UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتىئەرلەر كىيىملىرى

ئەرلەر كىيىملىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر ساقال - بۇرۇتىغا تىغ تەگكۈزمەيدۇ. بېلىگە قىزىل ياكى گۈللۈك پوتا باغلاپ، يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ. توي قىلغاندىن كېيىن بۇرۇتىنى ياسىتىپ <چاشقان بۇرۇت> قويىدۇ. ئەمما ساقال قويمايدۇ. ئۆتۈك كىيىدۇ. خوتۇننى قويۇۋەتكەن بويتاق يىگىتلەر بېلىگە سېرىق پوتا باغلايدۇ. بۇ بويتاق ئىكەنلىكىنىڭ ئىشارىتى. ئادەتتە بالىلىق بولغان ئەرلەر كىچىك <كەكە ساقال> (بودەك ساقالمۇ دېيىلىدۇ) قويۇۋالىدۇ. نەۋرىلىك بولغاندا بۇرۇتى بىلەن ساقىلىنى تۇتاشتۇرىدىغان <نۇقتىلىق ساقال> قويىدۇ ھە داقال (ئاستىن كالپۇك تۈكى) نى قويۇۋېتىدۇ. بېشىغا بادام دوپپا ياكى باشقا خىلدىكى گۈللۈك دوپپا كىيىدۇ. ياشانغان ئەرلەر چوڭ ساقال قويۇپ، گۈللۈك دوپپا كىيمەي قارا ياكى يېشىل سىدام دوپپا كىيىدۇ. تەقۋادارلىرى بولسا بېشىغا سەللە ئورايدۇ، ئۇزۇن تون چاپان كىيىدۇ. ئومۇمەن قىرىق ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئۆزىگە لايىق ساقال قويمىسا ئامما ئارىسىدا سۆز - چۆچەككە قالىدۇ. <سۆز كۆركى - ماقال، ئەر كۆركى - ساقال> دېگەن تەمسىل مۇشۇ ھالەتكە قارىتىلغان. يۇقىرىدىكى بەلگىلەرگە قاراپ ئەرلەرنىڭ ياش ئۆلچىمى، تۇرمۇش ئەھۋالىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتى