قەدىمكى سەنئەت كىيىم - كىچەكلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتى
كىيىنىش ئادىتى ھاياتلىق ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ، بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۆزىنى بېزەشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ئېتنىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
كىيىنىش ئادىتى يالغۇز تارىخىي ۋارىسچانلىققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا يەنە دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. قەدىمكى تارىخىي خاتىرىلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى كىيىنىش ئادەتلىرى ھازىرقىدىن ناھايىتى زور پەرق قىلىدۇ. ئالايلۇق، سۈي - تاڭ دەۋرلىرىدە سەنئەت كىيىملىرى ھەرقايسى رايونلارنىڭ پەرقلىق بولۇپ، قەشقەر ئاياللىرى ئەشمە چاچ، يان ماڭلاي، چېكە ماڭلاي چاچ قويغان؛ بېشىغا ئالتۇن نەقىشلىك قىسقا گۈللۈك تاج، گۈللۈك تاج، گۈللۈك جىغا قادىغان؛ قولىغا ئۈزۈك، بىلەيزۈك سېلىپ، بوينىغا مارجان، زوننار ئاسقان، گۈللۈك ئۇزۇن كۆڭلەك ئۈستىگە ئالدى پەش ۋە ياقىلىرىغا كالۋۇتۇن يىپ بىلەن نەقىش ئويۇلغان كەمزۇل - جىلتىكە كىيگەن، پۇتىغا گۈل پۇچقاقلىق تامبال ۋە قوش تۇمشۇقلۇق قىزىل ئۆتۈك كىيگەن. ئەرلەر بولسا تون، پەشمەت، يەكتەك، ئالدى پەشلىرى ۋە ياقا - يەڭلىرىگە گۈل نەقىشلەنگەن كۆڭلەك، گۈل پۇچقاقلىق تامبال، قىزىل ئۆتۈك، گۈللۈك دوپپا كىيگەن. ساقال - بۇرۇت قويغان، بەللىرىگە پوتا - بەلباغ ۋە نەقىشلىك كەمەر باغلىغان. يېنىغا خەنجەر ئاسقان.
كۇچا ئاياللىرى ئېگىز تۈرمە چاچ، يان ماڭلاي چاچ، چېكە ماڭلاي چاچ، گىجىم (بۈدۈر) چاچ ۋە ئەشمە چاچ قويۇپ، بېشىغا ئالتۇن جىرغا، گۈل قاداق، گۈللۈك تاج قادىغان، قوللىرىغا ئۈزۈك، بىلەيزۈك سالغان، بېلىگە نەقىشلىك كەمەر ياكى پوتا باغلىغان، پۇتىغا قىزىل، قارا ئۆتۈك ياكى باسماق كىيگەن. ئۈستىگە نىمچە - كەمزۇل، جىلىتكە، گۈل پۇچقاق تامبال كىيىپ، ئۈستىگە تور يوپۇق تارتقان، ئەرلىرى گۈللۈك ئەرەنچە كۆڭلەك، دوپپا، گۈل پۇچقاقلىق تامبال ۋە رارا ئۆتۈك كىيگەن. ساقال - بۇرۇت قويغان، ئەر - ئايال سەنئەتچىلەر چېكىسىنى قەدىمكى ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە قارا تاۋار ياغلىق بىلەن تېڭىۋالغان. بۇنداق كىيىنىش ئادىتى قارخانىلار دەۋرىگە كەلگەندە يەنە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر ياسىغان. بۇ ھالنى بىز تارىخىي رومان <سوتۇق بوغراخان> دا تەسۋىرلەنگەن شاھزادىنىڭ تۆۋەندىكى تەسۋىرى سۈرىتىدىن كۆرەلەيمىز؛ <بېشىنىڭ چوققىسىغا تۈرمەكلىۋالغان يىرىك، قارا، ئۇزۇن چېچىنى باستۇرۇپ كالۋۇتۇن بىلەن كەشتە بېسىلغان تەيتۇللا بوغمىچا چىگكەن، ئۇچىسىغا يېشىل يىپەك تون كىيگەن. توننىڭ تۈز ياقىسىدىن ئېتىكىگىچە ئالتۇن رەڭ مەشۇتتىن كەشتە تىكىلگەن، خۇددى شۇنداق كەشتە كەڭ يېڭىدىمۇ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. ئالتۇن توقىلىق كەڭلىكى تۆت ئىلىك كېلىدىغان يىپەك بەلبېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۈچ غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا كۈمۈش قىنلىق، تۇچ ساپلىق خەنجەر ئېسىلغان. ئۇنىڭ سېپىغا سەدەپ قويۇلغان. جۈپ تىللىق قامچىسىنى ئاتقا ئۇرماي پات - پات سىلكىپ قويۇشى ۋە ئۇچلۇق تۇمشۇقىغا مىس قاپلانغان. تۇچتىن ئىشلەنگەن دىۋىتكۈچى بار ئۆتۈكلۈك ئايىغى ...> مانا بۇ تەسۋىرلەر قارا خانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدىن خەۋەر بېرىدۇ. (ئا)