كىيىم - كېچەك ئالاھىدىلىكىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتى
ئۇيغۇر كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، شەكلى ھەرخىل ۋە رەڭگارەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، ئۇلار تەبىئىي ئېھتىياج بىلەن ئېستىتىك ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ كىيىنىش جەھەتتە روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە باشلىغان دەۋرى ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق. مۇندىن مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئارخېلوگىيىلىك تېپىندىلار ۋە ھەر خىل يازما ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ تۈرىنى، تاش كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ تۈرلىرىنى، تاش كىيىم، ئىچ كىيىم دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە؛ شەخسنىڭ پائالىيەت ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا، ئۆيئىچىلىك كىيىم، تالالىق كىيىم، ئەمگەك كىيمى، كەسپىي كىيىم ۋە مۇراسىم كىيملىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئومۇمەن، ماددىي تۇرمۇش شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ھەر خىل ئېھتىياج تۈپەيلى پەرقلىق كىيىنىش ئادىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ داۋاملىىپ كەلگەن.
قاراخانىلار دەۋرىگە تەئەللۇق ئىككى بۈيۈك ئەسەر _ «قۇتادغۇ بىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق مەلۇماتلار بار. مۇشۇ مەنبەگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قاراپ، تېرە، يۇڭ كىيىم، يىپەك كىيىم ۋە پاختا رەخت كىيىم دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى» دا «ئىچۈك» سۆزىنى ئىزاھلاپ «ئىچىك» دەپ ئاتالغان جۇۋا بولۇپ، ئۇنى بۇلغۇن، سۆسەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتلىك ھايۋان تېرىسىدىن تىكىلگەن «جۇۋا» دېيىلگەن. («تۈركىي تىللار دىۋانى» بىرىنچى توم، 93 - بەت). دەرۋەقە، جۇۋا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىشلىق تاشقى كىيىمى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرلىرى خىلمۇخىل. ئاساسەن، كېپىنەك تون شەكىللىك بولۇپ، كۆپرەك قوي، بۇلغۇن، سۆسەر، تۈلكە، ئۆچكە، بۆرە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن. ھۈنەر - سەنئەت ئەھۋالىغا قاراپ بەزى جۇۋىلار سىدام رەختلەر بىلەن قاپلانغان، بەزىلىرى رەخت بىلەن تاشلانماستىن، تېرىنىڭ يۇڭلۇق تەرىپىنى ئىچىگە ئالغان ياكى تېشىغا چىقىرىپ ئالاھىدە ھۈنەر بىلەن ئىشلەنگەن.
يەنە بىرى، «قارىس» دەپ ئاتالغان يۇڭ چەكمەن چاپان، بۇنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا تۆگە ياكى قوي يۇڭىدا ئىشلەنگەن «كىيىم» دەپ ئىزاھلىغان. («تۈركىي تىللار دىۋانى» بىرىنچى توم، 453 - بەت). دەرۋەقە، شىنجاڭدىن تېپىلغان ئارخېلوگىيىلىك يادىكارلىقلار ئىچىدە يۇڭ توقۇلما كىيىملەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەڭ بۇرۇنقى يۇڭ توقۇلما كىيىملەر ناھايىتى كۆپ شەكلىدىن قارىغاندا، بىر ئورتاقلىق مەۋجۇت. يەنى ھەممىسى بۆرەكچە ياقىلىق، ئالدى ئوچۇق تون شەكىللىك بولۇپ، ئالدى پەشكە رەڭلىك يۇڭ يىپتىن ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك (ھەرە چىشلىق) كەشتە ئىشلەنگەن. توننىڭ ئىككى كۆرىكىگە ئۈچ دانىدىن ئۈچ بۇلۇڭ شەكىل كەشتىلەنگەن. بۇ خىل يۇڭ چەكمەنلەر ھەم چىداملىق، ھەم كۆركەم بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان تاغلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك ئەنئەنىسىدە، گۈللۈك يىپەك رەخت كىيىملەر چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەر خىل گۈللۈك ۋە نەقىشلىك يىپەك رەخت كىيىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئەتىۋارلايدۇ. بۇ ئەھۋالنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «قىلىقلىناي دېسە قىزىل كيەر، ياراي دېسە يېشىل كىيەر» («تۈركىي تىللار دىۋانى» بىرىنچى توم، 512 - بەت) دېگەن تەمسىل بىلەن سۈرەتلىگەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك قارىشىدا نىسپىي ھالدا، قىزىل رەڭ - خۇشاللىق ۋە شادلىقنىڭ، ئاق رەڭ _ ساپلىق ۋە قۇتلۇقنىڭ، سېرىق رەڭ _ پەرىشانلىق ۋە غەمكىنلىكنىڭ، كۆك رەڭ _ ياشلىق ۋە بەخت - سائادەتنىڭ، قارا رەڭ _ قايغۇ ئەلەم ۋە مۇسىبەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. مۇشۇ قاراشلارغا ئاساسەن جىنسىي ئايرىملىققا، ياش قۇرامىغا، كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە، ئورۇن - مەرتىۋىسىگە، پەسىل خاراكتېرىگە ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پەرقلىق كىيىنىش ئادەتلىرى شەكىللەنگەن.
ئەر - ئاياللارغا قارىتا ئىش تەقسىماتى جەھەتتكى ئوخشاشماسلىق، گۈزەللىك تەلىپى ۋە پىسخولوگىيىلىك ھالىتى جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، قەدىمدىن تارتىپ ئەر ۋە ئايالنىڭ كىيىنىش ئادىتىدىمۇ روشەن پەرق بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ئادەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى گۈللۈك رەختلەردىن ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە ئوشۇقنى يېپپ تۇرىدىغان ئىشتان، كۆڭلەك ئۈستىگە تىك ياقىلىق جىلىتكە ياكى تاۋار جىلىتكە، ئىزمىلىك كەمزۇل چاپان قاتارلىق گۈللۈك كىيىملەرنى كىيىشكە ئادەتلەنگەن؛ ئەرلەر بولسا، گۈلسىز سىيدام رەختلەردىن (كۆپرەك ئاق، قارا، قارا كۆك، كۈل رەڭ) تىزىنى بېسىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تونچە كۆڭلەك ياكى ئەستەرلىك تونچە چاپان، ئۇزۇن ئىشتان، كاشا (تۆگە يۇڭىدا توقۇلغان بەش - ئون سانتىمېتر كەڭلىكتىكى بەلباغ) ياكى رەخت بىلەن بېلىنى باغلاپ، سول يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ. بالىلار ۋە ياشلار كۆپرەك تىلە ياكى بۆرەك ياقىلىق خالتا كۆڭلەك ۋە كەمزۇل چاپان كىيىدۇ. كۆڭلەكنىڭ ياقىسى ۋە ئالدى پېشىگە مىللىي ئۇسلۇبتا رەڭلىك يىپ بىلەن كانۋا ئىشلىگەن كۆڭلەكلەرنى ياشلار تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
كىيىنىش ئادىتى تارىخىيىۋىلىككە ئىگە بولۇپ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كىيىم - كېچەكتىمۇ نىسپىي ھالدا ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ. جۈملىدىن، جۇغراپىيلىك شارائىت ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن، كىيىم - كېچەك جەھەتتىمۇ بەزى پەرقلەر پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى كىيىنىش ئادىتى بىلەن ئۆتمۈشتىكى كىيىنىش ئادىتى، شەھەردىكىلەر بىلەن يېزىدىكىلەرنىڭ كىيىنىش ئادىتى مەلۇم پەرقلەرگە ئىگە. (ئا