UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرىمەشرەپ - بەزمە

مەشرەپ - بەزمە

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى مەشرەپنىڭ قويۇق مىللىيلىققا، كەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىكا ئالاھىدىلىكى روشەن ئىپادىلىنىدىغان نەغمە ئۇسسۇللاردىن تاشقىرى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ھەر خىل مەخسۇس قىزىق ئويۇنلارنىڭمۇ ئاينىلىدىغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. مەشرەپ ئوينىلىش شەكلى بويىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەھەللىۋى ئالاھىدىلىككىمۇ ئىگە بولۇپ، تۈرىمۇ كۆپ، نامىمۇ ھەر خىل. مەسىلەن، دولان مەشرىپى، مېيلىس قېيىت، كۆك (مايسا) مەشرىپى، توي مەشرىپى، بەزمە دېگەنلەرگە ئوخشاش. بۇندىن باشقا ھېيىت - بايراملاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولتۇرۇشلار ۋە تونۇشۇش چېيى، خوشلىشىش چېيى، ناماقۇللۇق چېيى قاتارلىقلارمۇ مەشرەپ تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆڭۈل ئېچىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ مەشرەپلەر ئىچىدە دولان مەشرىپى بىلەن تۇرپان، قۇمۇل مەشرەپلىرى (مېيلىس)، كۆك (مايسا) مەشرىپىدە نەغمە - ماۋا، ناخشا - ئۇسسۇل ئاساس قىلىنغان بولۇپ، قوشۇمچە ھالدا كومىدىيە خاراكتېرلىك ئويۇنلار ئوينالسا، باشقىلىرىدا نەغمە - ناۋا، ناخشا - ئۇسسۇل، لەتىپە - چاقچاق ئاساس قىلىنغان بولۇپ، باشقا ئويۇنلار ئوينالمايدۇ. دولان مەشرىپىدە ئادەتتە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق، ئەمگەك پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان تۆت ئۆزگىرىشلىك <ئەمگەك ئۇسسۇلى> ئاساسلىق ئۇسسۇل بولۇپ، ئەر - ئايال كوللېكتىپ ئورۇندايدۇ. تۇرپان، قۇمۇل مەشرەپلىرىدە <پوتا ئۇسسۇلى> ئاساسلىق ئۇسسۇل بولۇپ، يەككە ھالدا قاتارى تەكلىپ قىلىش شەكلىدە ئوينىلىدۇ. قاتارى بەزمە - مەشرەپ، ئولتۇرۇشلاردا نەغمە - ناخشا، لەتىپە - چاقچاق ۋە ھەر خىل قىزىق ئويۇنلار ئاساس، ئۇسسۇل قوشۇمچە ئورۇندا بولۇپ ئەركىن ئۇسسۇل بولىدۇ. بۇ مەشرەپ - بەزمە، ئۆلتۇرۇشلارنىڭ تەرتىپلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن تۈزۈلگەن بىر يۈرۈش <قائىدە - تۈزۈم> لىرى ۋە <خىزمەتچى - خادىم> لىرى بولىدۇ. بۇ <قائىدە - تۈزۈم>، <خىزمەتچى - خادىملار> نى مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرى ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈپ چىقىدۇ، سايلايدۇ. بۇ <تۈزۈم - قائىدە> لەر مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرىنى ياخشى ئەخلاق، ياخشى پەزىلەتنى دوست تۇتۇشقا، تەرتىپلىك، ئەخلاقلىق بولۇشقا يېتەكلەش - رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. مەشرەپ <خىزمەتچى - خادىم> لىرى يىگىت بېشى، قازى، پاششاپ ... دەپ ئاتىلىدۇ. مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرى ئادەتتە <ئوتتۇز ئوغۇل> دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر <خىزمەتچى - خادىم> لار بولۇپمۇ قازى ئىقتىدارسىز چىقىپ قالسا، ئوتتۇز ئوغۇل ئۇلارنى ھار ۋاقىت ئەمەلدىن قالدۇرۇپ باشقىنى سايلايدۇ. <قائىدە - تۈزۈم> گە ئېغىر خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئوتتۇز ئوغۇل قاتارىدىن قوغلاندى قىلىدۇ، بۇ <قائىدە - تۈزۈم> مەشرەپكە كېچىكمەسلىك، سەۋەبسىز، رۇخسەتسىز كەلمەي قويماسلىق، راستچىل بولۇش، كەيىپ قىلماسلىق، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئاسراش، خوتۇن - قىزلارغا بىھۇدە چاقچاق قىلماسلىق قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. مەشرەپ ھەر يىلى كەچ كۈزدىن باشلاپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئوينىلىدۇ، ئادەم سانى 20 - 30 دىن ئاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەھەللىدە مىجەز - خۇلقى كېلىشمەيدىغانلار بىر يۈرۈش بولۇپ ئوينايدۇ. ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە 18 ياشتىن تۆۋەنلەر مەشرەپكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. مەشرەپ قاتناشچىلىرىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرغاچقا، مەشرەپمۇ ھەر يىلى قايتا ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. باشقىدىن <سايلام> بولىدۇ. شۇ يىلقى مەشرەپ بىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن خالىس چاي ئۆتكۈزۈشى بىلەن ياكى ئوتتۇز ئوغۇل قاتارىغا يېڭىدىن بىرەر ياشنىڭ قوشۇلغانلىقى يۈزىسىدىن شۇ ياشنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان چاي مۇناسىۋىتى بىلەن باشلىنىپ داۋاملىشىدۇ. يېزىلاردا بىرەر ياشنىڭ مەشرەپكە قاتناشقانلىقى ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىپ شەرەپلىك ئىش دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا شۇ ياشنىڭ ئاتا - ئانىسى بالىسى ئۈچۈن بىرەر مال سويۇپ ئوتتۇز ئوغۇلغا داستىخان سالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى
مەشرەپ - بەزمە | UyghurWiki | UyghurWiki