UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتىپوتا باغلاش ۋە چۈمبەل تارتىش

پوتا باغلاش ۋە چۈمبەل تارتىش

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتى ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلاشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇنى ئەرلەرگە خاس مەردانىلىك ۋە چەبدەسلىكنىڭ نىشانى، دەپ بىلىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ پوتىسى ھەرخىل رەڭدىكى يىپ ياكى يىپەك رەختلەردىن ئىشلىنىدۇ. ئۇزۇن - قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ. تەخمىنەن ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن كۆپرەك، كەڭلىكى ئەللىك سانتىمېتر ئەتراپىدا بولىدۇ. ياش يىگىتلەر كۆپرەك قىزىل، يېشىل ياكى گۈللۈك، ياشانغانلار قارا رەڭلىك رەختلەردىن پوتا باغلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. پوتا باغلاش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تاشقى كىيىم ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا پەيدا بولغان. بىزگە مەلۇمكى، ئەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئاساسەن ئۇزۇن بولۇپ، تىزنى يېپىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تون شەكىللىك كۆڭلەك ياكى تون بولۇپ، ئۇنىڭغا تۈگمە ياكى ئىزما قادىمايدۇ. شۇڭا بۇ كىيىمنى بەلدىن پوتا بىلەن باغلىۋېلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل تون ياكى تونچە كۆڭلەكنىڭ يانچۇقى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، پوتا يەنە يانچۇق رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرى دائىم بېلىدىكى پوتىسىغا نان ياكى باشقا لازىمەتلىك نرسىلەرنى تۈگۈۋالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلار بەلنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بەلگە سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ. پوتا باغلاش بەلنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بولۇپ، ئۇ بەلگە سوغۇق تېگىش ۋە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. قورساق سېلىپ كېلەڭسىز سەمرىپ كېتىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يالغۇز ئۇزۇن كۆڭلەك ياكى تون كىيگەن كىشىلەرلا پوتا باغلاپ قالماستىن، كالتە چاپان ياكى خالتا كۆڭلەك كىيىدىغان ياشلارمۇ پوتا باغلايدۇ. ئومۇمەن، پوتا باغلاش ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتى ۋە ئېستېتىك تەلىپى بىلەن زىچ باغلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرىدە مەخسۇس <پوتا ئويۇنى> ئوينىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يۈزىگە چۈمبەل تارتىش ياكى باش ياغلىقى بىلەن يۈزىنى ئوراش ئادىتى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلىدە ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەبلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان. ئېتنىك جەھەتتىن قارىغاندا، يۈزىگە چۈمبەل تارتىش ياكى ياغلىق بىلەن ئورىۋېلىش ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ تەبىئىي شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەرەب يېرىم ئارىلى قۇم - بورانلىق قۇرغاق رايون بولۇپ، كۈن نۇرى كۈچلۈك، شۇڭا ئەرەب ئاياللىرى يۈز - كۆزىنى ئاسراش ۋە قۇم - بوراندىن ئۆزىنى ساقلاش مەقسىتىدە يۈزىنى رومال بىلەن ئورىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن. كېيىنچە، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى سىڭىپ كەتكەن. ئىسلام دىنىدا <ئاياللار غەيرىي ئەر كىشىگە يۈزىنى كۆرسەتمەسلىك>، <ئاياللار يۈزىنى ئوچۇق تالا - تۈزگە چىقسا نامەھرەم بولىدۇ> دېگەنگە ئوخشاش شەرىئەت پەتىۋالىرى بەلگىلەنگەن. ئۆتمۈشتە قازىكالانلار يۈزىنى ياپماي يۈرگەن ئايالنى ئۇچراتسا، تۇتۇۋېلىپ دەررە بىلەن ئۇرغان ياكى سازايىى قىلغان. مۇشۇنداق دىنىي ۋاستىلەر بىلەن ئاياللارنى چۈمبەل تارتىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى قويۇق ۋە چوڭقۇر بولغان رايونلار (ئاساسەن قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەر) دا چۈمبەل تارتىش بىر قەدەر كەڭرەك ئەۋج ئالغان. شەھەردىن چەترەك يېزا - قىشلاقلاردا يۈزىنى ئوراش ئومۇملاشمىغان. يۈزىگە چۈمبەل تارتىش ياكى رومال بىلەن ئورىۋېلىش ئاساسەن ئاياللار تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ. ئاز ساندىكى خۇراپات ئائىلىلەردە بويىغا يەتكەن (رەسىدە قىزلار) قىزلارنىمۇ يۈزىنى يېپىشقا مەجبۇرلىغان. چۈمبەل قاراقىل يىپتا توقۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى قىرىق سانتىمېتر، كەڭلىكى يىگىرمە بەش - ئوتتۇز سانتىمېتر ئەتراپىدا تۆت چاسا بولۇپ، باش تەرەپىدە باشقا ئىلىپ قويىدىغان ئىلغۇچ يىپى بولىدۇ. ئۇنى كۆپرەك <ئاقپىجا> دەپ ئاتىلىدىغان بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى ئورااپ تۇرىدىغان پەرىجە كىيىدىغان ياشقا چوڭراق مۆتىۋەر ئاياللار يۈزىگە بېكىتىدۇ. ئاقپىجىسى يوق ئاياللار يۈزىگە چۈمبەل تارتمايدۇ. چۈمبەل ئورنىغا ئاق داكا رومال ياكى تور رومالنى بېشىغا سېلىپ، شۇ رومالنىڭ بىر تەرىپى بىلەن يۈزىنى ياپىدۇ. چۈمبەل ياكى رومال ئومۇمەن نېپىز توقۇلغاچقا، كۆرۈنۈشكە تەسىر يەتكۈزۈلمەيدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن، ئەر - ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىكى يۈزىگە چۈمبەل تارتىشتىن ئىبارەت بۇ خۇراپىي ئادەت تەدرىجىي يوقالدى ۋە يوقالماقتا. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتى
پوتا باغلاش ۋە چۈمبەل تارتىش | UyghurWiki | UyghurWiki