UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتىئاياغ كىيىم

ئاياغ كىيىم

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىمى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاساسەن قىشلىق ۋە يازلىق دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىلمۇ خىل ئاياغ كىيىملىرى ئىچىدە ئۆتۈك ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۆتۈك ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ <قەھرىمانلىق دەۋرى> دەپ ئاتالغان ئاتلىقلار مەدەنىيەت دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا موزدوزلۇق قەدىمكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر كەسىپلىرى ئىچىدە ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. <موزدۇز> سۆزى ئىران تىللىرىدىن ئۆزلەشكەن بولۇپ، ئۇ موزا - ئۆتۈك، دۇز - تىكمەك دېگەن ئىككى سۆزدىن تەشكىل تاپقان، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈكچى دېيىلگەن، ئۇيغۇر تىلىدا، موزدۇزلۇق كەسپىگە ئائىت ئاتالغۇلارنىڭ سانى يۈزگە يېقىن ئىكەنلىكى مەلۇم. ئادەتتە، ئۇيغۇر قول - ھۈنەر سەنئىتى كۆپرەك شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن. ئەمما موزدۇزلۇق شەھەرلەردىن تاشقىرى، يېزا - قىشلاقلارغىچە كەڭ يېيىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا پۇتنى ئىسسىق ۋە نەمدىن خالىي قۇرۇق تۇتۇشنى ساغلاملىقنىڭ مۇھىم ئامىلى دەپ ھېسابلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەر - ئاياللار دېگۈدەك ئۆيىدىن تالاغا چىقسىلا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئۆتۈك ياكى مەسە - كالاچ، كېپىش كىيىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كالىچى ئۆتۈك ياكى مەسىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، كۆن (بۇلغار) ياكى خۇرۇمدىن مەخسۇس ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ناھايىتى ماسلاشقان. يەنى ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۆيىگە گىلەم، شىرداق ياكى كىگىز سېلىپ، ئۈستىگە مېھمان كۆرپىسى سېلىپ قويىدۇ. ئۆيگە كىرگەن ھەر قانداق بىر كىشىنى ھۈرمەت بىلەن كۆرپە ئۈستىگە باشلايدۇ. ئۇيغۇرلاردا مېھمانغا بولسا، ئاياغ كىيىمىنى سېلىپ كۆرپ ئۈستىگە چىقىدىغان ئادەت بولمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ رولىنى ئەنە شۇ كالاچ (كېپىش) ئوينىغان. دېمەك، كالاچ (كېپىش) نى سېلىۋېتىپ، پاكىز ئۆتۈك ياكى مەسە بىلەن ئولتۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئۆي ئىگىسىنىڭ كىگىز - كېچەكلىرى بۇلغانمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل كالاچ ئۆتۈك ياكى مەسىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەتتە ياشلار مەسە - كالاچ كىيمەيدۇ. بۇنداق ئىسكىلاچ مەسىنى ياشانغان مويسىپىتلەر قىش - ياز دېگۈدەك پۇتىدىن ئاجراتمايدۇ. ھەرقانداق ئۆتۈك ياكى مەسە كىيگەنلەرنىڭ ھەممىسى يۇمشاق ئاق ماتادا پۇتىغا پايتىما ئورايدۇ. بۇ خىل پايتىما پۇتنى نەملىكتىن ساقلاپ، پۇت تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ياشلار ئادەتتە كالاچسىز ئۆتۈك كىيىدۇ. بۇ خىل ئۆتۈك نەپىس ۋە مەزمۇت ئىشلەنگەن بولۇپ، كۆپىنچە كالا خۇرۇمىدا تىكىلىدۇ. قونچى ئۇزۇن بولۇپ، تىزغا چىقىدۇ. رەڭگى قارا ياكى قىزىل بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ پاشنىسى ئېگىز (ئۈچ - تۆت سانتىمېتر) بولىدۇ. تۇمشۇقى بۆرەكچە ئارا پاشنىلىق ئۆتۈك خەلق تىلىدا ئورۇسچە ئۆتۈك دېيىلىدۇ. تۇمشۇقى يۇقىرىغا قاراپ تۇرىدىغان قوش تۇمشۇقلۇق ئۆتۈك كافكازچە ئۆتۈك دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر موزدۇزلىرى ئۆتۈكنىڭ چەمىنى چاپلىغاندا، قېيىن مىخ قاقىدۇ ياكى موملانغان پىششىق يىپ بىلەن قوش بېخى قىلىپ تىكىدۇ. بەزى ئۆتۈكلەرنىڭ چەمى بىلەن پېتەكنىڭ ئارىسىغا غاچ - غاچ (غاچىلداق) قويىدۇ. تاغلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئۆتۈك ئورنىدا چورۇق ئاساسلىق ئاياغ كىيىم ھېسابلىنىدۇ. چورۇق ھەم يەڭگىل، ھەم چىداملىق بولۇپ، يول يۈرۈشكە ئەپلىك، بولۇپمۇ تاغلىق رايونلارنىڭ تەبىئىي شارائىتىغا ماسلاشقان. چورۇقنىڭ پاشنىسى بولمايدۇ، چەمى پىششىق ۋە قېلىن بولۇپ، ئات ياكى قوتاز، كالا تېرىلىرىدىن ياسىلىدۇ. قونچى ئەستەرسىز بولۇپ، ئۆزىدىن چىقارغان رەڭلىك بويتاسما بىلەن چىگىپ قويۇلىدۇ. چورۇق نۇسخىسىدا ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن بوۋاق بالىلارنىڭ يەنە بىر خىل ئايىغى بولۇپ، ئۇ <پوپۇش> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق پوپۇش ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ، ئەمدى ئايىغى چىققان بوۋاق بالىلارغا كىيدۈرۈلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يازلىق ئايىغى سەندەل كەش دېيىلىدۇ. سەندەل كەش نېپىز خۇرۇم ياكى شاۋرۇن تېرىدىن ئىشلەنگەچكە، ناھايىتى، يەڭگىل بولۇپ، ھازىرقى زاماننىڭ بەزى سېتىكىلىك ئاياغلىرىغا ئوخشىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەنئەنىۋى ئاياغ كىيىملىرىنى قاراخانىلار دەۋرىدە خاتىرىگە ئېلىنغان ئاياغ كىيىم نۇسخىلىرى بىلەن سېلىشتۇرساق، ئاساسەن ئوخشاشلىق بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئالىم مەھمۇت قەشقەرى <تۈركىي تىللار دىۋانى> ناملىق ئەسىرىدە <ئوغۇق> سۆزىنى ئىزاھلاپ، <ئوغۇق - ئۆتۈك ياكى مەسىنىڭ ئۈستىدىن كېيىلىدىغان تېرە پايپاق، يەختەردەكتۇ> دەيدۇ (Ⅰتوم، 686 - بەت) دېگەن ئىزاھات ئۇچرايدۇ. بۇ مەلۇمات بىزگە ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ، ئۇيغۇرلار ئاياغ كىيىمگە نىسبەتەن يالغۇز پۇتنى مۇھاپىزەت قىلىش مەقسىتى بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئېستېتىك تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر ئۆتۈكى بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، يەنە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىغىمۇ كەڭ ئومۇملاشماقتا. ھەتتا سەنئەت كىيىمى سۈپىتىدە جاھان سەھنىلىرىدە نامايان بولماقتا. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتى