك كەسىپلىرى شەكىللەنگەن. قىز - ئاياللارنىڭ جامالىنىڭ گۈزەللىكىنى، ئىشچانلىقىنى، ئادەمنىڭ ياش - قىرانلىقىنى، ھۈنەر - كەسپىنىڭ خاسىيەتلىكىنى گۈلگە ئوخشىتىش )مەسىلەن، گۈلدەك چىراي، قولى گۈل، ئون گۈلنىڭ بىرى ئېچىلمىغان، گۈلدەك ھۈنەر... دېگەنلەردەك(، گۈل تۇتۇشئارقىلىق مۇھەببەت ئىزاھار قىلىش، قىز - ئاياللارنىڭ قولىقىغا گۈل قىسىش، قىز بالىلارغا گۈل نامىدا ئات قويۇش قاتارلىق ئادەتلەر گۈلنى قەدىرلەش ئادىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. گۈل سەيلىسى ئادەتتە قىزىل گۈل ئېچىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. گۈل سەيلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، كىشىلەرنىڭ پەقەت باغ، گۈللۈكلەرنى ئارىلاپ سەيلە قىلىشى بىلەن باھار بەخش ئەتكەن شاد - خۇراملىققا ئورتاقلىشىپ، ئۆز ئارا مۇبارەكلىشىدىغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر بولۇپمۇ، ياش ئوغۇل - قىزلار توپ - توپ بولۇپ باغ - گۈللۈكلەرنى سەيلە قىلىدۇ. سەيلە خاتىرىسى قىلىپ گۈل دەستىلىرى سۇنۇشىدۇ، مەيدە يانچۇقلىرىغا گۈل غۇنچىلىرى قادىشىدۇ. لوڭقا شېشىلەرگە گۈل غۇنچىلىرىنى چىلاپ ئېچىلدۇرۇپ ئۆي ئىچىمۇ باھار پەيزىدىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ. سەيلە بىر - ئىككى ھەپتە داۋاملىشىپ ئاخىرلىشىدۇ. ③ دالا سەيلىسى: دالا سەيلىسى گۈل سەيلىسى بىلەن تەڭ باشلىنىپ ئون - يىگىرمە كۈن داۋاملىشىدۇ. دالا سەيلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كىشىلەر توپ - توپ بولۇپ، تەڭ چىقىش قىلىپ ئالاھىدە تەييارلىق كۆرۈپ، شەھەر - مەھەللە سىرتىدىكى سەيلىگاھ ۋە ھاۋالىق جايلارغا چىقىپ تەبىئەت نەزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرى خالىغان غىزا - تاماقلىرىنى ئېتىپ يەپ، نەغمە - ناۋا بىلەن قانغۇچە ئويناپ كەچتە قايتىدۇ، بەزى ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا چىقىپ سەيلە قىلىپ كىرىدۇ. 2) باغ سەيلىسى: باغ سەيلىسى ياز، كۈز پەسلىدە، ياز - كۈزنىڭ پەيزىدىن بەھرىمەن بولۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەسىلەن، ئۈجمە سەيلىسى، ئۆرۈك سەيلىسى، شاپتۇل سەيلىسى، قوغۇن سەيلىسى قاتارلىقلار. باغ سەيلىسى ئاساسەن شەھەر ئاھالىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، سەيلىگە چىققۇچىلارمۇ تەڭ چىقىش قىلىپ تەييارلىق بىلەن چىقىدۇ، باغ سەيلىسىدە يېڭى پىشقان مېۋىلەرنى ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ يەپ پەيزى قىلىش، نەغمە - ناۋا، ناخشا - ئۇسسۇل، داستان - قىسسە سۆزلەش، لەتىپە - چاقچاق بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ئاساس قىلىنىدۇ، يېمەكلىكتە كاۋاپ، قۇرداق ئاساس قىلىنىدۇ. مۇندىن باشقا دوست - ئاغىنىلەر ئارا (تولاراق تەڭتۈش، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارا) مەخسۇس بىر خىل تاماق (ئالايلۇق كاۋاپ، نارىن چۆپ، پېتىر مانتا...) ئاساس قىلىنغان كۆڭۈل ئېچىش ئولتۇرۇشلىرىمۇ ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. بۇ ئادەتتە، كاۋاپ باراۋىتى، نارىن چۆپ باراۋىتى... دەپ ئاتىلىپ ئون نەچچە ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ (ئاياللار ئىچىدىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ)، مۇنداق باراۋەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، مەخسۇس بىر خىل تاماق بولىدۇ ھەم ھەر خىل قىزىق ئەسلىمىلەر سۆزلىنىدۇ، مۇمكىنقەدەر سىرتتىن داڭلىق لەتىپىچىلەر تەكلىپ قلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئولتۇرۇشلار ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولىدۇ. ھازىرلاشقا تېگىشلىك نازۇ نېمەتلەرنى نۆۋىتى كەلگەن ساھىپخان ھازىرلاشتىن تاشقىرى ئاساسلىق يېمەكلىك - كاۋاپ، نارىن قاتارلىقلارنى ئاساسىي جەھەتتىن كۆپچىلىك ئۆزى قول سېلىپ ھازىرلايدۇ، كاۋاپمۇ نۆۋەت بىلەن بىر نەچچە خىل قىلىنىدۇ، مەسىلەن، قىيما كاۋاپ، تونۇر كاۋاپ، توغرامچا كاۋاپ ...، نارىنمۇ قوي گۆشى، ئات گۆشى، قوينىڭ تىلى ۋە كۆز گۆشىدە ئېتىلىدۇ. مۇنداق كاۋاپ، نارىن چۆپلەرنىڭ ھەر قايسىسى ئۆزگىچە تەمدە بولغاچ، كۆپچىلىك ئىشتىھا بىلەن يەيدۇ، يېزىلاردا مەخسۇس قايماق چۆپ باراۋىتى، ئۆپكە - ھېسىپ باراۋىتىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى