UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرىبالىلار تىلى

بالىلار تىلى

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئويۇنلىرى بولغاندەك ئۆزىگە خاس بالىلىق تىلىمۇ بولىدۇ. مەلۇمكى، بالا تۇغۇلۇپ ئاددىي تىلى چىققۇچىلىك بولغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ مەقسەت - ھېسياتىنى يىغلاش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، بۇ دەۋردە ئانا بولغۇچى بالىنىڭ يىغلاش ھالىتىگە قاراپ ھەرخىل پەرەزگە كېلىپ شۇنىڭغا مۇناسىپ سۆزلەرنى قىلىپ بەزلەيدۇ، ئەركىلىتىدۇ ۋە ئاتا - ئانىلىق مېھرى ئۇقۇمى قاتارلىق ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ بىر قىسمى بالىلارنىڭ تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇلغان. بىر قىسمى ھەرخىل قىياپەت - ھەرىكەت ئاۋازىغا تەقلىد قىلىنغان، بەزىلىرى مەخسۇس ياسالغان، قېلىپلاشمىغان سۆزلەردىن بولۇپ، پەقەت بالىلارنىڭ ئاددىي تىلى چىقىش مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەركىلىتىش قاتارلىق ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر: پىخ - پىخ! پاقە، پاق - پاق (باق - باق)، پاقام (قۇچاقلاش): ئاپا، ئاپام، ئاپپا، ئابۇ، ئابۇش (سۆيۈش). يېمەك - ئىچمەك ئۇقۇمىدىكى سۆزلەر: مە - مە، مەم - مەم، مەمەق (بۇ ئەمچەككە سىمۋول قىلىنىپ ياسالغان)؛ ھۈ - م ھۈمۈ - ھۈمۈ ھۈممە: نەن - نەن، ناننا - ناننا (نان) ھاجەت ئۇقۇمىدىكى سۆزلەر: جۇجۇ، ئىشىشى، ئىشىشە، مېڭئە (ئىنچىق) پۇققە... ئاتا - ئانىلىق مېھرى ئۇقۇمىدىكى سۆزلەر: دە - دە، داد - داد - دادا - داداش. ئەنە - نە، ئانا - نا، ئاناش (ئابە ئاپا - پا ئاپەش) ئا - جە ئاچچا ئاچچا ئاچاش؛ ئاكى، ئەكا، ئاكا، ئاكاش. پا، پا - پا، ھۇپا ھۇپاپا ( ئىسسىق)؛ ھۈۋ ھۈۋە ھۈۋۋە ھۈۋۋەق (سوغۇق). مېڭىشقا تەقلىد قىلىنغان سۆزلەر: دەم - دەم، دەي - دەي، تەي - تەي (شۇڭا بالىنىڭ يېڭى ئايىغى چىققانلىقى <دەمدەم بولدى> دېيىلىدۇ). بۇلاردىن باشقا پاكىزلىق، گۈزەللىك، ئۇقۇمى <ھاي - ھاي>، مەينەت ئۇقۇمى <ھەلەق، ھىششە>، قۇرقۇش ئۇقۇمى <بۆجۇ> <ھۈجۈ>، ئاغرىق ئۇقۇمى <ئۈۋە - ئۈۋە>، <ۋايجان - ۋايجان>، يىقىلىپ كېتىش ئۇقۇمى <دۈڭ>، <دۈم>؛ ئۇخلاش ئۇقۇمى <ئۇخخا>، <ئۇخخە> سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك بالىلارنى ھەرخىل تىغ ئويناشتىن قورقۇتۇش ئۈچۈنمۇ <پىخام بولماق> دېيىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى