UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتىباش كىيىم

باش كىيىم

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيىلىك شەرت - شارائىتى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە گۈزەللىك قارشى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقى ۋە گۈزەللىك قارشى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدە روشەن مىللىي پەرق كېلىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىنىش ئادىتىدە باش كىيىمنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ، ئۇيغۇر ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە، ئاياللىرى ئومۇمەن بېشىغا ياغلىق سېلىشقا ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن، ئىشقىلىپ باش كىيىمسىز يۈرۈشنى ئۇيغۇرلار يامان كۆرىدۇ. بولۇپمۇ نەزىر - چىراغقا بارغاندا مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن چوقۇم باش كىيىم كىيىشى شەرت. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا ئومۇمەن ئاممىۋى مۇراسىملارغا باش كىيىمسىز بېرىش بىر خىل ھۈرمەتسىزلىك ۋە ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. رايون پەرقى، كەسپىي پەرق ۋە ياش قۇرام پەرقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرى ناھايىتى كۆپ خىللىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن كىيگەن باش كىيىمگە قاراپ شۇ كىشىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى، قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ياش قۇرامىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى شەكىل جەھەتتىن ئومۇمەن قىشلىق تېرە تۇماق، سىدام دوپپا ۋە گۈللۈك دوپپىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەرقايسى تۈرىدە يەرلىك رايون پەرقى روشەن گەۋدىلەنگەن. تۇماق ئادەتتە قىشلىق باش كىيىمى بولۇپ، ئاساسەن تېرىدىن ئىشلىنىدۇ. نۇسخا جەھەتتىن ئاق تۇماق، سالۋا تۇماق، سوغا تۇماق، كۇلا تۇماق، يېڭىسار تۇمىقى، كېرىيە تۇمىقى، ساغان تۇمىقى، ھەربىيچە تۇماق، سۆسەر تۇماق، قاما تۇماق قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ھەرقايسى خىلدىكى تۇماقنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ، نەپىس ۋە كۆركەم ئىشلەنگەن. بۇ تۇماقلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئىشلىنىپ، ئېغىز گىرۋىكىگە سۈپەتلىك كۆپىدىن چوڭ - كىچىك زىغزىق تۇتۇلغان. بەزى تۇماقلارنىڭ ئۈستىگە قارا ياكى باشقا رەڭلىك رەختلەردىن بىر قەۋەت تاشلىق تۇتۇلۇپ ئەستىرىگە تېرە ئېلىنغان. ھەرخىل تۇماقلارنىڭ ئۆزىگە خاس قېلىپى بولۇپ، ئۇنىڭغا تۇماقچىلىقنى كەسىپ قىلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ يۈكسەك ماھارىتى سىڭدۈرۈلگەن. ئۇيغۇر تۇماقلىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە يىگىرمە سانتېمىتىردىن قىرىق سانتېمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئاياللارنىڭ تۇمىقى پەرقلىق بولۇپ، كۆپرەك ياشانغان ئاياللار ياكى بىر قەدەر مەرتىۋىلىك ئاياللار ھەرخىل مۇراسىملارغا قاتناشقاندا تۇماق كىيىدۇ. بۇ <قاما تۇماق> دېيىلىپ، ئۈستى قارا مەخمەل ياكى قارا دۇخاۋا بىلەن قاپلىنىدۇ. قاسقىنىغا بۆرەكچە شەكىلدە ئۈچ - تۆت سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى ئەتىۋارلىق قامىدىن گىرۋەك ئورنىتىلىدۇ، ئىچىگە يۇمشاق ئەلتېرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. بۇ تۇماقنىڭ تەننەرخى خېلى يۇقىرى بولغاچقا، ھاللىق شەھەر ئاياللىرى ئىچىگە كۆپرەك ئومۇملاشقان. <قۇلاقچا> مۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان قىشلىق باش كىيىملىرىدىن بىرى بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ھەمدە شەھەرلەردە كەڭرەك ئومۇملاشقان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى ئەنئەنىۋى تۇماقلىرى يەنىلا ئاساسلىق باش كىيىم ھېسابلىنىدۇ. دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىك قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان يازلىق باش كىيىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى نۇسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى، ھۈنەر - سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. قەشقەر شەھىرىنىڭ <دوپپا بازىرى> گوياكى تۈمەن مىڭ خىل رەڭدار گۈللەر بەس - بەستە ئېچىلغان گۈزەل باغچىغا ئوخشىشىدۇ. قەشقەر شەھىرىدە دوپپىچىلىق كەسپى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، بادام دوپپا، تاشكەنت دوپپا، گىلەم دوپپا، مەنپۇ دوپپا، تۈگۈچ مەنپۇ دوپپا، ئۈنچە دوپپا، كالۇتۇن دوپپا، ئىلمە گۈللۈك دوپپا، چىمەن دوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان دوپپا، سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق يۈز خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ دوپپىلار نوقۇل باش كىيىملا بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە بىر خىل گۈزەل سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقىنى بادام دوپپا بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. بادام دوپپىنىڭ تۈرلىرىمۇ بىر قانچە خىل بولۇپ، ھەممىسىگە تۆت دانە بادام شەكىللىك يېرىم ئاي نۇسخىسى ۋە جىيەكنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈمبەز شەكىللىك گۈل نەقىش قىلىپ جۇلالىق ئاق مەشۇت بىلەن تىكىلگەن. بۇ گوياكى ئاي ئەتراپىدا جىمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلارنى ئەسلىتىدۇ. گۈللۈك ۋە زەر باسقان دوپپىلار ئاياللارغا خاس بولۇپ، ئۇنىڭ نۇسخىلىرىمۇ كۆزنى چاقنىتىدۇ. قىزىل ۋە يېشىل دۇخاۋىدىن تىكىلگەن سىدام دوپپىلار كۆپرەك شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.(ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتى
باش كىيىم | UyghurWiki | UyghurWiki