UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتىئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتى كىيىم - كېچەك ئادەمنىڭ ئەڭ ئاساسلىق زىننىتى، گۈزەللىك زوقىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى. شۇنىڭدەك مىللەتلەرنىڭمۇ بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىينىش - ياسىنىش مەدەنىيىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كېيىنىش - ياسىنىش ئادەت - ئەنئەنىسىمۇ ئۆزگىرىپ، بېيىپ، رەڭدارلىشىپ تېخىمۇ كۈچلۈك مىللىي تۈس ئالغان. جۈملىدىن جىنىس ۋە ياش قۇرام پەرقىگە قاراپ كىينىش - ياسىنىش جەھەتتە ئۆزگىچە ئادەت - ئەنئەنە شەكىللەنگەن. ئەجدادلىرىمىز ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان دەۋرلەردە چارۋا ۋە ھايۋان تېرىلىرىدىن قوي يۇڭى قىلغان دەۋرلەردە چارۋا مال ۋە ھايۋان تېرىلىرىدىن قوي يۇڭى توقۇلمىلىرىدىن كىيىم كىيگەن. ئۇنىڭدىن توقۇلمىلار ۋە يىپەك توقۇلمىلىرىدىن كىيىم كىيىدىغان بولغان. ئوتتۇرق ئەسىردىلا قولياغلىق، باغىرداق، دەزمال قاتارلىق بۇيۇملارنى، تاش، سۆڭەك مونچاقلار ئورنىغا ئۈنچە - مەرۋايىت، ئالتۇن- كۈمۈش قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىر؛ ئۇپا - ئەڭلىك، سۈرمە، قاشلىق، ئوسما قاتارلىق گىرىملىكلەر ئىشلىتىلىدىغان بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتى